ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۆلۈمدىن قۇتۇلغان قىزنىڭ شەپقەتچىسىگە بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    چەتئەل ئاخباراتلىرى يېقىندا ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر مەيدان كۆرۈنۈشنى خەۋەر قىلدى: ئامرىكا كىرىفلان شەھرىدىن بولغان 7ياشلىق قىز ئادىرىئانا.ئاۋىلىس، ئۆزىنى ئۆلۈم ئېغىزىدىن قۇتۇلدۇرغان شەپقەتچىسى—ئۈچ يىل ئالدىدا ئادىرىئانا ئۈچۈن يىلىك تەقدىم قىلغان مايك.لاۋرىنىس بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى؛ كىچىك ئادىرىئانا يىغلاپ تۇرۇپ، 29ياشلىق مايكنى قۇچاقلىدى؛ بۇ كۆرۈنۈش ئىنتايىن تەسىرلىك بولۇپ، ئادەم باغرىنى ئىزەتتى.
    2015-يىلى، ئەينى ۋاقىتتا ئەمدىن 4ياشقا كىرگەن ئادىرىئانا، دوختۇرلار تەرپىدىن ئاق قان كسىلى دەپ دىئاگونوز قويۇلدى. يىلىك تەقدىم قىلغۇچى مايك بولسا، داشۆدە ئۇقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا يىلىك تەقدىم قىلىش كىلىشىمنامىسى ئىمزالىغان بولۇپ، ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ساغلام ھەم خۇشال ياشاۋاتقان بىر ئادەم ئىكەن، شۇڭا ئۆزىنىڭ بۇ خىل ساغلاملىقى ۋە خۇشاللىقىنى باشقا تەلەيسىز كىشىلەر بىلەن تەڭ بەھىرلىنىش مەسئۇلىيىتى بار ئىكەن. مايكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ يىلىك تەقدىم قىلىش كىلىشىمنامىسى تۈزۈپ قول قويىشى، قانداقتۇ باشقىلارنىڭ مىننەتدارلىقىغا ئىرىشىش ئۈچۈن ياكى قەھرىمان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بۇنداق قىلىشنى توغرا دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئىكەن. ئۇنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالى ئىزچىل تۈردە ياخشى بولۇپ، ئەگەر باشقىلارنىڭمۇ ساغلام بولۇشىغا ياردەم قىلالىسام، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىشىم كىرەك دەپ قارايدىكەن. ئادەتتە، يىلىك تەقدىم قىلىشنى قوبۇل قىلغۇچى، بىر يىلدىن كىيىن ئاندىن تەقدىم قىلغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغان بولۇپ، بىر يىل چەكلىمە ۋاقتى توشقاندىن كىيىن، ئادىرىئانانىڭ ئانىسى دەرھال مايك بىلەن ئالاقىلاشقان. مايكنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئادىرىئانانىڭ ئانىسىنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقتىدا، چىن كۆڭلىدىن بىر خىل ئىللىقلىق تۇيغۇسى ھىس قىلغان ھەمدە غايەت زور بىر خىل خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسىغا چۆكۈپ قالغىنىنى بىلدۈرگەن.
    ئۈچ يىلدىن كىيىن، ئادىرىئانا بۇ خىل ئەجەللىك كىسەللىكنى يىڭىپ چىققان ھەمدە ئۆزىگە يىلىكىنى تەقدىم قىلىپ، جېىنىنى قۇتقۇزۇپ قالغان مايك بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن. ئادىرىئانا ۋە ئۇنىڭ قوشكىزەك سىڭلىسى مىئا بىرلىكتە، بۇ ياش قەھرىماننى ئۇزۇنغىچە قۇچاقلاپ قولىنى قويۇپ بىرىشنى خالىمىغان.  ئادىرىئانانىڭ دىيىشىچە، ئۇ گەرچە ئەمدى يەتتە ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ پىسخىكىسى خېلىلا پىشىپ يىتىلگەن بولۇپ، بۇ خىل ھاياتلىق سوۋغىتىنىڭ قانچىلىك قەدىرلىك ھەم قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇ چۈشىنىپ يىتەلەيدىكەن.
     ئادىرىئانانىڭ قوشكىزەك سىڭلىسى مىئامۇ مايكنى ئىنتايىن بەك ياخشى كۆرۈپ قالغان؛ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ، ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، ھازىر مايك بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا، مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان بىر خىل تۇتىشىش تۈگۈنى بار بولغان ئىكەن. ئادىرىئانانىڭ ئانىسى مۇنداق دىگەن: " مايكنىڭ بىزنىڭ ئائىلىمىز ئۈچۈن قانچىلىك چوڭ دەرىجىدە تۆھپە كۆرسەتكەنلىكىنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، مۇمكىن بولسا، مەن يۈرۈكۈمنى قولۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتسەم دەيمەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号