ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۆلۈۋالغان ئۈچىنچى شەخىس ياڭراتقان ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغىرىقى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئۇ كۈنى ئۈچىنچى شەخىس ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى.
    2016-يىلى 4-ئايدا، جىياڭسۇ ئۆلكىسى سۇچىيەن شەھرىدە، 21ياشلىق بىر قىز مىھمانخانا ياتىقىدا زەھەر ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى. ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ مۇنچىغا چۈشۈپ چاچلىرىنى پاكىزە يۇيغان ھەمدە چاچلىرىنى چىرايلىق ئۈرەپ، توي گىرىمى قىلىپ توي كىيىمى كىيىۋالغان ھالەتتە ئۆز ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرغان.
    ئۇ مىھمانخانىنىڭ ئىش قەغىزى بىلەن ھاياتلىقىدىكى ئاخىرقى ۋەسىيىتىنى قالدۇرغان ئىدى: "سىزگە ياتلىق بولۇش، ئۆمرۈمدىكى ئەڭ چوڭ شۇنداقلا مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇيۇم. خەير-خوش، ئاۋاتلىققا تولغان ھەم يىرگىنىشلىك كەلگەن دۇنيا".
   ئۇ، بويلىرى ئېگىز ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز بولۇپ، كوچىدا شۇنداق تۇرسا، ئاز دىگەندىمۇ %80 ئەر كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتاتتى. لىكىن ئۇ ئائىلىسى بار دىرىكتورىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىمۇ دىرىكتورنىڭ شەھۋانى ھەۋىسىنى قوزغىغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىككىسى ناھايىتى تىزلا بىرگە بولۇپ قالدى.
    كىيىنچە... كىيىنچە تىلغا ئالغۇدەك گەپ يوق. ئۇ ئىككىسىنىڭ ھىكايىسى تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان، مۇقىملىشىپ قالغان ئارگىناللاردىن كۆپ پەرقلەنمەيتتى؛ قىز بارغانسىرى ئازاپلىنىپ كۆڭلى يېرىم بولۇشقا باشلىدى.
    "قاچان ئاجرىشسىز؟"
    "ماڭا يەنە يېرىم يىل ۋاقىت بىرىڭ، مەن چوقۇم نىكاھتىن ئاجرىشىپ سىز بىلەن توي قىلىمەن؛ ئۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ئوتتۇرۇمدا مۇھەببەت يوق..."
    قىز بۇ گەپلەرگە ئىشەندى. بىراق، ئائىلىسى بار ئەرلەرنىڭ گېپىگە قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن؟ مۇھەببەت ئىچىگە چۆكۈپ كەتكەن قىزلار ئەقلىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا ئۇمۇ بۇ خىل يالغان ياۋىداق گەپلەر ۋە قىلچىلىك ئىشەنگىلى بولمايدىغان مۇھەببەت ئىچىدە، شىرىنلىك بىلەن ئازاپنى تەڭ تارتىپ بىر مەزگىل ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى.
    2016-يىلى 4-ئايدا، باھار چىچەكلىرى ئېچىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ كۈنى شىركەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە باھار سەيلىسىگە چىقىپ كەتتى. بىراق دىرىكتور بىلەن ئۇ بارمىدى. ئۇ ئىككىسى ئۇ قىزنىڭ ياتىقىدا شىرىن مۇھەببەت سۆزلىرىنى قىلىشىپ ياتاتتى. بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىزلا ئىشىك جالاقلاپ ئېچىلىپ، دىرىكتورنىڭ ئايالى كىرىپ كەلدى.
   چىرايىدىن قەبىھلىك چىقىپ تۇرىدىغان بىر توپ كىشىلەرنى كۆرۈپ، قىزنىڭ كاللىسى بىر پارچە بوشلۇققا ئايلاندى. ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى "پەسكەش قانجۇق" دەپ تىللىغىنىنى چالا-پۇلا ئاڭلىدى؛ ئۇ بىرسىنىڭ كىيىملىرىنى تارتىپ يىرتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى؛ ئۇنىڭ چۈش كۆرگەندەك غۇۋا خاتىرسىدە، ئۇلار ئۇنىڭ كاللىرىغا ئۇرۇپ، ئۇنى تېپىپ كاچاتلاۋاتقان مەنزىرە ئەكىس ئەتمەكتە...
     كىيىنچە ئۇلار، ئۇنى ئىتتىرىپ ياتىقىدىن چىقىرۋەتتى. ئۇ ۋاقىتتا باش باھارنىڭ غۇر-غۇر شاماللىرىنىڭ سۇغۇقى تېخى پۈتۈنلەي كىتىپ بولالمىغان ئىدى. ئۇ پۇتلىرى يالاڭئاياغ، ئۈستىگە نىپىز بىر پوپايكا كەيگەن ھالەتتە، كوچا بېشىدا قاراپ تۇراتتى؛ ئەتراپىدا بولسا، بىر توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ، بەزىلىرى تاماشا كۆرگەن قىياپەتتە، بەزىلىرى بولسا ھەيرانلىق قىياپىتىدە تۇراتتى.
    بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاندىن ئەس-ھۇشىنى تاپتى. ئەسلىدە ئۇ باشقىلارنىڭ ئۇرۇپ خورلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. بىراق ھېلىقى "سىزنى جېنىمدىن بەك ياخشى كۆرىمەن" دىگەن ئەر، پۈتكۈل جەرياندا ئۆزىگە ياردەم قىلىش ئەمەس، بىرەر ئېغىز "بولدى ئۇرماڭلار" دىگەن سۆزلەرنىمۇ قىلىپ قويمىغان ئىدى.
     مانا بۇ نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى ھالىتى. ئەر كىشى ئەزەلدىن سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان؛ ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى، پەقەت نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت ئېلىپ كەلگەن يىڭىلىق تۇيغۇسى ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇسىلا خالاس.
     كىيىن، ئۇ قىز ياتاقتىن ھەيدەلدى. ئۇنىڭ بارىدىغان باشقا يىرى بولمىغاچقا، يېراق بولمىغان جايدىكى بىر كىچىك مىھمانخانىدا، ئەرنىڭ كىلىپ ئىشنىڭ تەرەققىياتىنى سۆزلەپ بىرىشنى ساقلىدى.
     ئەمما بىر كۈن ئۆتتى، ئىككى كۈن، ئۈچ كۈن ئۆتتى؛ تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە، ئۇ ساقلىغىنىنىڭ بىكار ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتى.
    چىدىغۇسىز ھاقارەت ۋە ھەسرەتكە تولغان ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە، ئۇ ئۆمرىدە ئەڭ ھەشەمەتلىك گىرىم قىلدى، كەينىدىن توي كۆينىكى كىيىپ، ئۆتكۈر زەھەرلىك دىھقانچىلىق دورىسى ئىچىپ، رەھىمسىزلىككە ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتكە تولغان بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.
     ئۇ 2016-يىلى4-ئايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغاندىن كىيىن، تا ھازىرغا كەلگۈچە، ھېلىقى ئەر ئۆزىنى بىر قېتىممۇ كۆرسىتىپ قويمىدى.
نىكاھ سىرتىدا مۇھەببەتلەشكەن ئەرلەرنىڭ 95 پىرسەتنى ئائىلىسىگە قايتىشنى تاللايدۇ
    يۇقارقى خەۋەر تارقالغاندىن كىيىن، بەزىلەر ئۇنى قاغاپ ئۆلگىنى ياخشى بولاپتۇ دىيىشتى؛ يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىپ، نىمانداق ئەلەرنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشرىنى تۇنۇپ يىتەلمەيدىغاندۇ دىيىشتى.
    بىلىشىڭىز كىرەككى، پەقەت مۇۋاپىق پۇرسەت ۋە يىتەرلىك قىزىقتۇرۇش كۈچى بار بولسىلا، ئاساسى جەھەتتىن ھەممە ئەر كىشى تالاغا قاراش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيدۇ. بىراق، ئەگەر سىز ئۇنى ئاجرىشىڭ دىسىڭىز، بۇ مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش.
    2013-يىللىق نىكاھ كىرزىسى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە:
    2012-يىلى بىر يىل ئىچىدە، نىكاھ ئىچىدە تالاغا قارىغان ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرنىڭ نسىبىتى %53.8گە يەتكەن؛
    34% ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى كىشىلەردە، ئىلگىرى نىكاھتىكى جۈپتىدىن باشقا يات جىنىسلىقلارغا قارىتا قىزىقىش پەيدا بولۇپ باققان؛
    21.5% كىشىلەر، ئىلگىرى نىكاھتىدىكى جۈپتىدىن سىرتقى يات جىنىسلىقلار بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىپ باققان؛
    8.6% نىكاھ ئىچىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەردە، نىكاھ ئىچىدە تالاغا قاراش قىلمىشى كۆرۈلۈپ باققان.
    بىراق، نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت سەۋەپلىك نىكاھتىن ئاجراشقانلار %5 كىمۇ يەتمىگەن. دىمەك نىكاھ ئىچىدە تالاغا قارايدىغانلار ئاز ئەمەس، ئەمما ئۇلار مەسئۇل بولۇشنى خالىمايدۇ؛ ئۇلار ھەم تۇراقلىق نىكاھ تۇرمۇشى بار بولۇشىنى ھەم شەھۋەت ئىستىكى جەھەتتىكى ھاياجانلىق تۇيغۇسىغا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال، نىكاھ ئىچىدە تالاغا قارىغان ئەرلەرنىڭ ئىچىدە %95دىن ئارتۇقنى ئىگەللىگەن.

ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، نىكاھتىن ئاجرىشىش بىر ئاۋارىچىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيان ئېغىر
    نۇرغۇن ئۈچىنچى شەخىسلەر ئاڭقىرالمايدۇ: ئەرلەر ماڭا شۇنداق مەپتۇن بولۇپ تۇرۇپ، نىمە ئۈچۈن ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ مەن بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى خالىمايدۇ؟
    ئەرلەر ئەگەر ئايالى بىلەن ئاجراشسا ئۇلار تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار مەسىلىلەرگە دۇچار بولىدۇ: مال-مۈلۈكنى ئايرىش، ئۆينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئۆي-ماشىنا قەرزىنى ئايرىش، بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقى، ئورتاق ئىگە بولغان مۇناسىۋەتنى رەتلەش، ئۇرۇغ-تۇققان ۋە دوست-يارەنلىرى قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ قىلىش، ئىجتىمائى بايلىقنى ئايرىش، ئايالى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى بىراقلا ئۇنتۇپ كىتىش، بالىسىغا نىسبەتەن پەيدا بولغان خىجىللىق تۇيغۇسى، قايتا ئۆيلىنىش ئاۋارىچىلىقى ۋە قايتا ئۆيلىنىشنىڭ بالىغا يامان تەسىر بىرىش مۇمكىنچىلىكى...
     بۇ بىر قاتار ئىشلار، ئەر كىشىلەرگە نىسبەتەن، بەرداشلىق بىرىپ بولمايدىغان يۈككە ئايلىنىدۇ. ئەمما ئۈچىنچى شەخىس بىلەن ئايرىلىپ كىتىش، ئۇلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئاددى ھەم قولايلىق، پەقەت كۆڭۈل يۈگىنىنى بىر مەزگىل چىڭراق تارتىۋالسىلا بولىدۇ.
     ئادەم شەخسىيەتچى كىلىدۇ؛ ئاۋارىچىلىق ۋە زىيان كۆپ بولۇش ياكى ئاز بولۇش ئارىسىدا، ئۇلار ئەلۋەتتە ئاز بولۇشنى تاللايدۇ. شۇڭلاشقا، %95 ئەر كىشى ئائىلىسىگە قايتىشنى تاللايدۇ.
كۆپ يىللىق ئەر-خوتۇنلۇق مىھرى، بىز ئويلىغاندىن كۆپ چوڭقۇر
     نىكاھ ئىچىدە سىرتقا قارايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر دەيدۇ: نىكاھ نامدا بار ئەمەلدە يوق، ئايالىغا نىسبەتەن تۇققانلىق مىھرى بار، مۇھەببەت يوق؛ شۇڭا نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەتكە تېخىمۇ بەكرەك قىزىقىدۇ.
     مەن بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىمەن.
    ئالاقىدار تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوتتۇر ياش مەزگىلىگە يەتكەن ئەر-خوتۇنلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى زىرىكىشلىك تۇيغۇدا ئۆتىدىغان بولۇپ قېلىش بىر خىل نورمال ھالەتكە ئايلىنىپ قالغان. ئەمما زىرىكىش، ئايرىلىپ كىتىشتىن دىرەك بەرمەيدۇ.
     ئۇلار ھەر قېتىم نىكاھتىكى ھەمرىيى بىلەن شۇنچە كۈنلەرنى، يەنى ياكى جاپالىق ياكى بەخىتكە تولغان كۈنلىرىنى بىرگە ئۆتكۈزگىنىنى ئويلىغىنىدا، ئۇلار ئەمدى باشلانغان بىر بۆلەك ھىسياتنى دەپ نىكاھتىن ئاجرىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ.
     ئەر-خوتۇنلار بىرگە باشتىن ئۆتكۈزگەن كەچمىشلەر، ئۇلار ئوتتۇرلۇقىدىكى مىھىرنى چوڭقۇرلاشتۇرۋىتىدۇ.
    ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى بولسا، كۆپ يىللاردىن بويان تەدرىجى ھالدا شەكىللەنگەن بىر خىل تايىنىش ۋە ئادەتلىنىش ھىسابلىنىدۇ. بۇ خىل مۇناسىۋەت، ھاياجانلىق تۇيغۇسىغا قارىغاندا تېخىمۇ قەيسەر، شەھۋەت ئىستەكلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر، ئالاقىسى تېخىمۇ زىچ كىلىدۇ، ئۆزگىرىش ۋە تۇيۇقسىز زەربىگە تېخىمۇ بەكرەك چىدامچان كىلىدۇ.
     بۇ خىل ھاياتلىق ئادەتلىنىشى ئالدىدا، يىڭىدىن شەكىللەنگەن ھىسيات، ھەتتا رىقابەتچىمۇ بولالمايدۇ.
    يۇقاردىكى بىر تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى، نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى، قار-شىۋىرغانلار ئارىسىدا تەۋرىنىپ قالماي، مۇستەھكەم ھالدا ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەمما، بۇنداق ساقلاپ قېلىنغان نىكاھتا، ئارىغا بىر قېتىم دەز چۈشكەندىن كىيىن، ئوتتۇرلۇقتا ئازدۇر-كۆپتۇر سۇغۇقچىلىق پەيدا بولىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇلار ئۆزگىرىپ يىڭىچە ئادەم بولۇشقا تىرىشمىسا، ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئۆمۈرلۈك نىكاھ تۇرمۇشىدا خاتىرجەم ئۆتىشىمۇ ناتايىن بولۇپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号