ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سامساق بىلەن چاينىڭ تۇرمۇشتىكى پايدىلىق تەرەپلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-24 كۆرۈلىشى : قېتىم

   تۇرمۇشتا كۈندە چاي دەملەپ ئىچىشتىن ئايرىلالمايمىز، سامساقمۇ تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچ ماتىريالى؛ ئۇنداقتا چاي بىلەن سامساق ئىككىسى بىريەرگە كەلسە قانداق ئەمىلى قوللىنىشچان ئۈنۈملەرنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىككە بۇ ھەقتىكى ساۋاتلارنى تۇنۇشتۇرپ ئۆتىمىز.
1. ماشىنىدا باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
    سامساقنى ئاقلاپ يۇغاندىن كىيىن پارچە ھالەتتە توغراپ ئىستاكانغا سالىمىز؛ كەينىدىن ئۇنىڭغا ئازراق چاي قوشۇپ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ، 10 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويىمىز. چاي تەركىبىدىكى چاي پونىفونولنىڭ مىڭىنى سەگەكلەشتۈرۈش رولى بار، سامساق تەركىبىدىكى گارلتسېننىڭ بولسا نىرۋىنى غىدىقلاش ئۈنۈمى بار؛ بۇ ئىككى خىل تەسىردە بىز كاللىمىزنى سەگەك ھالەتتە ساقلىيالايدىغان بولۇپ، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.
2.  گۈرۈچ ساقلاش
    سامساقنىڭ پوستىنى ئاقلىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇنى بىر پارچە داكىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئازراق چاي قوشىمىز؛ كەينىدىن داكىدا سامساق بىلەن چاينى يۆگەپ، يىپ بىلەن داكىنىڭ تۆگلگەن قىسمىنى چىڭ باغلايمىز ھەمدە بۇنى گۈرۈچنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويىمىز. سامساقنىڭ ئاچچىقى گۈرۈچ قۇرتىنى يوقىتىدۇ، چاي بولسا گۈرۈچتىكى نەملىكنى سۈمۈرۋىلىش رولىنى ئوينايدۇ؛ بۇنىڭدا گۈرۈچنىڭ كۆكىرىپ بۇزۇلۇپ قېلىشىنىڭ ۋە قۇرتلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
3. توڭلاتقۇدىكى غەلىتە پۇراقنى يوقىتىش
    كۈندىلىك تۇرمۇشتا، توڭلاتقۇغا ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى سېلىپ ساقلىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى توڭلاتقۇدا بىر خىل غەلىتە پۇراق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، سامساق بىلەن چاينى بىرگە ئوراپ، توڭلاتقۇغا سېلىپ قويساق، چاي غەلىتە پۇراقلارنى ئۈنۈملۈك ھالدا سۈمۈرەلەيدۇ، سامساق بولسا باكتىرىيە ئۆلتۈرۈپ دىزىنفىكسىيەلەش رولىنى ئوينايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号