ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
باشقا ئەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئايالنىڭ مەقسىتى نىمە؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
     مەن ئىزچىل تۈردە، ئەگەر ئايال كىشى بىر بۆلەك مۇھەببەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ جىسمى ۋە قەلبىنى، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بىر ئەر كىشىگە تاپشۇرۇشى، بۇ ئايال كىشىنىڭ ئۇ ئەر كىشنى چوڭقۇر سۆيگەنلىكىدىن ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكىدىن بولىدۇ دەپ قارايتتىم.
    بىراق كىيىنچە، ئەتراپىمدا بارغانسىرى كۆپ كىشىلەرنىڭ، ئاياللارنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا ئەر كىشى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويۇشى، بەزىدە ھەقىقى مۇھەببەت سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى بەلگىلىك بىرەر مەقسەتنى كۆزلىگەنلىكىدىن بولىدۇ دىيىشىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. دەسلىۋىدە مەن بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھىس قىلدىم؛ چۈنكى ھەر نىمە دىگەن بىلەن، جىسمانى جەھەتتىكى ئۇچرىشىش ياكى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش جەھەتتە، ئاياللارنىڭ ئەسلىدىنلا پىرىنسىپى ۋە ئاخىرقى چېكى بولۇشى كىرەك ئىدى. ئەمما ئۆزۈمنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى دوستلىرىمنىڭ كەچمىشلىرىمۇ ماڭا، بەزىدە مۇھەببەتنىڭمۇ پايدا-مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىۋاتاتتى.
    ئەگەر يات جىنىسلىقلار ئالاقىسى جەريانىدا، بەزى ئاياللار ئەر كىشى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئۇلار كۆپىنچە تۆۋەندىكىدەك مەقسەتلەرنى كۆزلىگەن بولىدۇ.
ئەرلەردىن ئىرىشىدىغان مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىق تۇيغۇسىنى كۆزلەيدۇ.
    بەزى ئاياللار مۇھەببەت جەھەتتە ئىنتايىن شەخسيەتچى كىلىدىغان بولۇپ، ھۇزۇرلىنىشنىلا بىلىپ، ئەجىر سىڭدۈرۈشنى ياكى بەدەل تۆلەشنى بىلمەيدۇ. بۇنداق ئاياللار ئەرلەر تەرپىدىن قوغلاشقان ۋە ئەرلەر تەرپىدىن ياخشى كۆرۈلگەن تۇيغۇدىن ئىنتايىن ھۇزۇرلۇق ھىس قىلىدۇ؛ ئۇلار بىر ئەر كىشىنى ياخشى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئەر كىشىنىڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى رەت قىلمايدۇ؛ ئەر كىشى پەقەت ئۆزىگە يىتەرلىك تۈردە ياخشى مۇئامىلە قىلسىلا، بۇنداق ئاياللار ئۇ ئەر بىلەن بىرگە بولۇشنى خالايدۇ، ھەتتا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىنمۇ باش تارتمايدۇ.
   مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇنداق ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھەببەت كەمچىل بولسا بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىھتىياجلىق بولغان مۇھەببەت، كۆپىنچە ئەر كىشنىڭ ئايال كىشىگە بولغان مۇھەببىتى بولىدۇ. بۇنداق ئاياللارنىڭ ئەر كىشى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە رازى بولۇشى، ئۇ ئەر كىشنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى، قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتى ۋە ئىللىقلىقىنى كۆزلىگەن بولىدۇ.
ئەرلەرنىڭ ماددى شارائىتىنى كۆزلەيدۇ
    بەزى ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بىرگە بولۇشى مۇھەببەت ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئەمما يەنە بەزى ئاياللارنىڭ ئەلەر بىلەن بىرگە بولۇشى بولسا پۇل ئۈچۈن، يەنى تېخىمۇ ياخشى بولغان ماددى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بولىدۇ. بۇنداق ئاياللار ھازىرقى رىئال جەمئىيىتىمىزدە ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلار بەلكىم مۇھەببەتتىن ئازار يەپ مۇھەببەتكە قايتا ئىشەنمەس بولۇپ قالغانلىقىدىن شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى پۈتۈنلەي پۇلغا بىرىلىپ كەتكەن بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن؛ بۇنداق ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتى بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما پۇلى بولمىسا قەتئى بولمايدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ئاياللار پۇل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جىسمىنى سېتىپ، ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدۇ. ئۇچۇقىنى قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق ئاياللار ئەرلەرنىڭ ماددى شارئىتىنى كۆزلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارغا نسىبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ ماددى تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكتىن، ئەلەرگە تايانماي ئامالى بولمايدۇ؛ بۇنىڭدا ئەڭ بىۋاستە ئۇسۇل بولسا ئۆزىنىڭ جىسمى ئارقىلىق ئىرىشمەكچى بولغان ماددى شارائىتقا ئىرىشىشتۇر.
ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە بەرگەن ھاياجانلىق تۇيغۇسىنى كۆزلەيدۇ
    كۆپ قىسىم ئاياللارنىڭ ئويلايدىغىنى مۇقىم بولغان ھەم تىنچ-خاتىرجەملىككە تولغان مۇھەببەت؛ ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگشىپ، بەزى ئاياللار يەنىلا زىرىكىش ھىس قىلىدۇ؛ ئۇلار ھازىرقى تۇرمۇشىنى ئەھمىيەتسىز، ھېچقانداق يىڭىلىق تۇيغۇسى يوق ھىس قىلىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە ئەكەلگەن ھاياجانلىق تۇيغۇسىنى كۆزلەپ، ناھايىتى ئاسانلا ئەر كىشى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ.
    بۇمۇ دەل، ھازىرقى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ نىكاھ ئىچىدە تالاغا قاراپ، باشقا ئەر كىشى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويۇشىدىكى سەۋەپتۇر. بۇنداق ئاياللار ھەقىقى مۇھەببەت ئۈچۈن ئەمەس، ئەرلەرنىڭ پۇلىنى دەپمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ زىرىكىشلىك تۇرمۇشىغا ئازراق ھاياجانلىق تۇيغۇسى قوشۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. بۇنداق ئاياللار كۆپىنچە مۇھەببەتكە قارىتا مەسئۇلىيەتسىز كىلىدىغان بولۇپ، خالىغانچە بىرەر ئەر كىشى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ، ئەمما ئاخىرى ئۇنىڭدىن يەنە ئاسانلىقچە ئايرىلىپ كىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号