ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
77ياشلىق موماينى ئاياغ ئاستى قىلغان ئىپلاس
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-14 كۆرۈلىشى : قېتىم

    5-دىكابىر كۈنى، ئامرىكا تېكساس شىتاتى يەرلىك سوت كوللىگىيىسى كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بىر دىلونى قوبۇل قىلدى: بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن ئامرىكا پۇقراسى جېسسىي.گىرورىيا يالغاندىن ساقچى قىياپىتىدە ياسنىپ، ئاھالىلەر ئۆيىگە كىرىپ بولاڭچىلىق قىلغاندىن كىيىن، بۇ ئۆيدىكى 77ياشلىق بىر مومايغا باسقۇنچىلىق قىلغان. جېسسىي.گىرورىيانىڭ بۇ خىل ئادەم قىلىپىدىن چىققان جىنايى قىلمىشى، زاستاتىللار ئۆمىكىنىڭ قاتتىق غەزىۋىنى قوزغىغان.
    بۇ ۋەقە 2018-يىلى 8-ئاينىڭ كىيىنكى يېرىمىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۈستىگە ساقچى كىيىمى كىيىپ، ساقچىلار ئىشلىتىدىغان قورال-جابدۇقلارنى تۇلۇق سەپلىۋالغان جېسسي.گىرورىيا ئۆزىنى ساقچى دەپ، ئۆيگە كىرىپ تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى موماينى ئالداپ ئىشىكنى ئاچقۇزغان. جېسسىي.گىرورىيا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆينىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مومايدىن مال-مۈلۈك تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ يېنىدا پىچاق بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
    ئۆي ئىگىسى مومايغا باسقۇنچىلىق قىلغاندىن كىيىن، جېنايەتچى جېسسىي.گىرورىيا يەنە بۇ موماينىڭ ماشىنىسىنىمۇ بۇلاپ قاچقان. جىنايەتچى جېسسىي.گىرورىيا كەتكەندىن كىيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى موماي ئاندىن ساقچىغا تېلفون قىلىپ دىلو مەلۇم قىلغان ھەمدە ساقچىلار تەرپىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىلغان.
    جېسسي.گىرورىيا ئوغۇرلاپ كەلگەن ماشىنىنى كوچىدا قالايمىقان ھەيدەپ سوقۇپ، ئېغىر دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچراتقاندىن كىيىن، بىر ساقچى ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يولدىن ئۆتكەن ماشىنىلارغا تاش ئېتىپ قالايمىقانچىلىق چىقارغاندىن كىيىن، يىتىپ كەلگەن ساقچىلار تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان.
    جېسسي.گىرورىيا ھازىر ئامىرىكا تارانت ناھىيىلىك تۈرمىگە قامالغان بولۇپ، كېپىللىككە قويۇپ بىرىش ھەققى 105مىڭ ئامرىكا دوللىرى بىكىتىلگەن؛ ئۇ باسقۇنچىلىق قىلىش، بولاڭچىلىق قىلىش، ياشانغانلارنى زەخمىلەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، ساقچىلارنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋىلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ھازىر سوت كوللىگىيىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىنى كۈتىۋاتىدۇ. ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جېسسي.گىرورىيانىڭ قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى تۈرمە ھاياتى تەس كۈنگە قالىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号