ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
نامراتلار نىمە ئۈچۈن بارغانسىرى نامراتلىشىپ كىتىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
    سىز باي نامراتلىق پەرقىنى ھىس قىلىپ باققانمۇ؟ بەلكىم سىزمۇ ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيتقان  ئەھۋال ئاستىدا پۇلدارلارنىڭ بارغانسىرى پۇلدار بولۇپ كىتىدىغىنىنى، نامراتلارنىڭ بولسا بارغانسىرى كەمبەغەللىشىپ قالىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەن بولىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا بۇ زادى نىمە سەۋەپتىن شۇنداق بولىدۇ؟ ئەمىلىيەتتە ئاساسلىق سەۋەپ، نامرات كىشىلەرنىڭ بەزىبىر تۇراقلىشىپ قالغان قالاق ئىدىيىسىدە بولۇپ، بۇنداق تەپەككۇر ئەندىزىسى ئۇلارنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
1. تىجىگىلى بولسىلا تىجەشنى ئويلايدۇ
    باي بولۇشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار، يەنى كىرىمنى ئاشۇرۇش ۋە چىقىمنى تىجەش؛ بۇ ئىككى خىل ئۇسۇل ئوخشاش بولمىغان ئۈنۈم بىرىدىغان بولۇپ، نامرات كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا چىقىمنى تىجەشنى تاللايدۇ. كۆپ قىسىم نامرات كىشىلەر قولىدىكى پۇلى ئاز بولغانلىق سەۋەبىدىن چىقىمنى تىجەيدۇ، ئۇلار تاسادىبى ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ قالسا پۇل يوق بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، قالايمىقان پۇل خەجلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. توغرا! پۇلى ئاز كىشىلەر ھەقىقەتەن قالايمىقان پۇل خەجلىمەسلىكى كىرەك، ئەمما بۇ خىل پۇل خەجلىمەيدىغان روھى ھالەتكە ئادەتلىنىپ قالسا، ئادەم ھەر خىل ئەندىشىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، زۈرۈر بولغان مەبلەغ سېلىشلارنىمۇ ئۆتكۈزۈۋىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ.
2. پەقەت كۆز ئالدىنىلا ئويلايدۇ
    مەيلى خىزمەت بولسۇن ياكى تۇرمۇش بولسۇن، كۆز ئالدىمىزنىلا كۆرىدىغان بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. نەزەر دائىرىسى تار ئادەملەرنىڭ ئىستىقبالى بولمايدىغان بولۇپ، نۇرغۇن نامرات كىشلەر كۆپىنچە مۇشۇنداق كىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىشلارنى قىلىشتا بىرەر پىلانى بولمايدۇ، پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەتنىلا قوغلىشىدۇ. كۆز ئالدىنىلا كۆرۈشنىڭ بىر يىتەرسىزلىكى ئۆزىنىڭ خىزمىتى ۋە كىشىلىك ھاياتىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك پىلانى كەمچىل كىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئادەمنىڭ ئەندىزىسى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ، تەرەققىياتى ئەلۋەتتە ياخشى بولالمايدۇ.
3. تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ
   خىزمەت ساھەسىدە، ئەگەر تىنچ-خاتىرجەم بولۇشنىلا كۆزلەيدىغان بولسا، چوڭ پۇل تاپالمايمىز. تىنچ-خاتىرجەملىك سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ مۇقىم، كۆپ تەۋرىنىش يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇنداق خىزمەتنىڭ ئادەتتە ھېچقانداق رىقابەتچانلىقى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى بولمايدۇ. شۇڭا ئەجىر سىڭدۈرۈش ۋە نەتىجىگە ئىرىشىش ئوڭ تاناسىپ كىلىدىغان بولغاچقا، ئەگەر سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى ھەر ئىككىسى يۇقىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سىزنىڭ مائاشىڭىزمۇ ئەلۋەتتە يۇقىرى بولمايدۇ. ئەگەر سىز تەۋەككۈل قىلىپ، خەتىرى چوڭ، رىقابەتچانلىقى كۈچلۈك خىزمەتنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىسىڭىز، ئۇنداقتا نەچچە مىڭ يۈەنلىك ئايلىق مائاشقا قاراپ تۇرماي ئامالىڭىز يوق بولىدۇ.
4. پايدىلىنىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ
    نامرات كىشىلەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، پايدىلىنىۋىلىشنى ياخشى كۆرۈش بولۇپ، ھەرقانداق كىچىك بىر پايدا-مەنپەئەتنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بىرىشكە كۆزى قىيمايدۇ. بۇنداق ئالاھىدىلىكنىڭ بىر يامان تەرىپى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ شاپتۇل تىرىمەن دەپ تاۋۇزدىن قۇرۇق قېلىش، يەنى كىچىك مەنپەئەتكە ئسېلىۋىلىپ، چوڭ پايدىنى كەتكۈزۈپ قويۇشتۇر.
    پايدىلىنىۋىلىشنىلا ئويلاش، بىر تەرەپتىن ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ زىھنىنى خاتا جايغا مەركەزلەشتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، توغرا ئۇسۇل ۋە توغرا يولدا پۇل تېپىشنى ئويلاشمىغاندا، تەرەققىياتى ئەلۋەتتە ياخشى بولمايدۇ.
5. ئىجتىمائى ئالاقىنى رەت قىلىدۇ
    كۆپ قىسىم نامرات كىشىلەر ئىجتىمائى ئالاقىنى ياقتۇرمايدۇ؛ بۇنىڭ سەۋەبى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرسى ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى سەۋەبىدىن بولىدۇ، ئۇلار ئۆزىنى پۇلدارلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئوخشىمىغان ئىككى خىل قاتلامدا دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايدۇ؛ يەنە بىر سەۋەبى بولسا، بەزى نامرات ئادەملەر ئىجتىمائى ئالاقىدە پۇل خەجلەش كىرەك بولىدۇ دەپ قاراپ، ئۇلار بۇ خىل تەننەرخنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ. بۇ ئىنتايىن خاتا بىر قاراش بولۇپ، ئىجتىمائى ئالاقە بولسا كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ توپلىنىپ يېغىلىشىنىڭ بىر خىل تۈرى؛ ئەگەر ئىجتىمائى ئالاقىنى رەت قىلىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىڭىزنى تەرەققى قىلدۇرمىسىڭىز، خىزمەت جەھەتتە تەرەققى قىلىشىڭىز تەسكە توختاپ قالىدۇ.
    يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەش تۈرلۈك تەپەككۇر ئەندىزىسى كۆپ قىسىم نامرات ئادەملەردە بار بولىدۇ؛ سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا بۇنداق ئادەملەردىن بارمۇ؟

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号