ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
بىر ئېغىز سۆزنىڭ سەۋەبىدىن 120 جىڭ ئۇرۇقلىغان قىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
     مەڭگۈ بىر ئايال كىشىنى بوش چاغلاپ قالماڭ، ئۇ ھەتتا چىرايى ئادەتتىكىچىلا كەلگەن سېمىز ئايا كىشى بولغان تەقدىردىمۇ؛ بولمىغاندا، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز شاپىلاقلىغاندەك ئىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
    ئۈستىدىكى سۈرەتتىكى قىزچاقنىڭ ئىسمى جوسفىنىي.دىسگىراند ، ئۇنىڭ بەدەن شەكلى بىرقەدەر ياخشى، كۈلكىسى ناھايىتى يېقىملىق بولۇپ، كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئىتتىكلا كۆزگە چېلىقىدىغان بىر قىز ھىسابلىنىدۇ؛ بىراق سىز ئۇنىڭ ئىككى يىل بۇرۇن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يىتەلەمسىز؟
     ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، جوسفىنىي ھەممە ئادەمنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى سېمىز سىڭىلچاق ئىدى.
    جوسفىنىي كىچىكىدىنلا يۇقىرى ئىنىرگىيىلىك ئەخلەت يىمەكلىكلىرىنى يىيىشنى ياخشى كۆرەتتى ھەمدە ھەرىكەت قىلىشنىمۇ ياقتۇرمايتتى؛ بۇ سەۋەپلىك، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ناھايىتى تىزلا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىپ، باشقا كىچىك قىزلار چىرايلىق گۈللۈك كۆينەكلەرنى كىيىپ ئويناۋاتقان ۋاقىتتا، جوسفىنىي پەقەت چوڭ نۇمۇرلۇق كەڭ كۆينەكلەرنى كىيىپ بىر چەتتە قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغان ھەمدە باشقىلارنىڭ مەسخىرىسى ۋە باشقىچە قاراشلىرىغا بەرداشلىق بەرمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالدى.
   جوسفىنى بۇ سەۋەپلىك يەنە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى بارغانسىرى يوقىتىپ، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ھەمدە خامۇش بولۇپ قالدى؛ ئۇ باشقىلارغا گەپ قىلىشنى خالىمايتتى، يىڭى دوست تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى، ئۇ ھەتتا بىر نەرسە يىيىشنى تەشۋىشلىنىشىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى قىلىۋالغان ئىدى. بىراق بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىغىنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەڭ ئېغىر بولغان ۋاقىتتا 240 جىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.
    سېمىز كەلگەن بەدەن ھالىتى، جوسىفىينىڭ ھەر خىل مەسخىرىلەرگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىر قېتىملىق تانسا كىچىلىكى ھەققىدىكى پاراڭ جەريانىدا،  ئۇنىڭ يېنىدىكى دوستلىرى ھەممىسى خۇشال ھالدا قانداق كىيىم كىيىپ ياسىنىش ھەققىدە مۇزاكىرگە چۈشۈپ، كىملەرنىڭ ئۆزىنى تانسىغا تارتىشى ھەققىدە مۇلاھىزە باشلىۋەتتى؛ بىراق جوسفىيغا نۆۋەت كەلگەندە، ھەممىسى دىيىشىۋالغاندەكلا جىم تۇرۋىلىشتى.
    چۈنكى، ھەر نىمە دىگەن بىلەن، جوسفىينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بەدەن شەكلىگە نىسبەتەن، ئۇ يا چىرايلىقراق كىيىم كىيەلمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى تانسىغا تەكلىپ قىلىدىغان ئوغۇللارنىڭ بولماسلىقىمۇ ئىھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن ئىدى؛ ئاخىرقى نەتىجىدە، ئويلىغىنىغا ئوخشاشلا، جوسفىنى تانسا كىچىلىكىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇل بالىنىڭ مەسخىرە قىلىشى كەمسىتىشىگە ئۇچرىدى.
     بۇ قېتىملىق ئىش جوسفىينىڭ يۈرىكىنى قاتتىق ئاغرىتتى؛ شۇنىڭ بىلەن جوسفىي ئۆزىدە بەزىبىر ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىش قارارىغا كەلدى. ھازىر دەل سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ كىشىگە باھا بىرىدىغان زامان بولۇپ، ھېچقانداق ئادەمنىڭ سىزنىڭ سېمىز ھەم كۈرۈمسىز كەلگەن سىرتقى قىياپىتىڭىزدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، سىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىزدىكى گۈزەللىكىڭىزنى بايقاش مەجبۇرىيىتى يوق ئىدى.
     ئۆزگىرىش ناچار تۇرمۇش ئادىتى ۋە يىمەكلىك ئادىتىنى تاشلاشتىن باشلاندى.
   جوسفىي بارلىق ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مىۋە-كۆكتات ۋە تۆۋەن ماي تەركىبلىك يىمەكلىكلەرنى ئالماشتۇردى؛ كىچىلىرى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىمايدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، ھەر كۈنى بالدۇر يېتىپ، ئەتىگىنى بالدۇر ئورنىدىن تۇرىدىغان بولدى؛ خۇسۇسىي تىرىنىر تەكلىپ قىلىشقا پۇلى بولمىسا، ئۇ ئۆزى ماتىريال ئىزدەپ، تېلىۋىزور پىروگىراممىلىرىغا ئەگىشىپ بىر ھەرىكەت بىر ھەرىكەتتىن مەشىق قىلدى.
    200جىڭدىن ئاشىدىغان سېمىز بىر ئادەمگە  نىسبەتەن، ئادەتلىنىپ كەلگەن يىمەك-ئىچمەك ئادىتىنى بىراقلا ئۆزگەرتىپ، ھەممىنى نۆلدىن باشلاش ھەرگىز ئاسان ئەمەس بولۇپ، بۇ جەرياندىكى تارتقان جاپالارنى ھەممىمىز ئويلاپ يىتەلەيمىز. جوسفىي ھەر قېتىم قورساقلىرى ئېچىپ، كۆڭلى پەرىشان بولغان ۋاقىتلىرىدا، ئۆز-ئۆزىگە كۆڭلىدە "يەنە ئازراق بەرداشلىق بەر، يەنە ئازراق چىدىۋەت" دەپ مەدەت بىرەتتى.
    نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئازراقلا چىدىۋەتسىڭىز، يەنە ئازراقلا چىدىۋەتسىڭىز، سىز بەلكىم ئىزچىل تۈردە چىداپ ئۆتۈپ كىتەلىشىڭىز مۇمكىن.
    بەرداشلىق بىرىپ چىداپ ئۆتۈپ كىتىشنىڭ نەتىجىسى بولسا، ئۆزىنى قايتا تۇغۇلغاندەك يىڭىچە بىر ھاياتلىققا ئىرىشتۈرۈش بولىدۇ.
    بىر يىلدىن كىيىن، جوسفىنىي ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ بىر پارچە سۈرىتىنى چىقارغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ھەيرانلىقتىن ئېغىزلىرىنى يۇمالمايلا قالغان ئىدى.
    بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ھېلىقى سېمىز قىز ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۆزگىرىش بەك، بەك چوڭ بولۇپ كەتتىمۇ نىمە؟

    كۆكسى دىسە كۆكسى بار، بەل دىسە بىلى بار، پۇت دىسە ئىنچىكە پۇتلىرى بار بولۇپ كىتىپتۇ!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号