ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللار خىزمەتكە بارغاندا قانداق ياسىنىشى كىرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۈندىلىك خىزمەتتە، ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشتىن باشقا، خىزمەتتىكى ئوبرازىمىزغىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كىرەك؛ چۈنكى سىرتقى قىياپەت بىزنىڭ بەلگىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، جەزبىدار ھەم رەتلىك كۆرۈنىدىغان ھالەتتە ياسىنىۋالغان خىزمەتچى ئاياللار ئادەمگە تېخىمۇ ياخشى تەسىرات ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسى بىرىدۇ.
كوپتا ماسلاشتۇرۇش
    كوپتا خىزمەتتىكى بەلگە خارەكتىرلىك ياسىنىش يەككە سەپلىمىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؛ ئەمما سىز سۇغۇرتا ساتقۇچىلارغا ئوخشاپ قالماي دىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ ياخشىراق كاللا قاتۇرۇپ تاللىشىڭىز توغرا كىلىدۇ.
    ئالدى بىلەن، ماتىريالى جەھەتتە پاختا رەخت، يىپەك قاتارلىق ئۆزىنى تاشلاپ تۇرىدىغان ماتىرياللارنى ئالدىن ئويلىشىشقا بولىدۇ.

 

    پاسون جەھەتتە، تىكىلىشى ئاددى، ئەمما لاھىيىلىنىش تۇيغۇسى مول كەلگەن پاسونلارنى تاللىماق لازىم.

    ئەلۋەتتە، رەڭ جەھەتتە ئاق رەڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، رەڭلىك كوپتىلارنىمۇ سىناپ باقساق بولىدۇ؛ رەڭلىك كوپتا ئادەتتە ساپ رەڭلىك كوپتىلارغا قارىغاندا، سىزنى تېخىمۇ جانلىق كۆرسىتىدۇ.

كاستوم ۋە پلاش(风衣) ماسلاشتۇرۇش
    سۇغۇق چۈشۈشكە باشلىغان بۇ كۈنلەردە كوپتا ئۈستىگە چاپان (ياكى يېپىنچا) قوشماي بولمايدۇ؛ كاستوم بىلەن پلاش ھەم جەزبىدارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە ھەم مودا كەلگەن ئۈستى يېپىنچا بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ئىشتان ماسلاشتۇرۇش
   خىزمەت ئۈچۈن ياسىنىشتا، ئىشتان تاللاشمۇ بىرقەدەر ئاسان بولۇپ، ئاساسلىقى تەنھەرىكەت ئىشتىنى، دەرىجىدىن تاشقىرى قىسقا ئىشتان ۋە تۆشۈكچىلىرى زىيادە كۆپ تۆشۈكلۈك ئىشتان كىيىشتىن ساقلانساقلا، باشقا پاسوندىكى ئىشتانلار ئاساسى جەھەتتىن مەسىلە چىقمايدۇ.

يوپكا ۋە ئۇزۇن كۆينەك ماسلاشتۇرۇش
   يۇقىرىدا تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بارلىق يەككە سەپلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوپكا بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيىشكە بولىدۇ؛ يوپكىنىڭ ئۆزىدە تەبىئى بار بولغان مۇلايىملىق خۇسۇسۇيىتى، سىزنىڭ ياسىنىشىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاياللىق نازاكىتى ئېلىپ كىلىدۇ، سىزنى مۇلايىم ھەم ئىقتىدارلىق كۆرسىتىدۇ.

   ئۇزۇن كۆينەك تېخىمۇ ئاددى بولغان تاللاشتۇر. بۇنىڭدا ئوخشاشلا پاسونىنىڭ ئاددىيراق بولۇشى ۋە رەڭ جەھەتتە تۆۋەن ماقامدىراق بولۇشىغا دىققەت قىلساقلا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号