ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
كىچىلىرى ئۇخلىيالمايدىغان ئاياللار دىققىتىگە!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
    ئادەم ئەمىلىيەتتە بەك كۆپ نەرسىلەرگە ئىھتىياجلىق ئەمەس؛ سىز پەقەت ساغلام ھالەتتە ياشىيالىسىڭىز، چىن دىلىڭىزدىن سۆيەلىسىڭىز، بۇمۇ بىر خىل بايلىقنىڭ نىشانىسىدۇر.
-2-
    كاللىڭىزدىن ئۆتكۈزەلمىسىڭىز، ئويلاپ ئولتۇرماڭ؛ قولغا كەلتۈرەلمىسىڭىز، ۋاز كىچىڭ؛ ئۆزىڭىزنى تەڭلىككە سېلىشىڭىز قىلچىلىك ھاجەتسىز.
-3-
    ھاياتلىقتا، مەيلى بىر ئادەمنىڭ پەيدا بولۇشىنى قوبۇل قىلىڭ ياكى بىر ئادەمنىڭ ئەتراپىڭىزدىن يوقاپ كىتىشىنى قوبۇل قىلىڭ، قوبۇل قىلىش ئەڭ ياخشى مۇلايىملىق بولىدۇ.
-4-
    تۇرمۇشتا ھارغىنلىق ھىس قىلىش، ئازراق بىر قىسمى جان ساقلاش ئۈچۈن، كۆپ قىسمى باشقىلار بىلەن بەس تالاشقانلىقتىن بولىدۇ.
-5-
    ھاياتلىقتا مۇتلەق ئادىللىق بولمايدۇ، ئەمما نىسبەتەن ئادىل كىلىدۇ. ئەگەر جىڭغا قويۇشقا توغرا كەلسە، سىزنىڭ ئىرىشكىنىڭىز قانچە كۆپ بولغانسىرى، سىز چوقۇم باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ بەدەل تۆلىشىڭىز شەرت بولىدۇ.
-6-
    سىزدە قەيسەر بولۇشتىن باشقا ئامال قالمىغان بىر كۈنلەر كەلمىگۈچە، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك قەيسەر ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلەلمەيسىز.
-7-
    سىزگە تەئەللۇق نەرسە، ھامان سىزنىڭ بولىدۇ؛ سىزگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىلەرنى زورىغا ئىرىشىمەن دەپ يۈرمەڭ. تىرىشقان بولسىڭىز، قەدرىنى قىلغان بولسىڭىز، باشقا ئارمىنىڭىز قالمايدۇ؛ قالغانلىرىنى تەقدىرگە قويۇڭ.
-8-
    بەرداشلىق بىرەلمەي قالغان ۋاقىتلىرىڭىزدا، ئۆزىڭىزگە "مەن بەك چارچاپ كەتتىم" دىسىڭىز بولىدۇ؛ ئەمما ھەرگىز كۆڭلىڭىزدە "مەن بولالمىدىم" دەپ ئىتراپ قىلىپ سالماڭ.
-9-
    ھاياتلىقتا سىزنى يېقىتىشقا يىتەرلىك بولغان نۇرغۇن ئىشلار بار، ئەمما سىزنى ھەقىقى تۈردە يېقىتالايدىغىنى پەقەتلا ئۆزىڭىزنىڭ روھى ھالىتىدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号