ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
بۇ يىللىق ئەڭ مودا ماسلاشتۇرۇش—پلاش ۋە لابا ئىشتان
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەگەر قىش پەسلىنى پەلتونىڭ زامانى دىسەك، ئۇنداقتا كۈز پەسلى پلاشنىڭ(风衣) ئالىمىگە ئايلىنىدۇ. پلاش ئەزەلدىنلا لاتاپەتنىڭ سىمىۋولى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنى كۆينەك بىلەن ماسلاشتۇرۇساق مۇلايىم ھەم نازاكەتلىك كۆرۈنىدۇ؛ پادىچىلار ئىشتىنى بىلەن ماسلاشتۇرساق ئۆزگىچە ھەم قاملاشقا كىلىدۇ؛ ئەمما كۈز پەسلىگە ماس كىلىدىغان ياسىنىشنى ئېيتساق يەنىلا پلاش بىلەن لابا ئىشتاننى ماسلاشتۇرۇشتۇر. لابا ئىشتان كۆرۈنۈشتە سالاپەتلىك ھەم راھەت كىلىدىغان بولۇپ، پلاش بىلەن ماسلاشتۇرۇلسا، بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، لاتاپىتىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۋىتىدۇ.
پلاش + بىر خىل رەڭلىك لابا ئىشتان
    بىر خىل رەڭدىكى لابا ئىشتان لاھىيىلىنىشى ئاددى ھەم كۆپ پاسونلارغا ماسلىشىدىغان بولۇپ، ھەر خىل پاسونلاردىكى پلاشلار بىلەن ناھايىتى ياخشى ماسلىشىپ كىلىدۇ ھەمدە لاتاپىتىڭىزنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرىدۇ.

پلاش + لابا پادىچىلار ئىشتىنى
   پادىچىلار ئىشتىنى سىزنى ئۆزگىچە خارەكتىردە ھەم قاملاشقان كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مۇلايىم سالاپەتكە ئىگە پلاش بىلەن ماسلاشتۇرۇساق ھېچقانداق قاملاشمىغانلىق تۇيغۇسى بەرمەيدۇ؛ لابا پادىچلار ئىشتىنى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيىشتە، كىلاسسىكلىققا ئىگە بىر خىل رەڭدىكى پلاشتىن باشقا، يوللۇق ياكى كاتەكچە كەلگەن پلاشلارمۇ سىزنىڭ يامان ئەمەس تاللىشىڭىز بولالايدىغان بولۇپ، سىزنى تېخىمۇ مودىلىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.

پلاش + كاتەكچە لابا ئىشتان
    كاتەكچە ئۇسلۇپ ئەزەلدىن قەدىمىيلىككە ئىگە كەلگەن بىر پاسون تۈرى، پلاش بولسا لاتاپەتنىڭ سىموۋولى، شۇڭلاشقا كاتەكچە ئۇسلۇپقا پلاش قوشۇلغاندا، بۇ سىزنى ناھايىتى سالاپەتلىك قىلىۋىتىدۇ.

پلاش + يان تەرەپتە يول سىزىقچىلىرى بار لابا ئىشتان
   تەنھەرىكەت ئۇسلۇبى ئېقىمى جانلىنىپ كەتكەن  يېقىنقى ئىككى يىلدىكى مودا چەمبىرىكىدە، يان تەرەپتە يول سىزىقچىلىرى بار ئىشتان يەنە بىر قېتىم زور ئالقىشقا ئىرىشكەن يەككە سەپلىمە بولۇپ قالدى؛ بۇ پاسوندىكى ئىشتاننى پلاش بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كەيگەندە، خۇددى يىڭى بىر ئېقىمنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقاندەك يىڭىلىق تۇيغۇسى بىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号