ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ياۋرو-ئامىرىكا چولپانلىرى سىزگە خىزمەتچى ئاياللارنىڭ گىرىم ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
ياۋرۇ-ئامىرىكا چولپانلىرىنىڭ دىدۇكسىيە كەسپى گىرىم قىلىش ئۇسۇللىرى

ئېمما.ۋاتسون
   ئېمما ۋاتسوننىڭ مودا پىرىنسىپى: قاتلانما كۆز گىرىمىگە توم ھەم ئۇزۇن قاش ماسلاشتۇرىدىغان بولۇپ، باربىي مەلىكىگە ئوخشىمايدۇ ئەمما باربىي مەلىكىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.
   ئېممانىڭ مۇراسىمدىكى مودا ئۇسلۇبتا ياسىنىشلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپلا قالماي، ئۇنىڭ يېقىندا يەنە ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى ئاياللارغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى ھەققىدە ئىزنالار كۆرۈندى. ئۇنىڭ چاچلىرىنى كەينىدىن بوغىۋىلىشى ئۇنىڭ روھلۇق ھەم جەزبىدار كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇنىڭ قېنىق رەڭدە ئازراق توم ھالەتتە قىلىنغان قاش گىرىمى ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ئۆتكۈر ھەم نۇرلۇق كۆرسىتىدۇ؛ ئۇنىڭ كۆز گىرىمى قويۇق ھەم ئەگمە كەلگەن كىرپىك شەكلىنى ئاسا قىلىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل كۆز گىرىمى تۆۋەن ماقامدا بولسىمۇ، ئەمما مودا تۇيغۇسىغا تولغان كەلگەن.
   ئىممانىڭ ئىلگىرىكى كاستۇم كىيىپ مۇراسىمغا قاتنىشىش ياسىنىشى شەكلى، خىزمەتچى ئاياللارنىڭ ئۆگىنىش ئۆلگىسى بولالايدىغان بولۇپ، تىمەنلىك تۇيغۇسىغا ئىگە كاستومغا گۈزەل ھۆسىن ۋە گىرىمى قوشۇلۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك ھەيۋە تۇيغۇسىغا ئىگە كۆرنىدۇ. ئۇنىڭ گىرىمىگە قارايدىغان بولساق، سىزىق تۇيغۇسى تەكىتلەنگەن قاش شەكلى ناھايىتى قاملاشقان بولۇپ، ئازراق ئۈستىگە كۆتۈرۈلگەن كۆز قۇيرۇقى ئۇنىڭ كۆز شەكلىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ؛ بۇنىڭغا ئۇنىڭ قېلىن كىرپىكلىرى قوشۇلۇپ، ئۇنى ناھايىتى  كۈچلۈك مودا تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.
   ئېممانىڭ ھەرخىل مۇراسىملاردىكى ياسىنىش شەكلى كۈچلۈك ۋەكىللىك خارەكتىرىگە ئىگە بولۇپ، ياندىن ئايرىلغان چاچ پاسونى ئۇنىڭ قارا كاستومى ئېلىپ كەلگەن تېمەنلىك تۇيغۇسىنى نىتراللاشتۇرغان؛ ئۇنىڭ قېنىق قوڭۇر رەڭدىكى توم قېشى ئۇنىڭ قاش شەكلىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاددى قوڭۇر رەڭلىك كۆز گىرىمى ئۇنىڭ قېلىن كىرپىكلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنى ئاشۇرغان؛ بۇلارغا ئۇنىڭ تۇمان قىزىل رەڭلىك لەۋ گىرىمى قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاددى ئەمما مودا كەلگەن كىلاسسىك گىرىم ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن؛ بۇ خىل گىرىم ئۇسلۇبىنى خىزمەتچى خانىم-قىزلارمۇ سىناپ باقسا بولىدۇ.
كەرىي.موللىگان
كەرىي.موللىگاننىڭ مودا پىرىنسىپى: ئاقلىقىدىن نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان تەگ گىرىمى مەڭگۈ قېلىپ قالمايدىغان مودا گىرىم ئۇسۇلى.
   كەرىينىڭ گانا كىنو-فىلىم بايرىمى مۇراسىمىدىكى گىرىمىمۇ خىزمەتچى خانىم-قىزلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىغان بولۇپ، پاكىزە كەلگەن تەگ گىرىمى ئۇنىڭ تىرىسىنىڭ سۈزۈكلۈك تۇيغۇسىنى ئاشۇرغان؛ سۇس قوڭۇر رەڭدىكى قاش گىرىمى، ئۇنىڭ چەبدەسلىك تۇيغۇسىغا ئىگە كۆز گىرىمى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنى ناھايىتى روھلۇق ۋە جەزبىدار كۆرسىتىدۇ؛ بۇلارغا ئۇنىڭ قىزىلغا مايىل كالپۇك رەڭگىدىكى لەۋ گىرىمىنى پۈتكۈل گىرىمنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىشى ۋە چاچلىرىنى ئاددىلا قىلىپ كەينىگە تۈگۈۋىلىشى ئۇنىڭ پاكىزە ھەم جانلىق كۆرسىتىدۇ.
   كەرىينىڭ باشقا مۇراسىملاردىكى ياسىنىش شەكلىگە قارىساق، كەينىگە تۈگۈۋالغان چاچ پاسۇنى ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قىلغان پارقىراق تەگ گىرىمىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ گىرىمىنىڭ ئاساسى نوقتىسى سۇس قوڭۇر رەڭلىك قاش قەلىمىدە چەبدەسلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قاش شەكلىنى سىزىپ چىققانىلىقىدا؛ بۇنىڭدا قىلغان گىرىمى ناھايىتى قاملاشقان چىققان بولۇپ، ئاددى كەلگەن كۆز گىرىمىگە قوشۇلۇپ، ئادەمگە بىر خىل تونۇشلۇق ۋە يېقىنلىق تۇيغۇسى بىرىدۇ.
ئېمما.سىتون
ئېمما.سىتوننىڭ مودا پىرىنسىپى: ئاساسى نوقتىنى كۆزنىڭ قۇيرۇق قىسمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەلىپكارلىقى ناھايىتى ئۈستۈن بولغان پىشىپ-يىتىلگەن چوڭ كۆز گىرىمى قىلىش.
   ئېمما.سىتون يېقىندا مودا ئەركىسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر خىل مۇراسىملاردىكى ياسىنىش شەكلى ۋە  مودا سۈرەتلىرى توختىماستىن يىڭىلىق ئېلىپ كەلمەكتە. ئېممانىڭ مودا بولۇۋاتقان توم قاشتىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىنچىكە ئۇزۇن قاشلىرى باشقىچە ئۇسلۇپقا ئىگە بولۇپ، قوڭۇر رەڭلىك كۆز ساھيىسى قاتلامغا بۆلۈنۈپ بويالغان؛ قارا رەڭلىك كۆز سىزىقچىلىرى ۋە كىرپىك كۆز ئەتراپى قىسمىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئېممانىڭ كۆزلىرىنى تەبىئى ھالدا چوڭ كۆرۈنىدىغان قىلغان؛ بۇنىڭغا سىزىقچىلىرى ئىنىق كەلگەن قىزىل لەۋ قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ گىرىمىنى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى يۇقىرى دەرىجىدە تارتىدىغان تۈسكە ئىگە قىلغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号