ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
باش كۈزدە ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن چاپان ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۈز كۈنلىرىدىكى بىرىنچى چاپانغا سىز قايسى خىلدىكىنى تاللايسىز؟ ئەگەر مەندىن سورىسىڭىز، مەن چوقۇم بۇ خىلدىكى كاستوم چاپاننى تەۋسىيە قىلىمەن.
  ئەمما بىلىشىمچە، كاستوم چاپان گەرچە ناھايىتى مودا ھەم ئالقىشقا ئىرىشكەن بولسىمۇ، كوچىلاردا بۇنداق كاستوم چاپان كىيىۋالغانلارنى ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ؛ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، يەنىلا سىزنىڭ كىيىنىش جەھەتتىكى ئاتالمىش قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالغانلىقىڭىزدىن بولىدۇ.
   كاستوم چاپان ئەسلىدىنلا قائىدە-يۇسۇنلۇق تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، ئەگەر پاسونىنى توغرا تاللىيالمىسىڭىز ياكى ماسلاشتۇرۇپ كىيەلمىسىڭىز، مودا ئۈنۈمىگە ئىرىشمىكىڭىز تەسكە توختايدۇ.
   يۇقىرىدا كۆرسىتەلگەن سەۋەپلەر تۈپەيلى، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە مودىكەشلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن "قائىدىسىز" كىيىنىش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، قېنى كىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ!
 
كاستوم چاپان + يوپكا
   سىزنى لاتاپەتلىك كۆرسىتىدىغان ھەم ماسلاشتۇرماق ئاسان بولغان يوپكا ھەممىدىن بەك مۇلايىملىق تۇيغۇسىغا ئىگە؛ كاستوم چاپان بىلەن يوپكىنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشىغا ئوماقلىق ۋە قاملاشقانلىق بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ، سىزنىڭ مودا ھەم مەپتۇن قىلارلىق كۆرسىتىدۇ.

   ئازادە كەلگەن كاستوم چاپان بىلەن توقۇلما ئۇزۇن كۆينەك كەيسىڭىز، سىزنىڭ ئۆزگىچە خارەكتىرگە ئىگە قىلىدۇ.
   كاستوم چاپاننىڭ ئىچىگە كوپتا-يوپكا كىيىۋىلىشىڭىزمۇ يامان ئەمەس تاللاش بولۇپ، كوپتىڭىزنىڭ پىشىنى يوپكىنىڭ ئىچىگە تىقىپ، بەل سىزىقلىرىڭىزنى گەۋدىلەندۈرسىڭىز، ھەرقانچە ئازادە كاستوم چاپانمۇ سىزنىڭ گۈزەل بەدەن شەكلىڭىزنى يۇشۇرۇپ قالالمايدۇ.
    ئۇزۇن كۆينەك ئادەمنى مۇلايىم ھەم لاتاپەتلىك كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا كاستوم چاپان ماسلاشتۇرۇپ كەيسىڭىز، سىزنى سەنئەتكار ياشلاردەك كۆرسىتىدۇ.

كاستوم چاپان + oversized
 oversizedنىڭ كاستوم چاپانلىرى قويۇق كەلگەن كىلاسسىكلىق تۈسكە ئىگە بولۇپ، كەڭ ھەم ئازادە كەلگەن پاسون شەكلى كۈچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، سىزنى ئەركە كۆرسىتىغان ئۆزگىچە خارەكتىرگە ئىگە قىلىدۇ.
    بىر نومۇر چوڭ بولغان كاستوم چاپاننىڭ مودا تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ، ئوخشاشلا كىلاسسىقلىققا ئىگە پادىچلار ئىشتىنى ماسلاشتۇرسىڭىز مودا دەرىجىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.

    ئىستىراھەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمەن دىسىڭىز، تۈز شەكىلدىكى پادىچىلار ئىشتىنى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىزدۇر.

    بۇندىن باشقا يەنە كەڭ ئازادە تۇرىدىغان ئىشتان ۋە بىر نۇمۇر چوڭ بولغان كۇنۇس شەكىللىك ئىشتانمۇ سىزنى ئوخشاشلا مەپتۇن قىلارلىق كۆرسىتىدىغان ئۈنۈمگە ئىرىشتۈرىدۇ.

كاستوم چاپان + لابا ئىشتان
   پۇتنىڭ سېمىزلىكىنى يۆگەيدىغان ھەم ئىگىز كۆرسىتىدىغان لابا ئىشتان كاستوم چاپان بىلەن ماسلاشتۇرۇلسا، ئاددى ئەمما مودا كۆرنىدۇ.

   تەنھەرىكەتچىلەر لابا ئىشتىنى بىلەنمۇ ماسلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بولۇپ، سىزنى كوچا مودىكەشلىرىدىن قېلىشمايدىغان كۆرسىتىدۇ.
   ئەگەر ئارىلاش ماسلاشتۇرۇشنى ياقتۇرمىسىڭىز، ئاستى-ئۈستى بىر يۈرۈش بولغان كاستوم چاپان تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

كاستوم چاپان + ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆينەك
   كاستوم چاپانغا كۆينەك ماسلاشتۇرۇش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ماسلاشتۇرۇش شەكلىدۇر. ئەمما كۆينەك تاللاش جەھەتتە سىز "قائىدىلىك " تۇيغۇسى كۈچلۈك كەلگەن خىزمەتچىلەرنىڭكىگە ئوخشايدىغان كۆينەكلەرنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆينەكلەرنى ماسلاشتۇرسىڭىز، ئومۇمىي ئۇسلۇبىڭىز تېخىمۇ مودا كۆرۈنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号