ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللارنىڭ ياسىنىش سەۋيىسىنى بۇ تۆت نوقتىدىن بىلىۋىلىشقا بولىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بەزى خانىم-قىزلارنىڭ كىيىمى گەرچە ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ كىيىملىرىنى كىيىۋالغاندا بەك يارىشىملىق بولۇپ كەتمەيدۇ؛ بەدەن شەكلى ۋە چىراي گۈزەللىك دەرىجىسىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، بۇ بەلكىم سىزنىڭ كىيىمنى خاتا تاللاپ كەيگەنلىكىڭىز سەۋبىدىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك، بىز بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، خانىم-قىزلار ياسىنىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرنەچچە تۈرلۈك نوقتىلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.
1. پاسون جەھەتتە
    كىيىم پاسونى بىرلا نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياسىنىشنى بىلىدىغان خانىم-قىزلار كۆپىنچە كىلاسسىكلىق تۇيغۇسىغا ئىگە، لاھىيىلىنىشى ئاددىيراق بولغان پاسونغا بەكرەك مايىل كىلىدۇ. مەسىلەن ھەر ۋاقىت كىيىم ئىشكابىدا زاپاس ساقلايدىغان  ئاساسى پاسوندىكى قارا ئۇزۇن كۆينەك، خىزمەتتە ياكى كۈندىلىك ئىستىراھەت تۇرمۇشىدىمۇ كىيىۋىلىشقا بولىدىغان ئەرەنچە ياقىلىق كۆينەك قاتارلىقلار، ئادەتتە بۇ خىل پاسوندىكى كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇشتا ئاسانلىقچە خاتالىق كىلىپ چىقمايدۇ.
    كۈز كۆنلىرىدە كۆپ كىيىۋالىدىغان پەلتو، ئادەتتە ياسىنىشنى بىلىدىغان خانىم-قىزلار ئازراق ئازادە كەلگەن پاسوننى تاللايدۇ؛ پادىچىلار چاپىنىدىن شەكلى ئاددى، ئەمما لاھىيىلەش تۇيغۇسىنى يوقاتمىغان پاسوننى تاللاش كىرەك؛ ئىشتان تاللىغاندىمۇ، ئوخشاشلا ئازراق بوش كىلىدىغىنىنى تاللاش، ئەمما سۆرىلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بىرىدىغان ئىشتانلارنى تاللىماسلىق كىرەك.
2. رەڭ جەھەتتە
    پاسوندىن باشقا، كىيىملەرنىڭ رەڭگىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەي بولمايدۇ. ئاق، قارا، كۈلرەڭ ۋە توپا رەڭ تۈرلىرى، ھەممە ئادەمگە ماس كىلىش بىلەن بىرگە ھەرخىل سورۇنلاردا كىيىشكە ماس كىلىدۇ. قارا رەڭ قارىماققا سالماق ھەم چوڭ سۈپەت كىلىدۇ؛ كۈلرەڭ سالماقلىق تۇيغۇسىدىن باشقا يەنە يۇقىرى سۈپەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ؛
   رەڭگى ئۇچۇق كەلگەن كىيىملەرمۇ يارىشىملىق كىلىدۇ، ئەمما تويۇنۇش دەرىجىسى ۋە پارقىراقلىقى زىيادە يۇقىرى بولغانلارنى تاللاشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئۆتكەن يىلى مودا بولغان تۇمانسىمان كۆك رەڭ ئادەمگە يىڭىلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ؛ قۇرۇغان قىزىلگۈل رەڭگى بولسا مۇلايىملىق ۋە بىلىملىك تۇيغۇسى بىرىدۇ ھەمدە سىزنى تېخىمۇ ئاياللىق نازاكىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ يىل مودا بولغان قىزىل نەشپۈت رەڭگى بولسا، ئۇچۇق قىزىل رەڭگە ئوخشاش ئۇنداق قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشمىسىمۇ، ئەمما سىزنى تېخىمۇ كۆپ ئىسىلزادىلىك ۋە سىرلىقلىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.
3. سورۇن جەھەتتە
    ياسىنىشنى بىلىدىغان خانىم-قىزلار، ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇپتا ياسىنىدۇ. مەسىلەن، خىزمەتچى ئاياللار ئادەتتە خىزمەت سورۇنلىرى، ئىشخانا دىگەنلەردە كۆپرەك ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار ئادەتتە بىرقەدەر قائىدىلىك ياسىنىدۇ.
    ئەگەر كوچا ئايلىنىشقا چىققان ياكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بارغان ۋاقىتلاردا، خارەكتىرىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا ياسىنىۋالساق بولىدۇ؛ چېنىققىلى چىققان ۋاقىتلاردا بولسا تەنھەرىكەتچىلەردەك ياسىنىۋالساق بولىدۇ.
4. گۈللۈك كىيىملەر
    ياسىنىشنى بىلىدىغان خانىم-قىزلار، ئادەتتە كۆزنى ئالا-چەكمەن قىلىدىغان قىزىل يىشىل ھەر خىل گۈل بېسىلغان ماتىرياللىق كىيىملارنى تاللىمايدۇ؛ ئۇلار نىسبەتنە كىلاسسىقلىققا ئىگە، قارىماققا يېقىشلىق تۇرىدىغان گۈللۈك كىيىملەرنى تاللايدۇ. مەسىلەن، قەدىمىي كىلاسسىقلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان كىچىك چىكىتلىك كىيىملەر، سىزنى ئوماق ھەم جانلىق كۆرسىتىدۇ؛ مەيلى سىز خىزمەتچى بولۇڭ، ياكى ساياھەت قىلىۋاتقان قىزچاق بولۇڭ، پەقەت ماسلاشتۇرۇپ كىيەلىسىڭىزلا، سىزنى گۈزەل قىلىۋىتىدۇ.
    چىكىت گۈللۈك كىيىملەردىن باشقا، كاتەكچە ۋە يوللۇق گۈللۈك كىيىملەرمۇ، بىر قەدەر يارىشىملىق كىلىدۇ. يۇقىرىقى رەسىمدىكىگە ئوخشاش قىزغۇچ رەڭدىكى كاتەكچە ئۇزۇن كۆينەك، سەنئەت تۈسىگە ئىگە بولغاندىن سىرت يەنە ئاياللىق لاتاپىتىڭىز ۋە نازاكىتىڭىزنى يوقىتىپ قويمايدۇ؛ كاتەكچە كاستوم بىلەن كاتەكچە يوپكا ماسلاشتۇرۇلغاندا، لاتاپىتىڭىزنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، سىزنى يەنە چەبدەس كۆرسىتىدۇ؛ يوللۇق كۆينەك بولسا، سىزنى نازاكەتلىك كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، سىزنى ئىستىراھەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号