ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللار قىرىقتىن ئاشقاندا بۇ خىل ئاياغلارنى كەيسە بولمايدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللار قىرىق ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، بۇ ئۈچ خىل ئاياغنى كىيىشكە بولمايدۇ؛ بولۇپمۇ ئۈچىنچى خىل ئاياغلار ئۇلارنى ھەم قوپال ھەم ياشقا چوڭ كۆرسىتىپ قويىدۇ.
   ئاياللار 40ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، قانداق ئاياغلارنىڭ ئۆزىنىڭ لاتاپىتىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغانلىقىنى بىلىۋىلىشى كىرەك؛ ئەمىلىيەتتە، ئۆزىنىڭ كىيىنىش ئۇسلۇبىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئاياغلارنى ماسلاشتۇرۇپ كەيگەندە ئاندىن چىرايلىق كۆرنىدىغان بولۇپ، 40 ياشتىن ئاشقاندا كىيىم بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان ئاياغلارنى تاللاشتا بەكرەك دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. تۆۋەندە بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، 40 ياشتىن ئاشقاندا ھەرگىز كىيىشكە بولمايدىغان ئۈچ خىل ئاياغنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1. پور ئاياغ
    ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ خىلدىكى پور ئاياغلارنى بىلىدۇ! بۇ خىل ئاياغلار غەلىتە ياسىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ياش قىزلارنىڭ ئەڭ ئامراق سەپلىمىلىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، بەزى 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللارمۇ مودا قوغلىشىپ، بۇ خىل پور ئاياغ ئېقىمىغا ئەگىشىپ كىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە بىز قاراپ باقساق، خىشقا ئوخشاش ئاياغ تاپىنى، قانداق قول سېلىشنى بىلىپ بولمايدىغان بوغقۇچ، ماتىريالى قىش پەسىلنىڭكىگە، ئاياغ ئۇچىنىڭ ئۇچۇق بولۇشى ياز پەسىل ئۇسلۇبىغا ئوخشاپ كىتىدىغان لاھىيىلىنىشى ئادەمنىڭ كاللىسىنى قايدۇرۋىتىدۇ.
   ئەگەر ئىگىز كۆرۈنۈش ئۈنۈمىگە ئىرىشمەكچى بولساق، ئازراق ئىگىز كۆرسىتىش ئۈنۈمى بار ئاق ئاياغ تاللىساق بولىدۇ، ئۇچۇق ھەم يىڭىچە كەلگەن سىرتقى كۆرنىشى، ئۇنچە قېلىن بولمىغان چەمى قوشۇلۇپ، سىزنى مۇكەممەل كەلگەن ئىگىز كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە قىلالايدۇ.
2. ساپما ئاياغ
    بۇ خىل ئاياغ ئۇنچە بەك غەلىتە ئەمەس، چۈنكى ھەر نىمە دىگەن بىلەن، بۇ خىل پاسوندىكى ئاياغ ياشلارنىڭ ئارىسدا ناھايىتى مودا بولغان؛ بولۇپمۇ كەينى تەرىپىدە كىچىك قامىسى بولغان بۇ پاسۇندىكى ئاياغ بازارغا چىققاندىن كىيىن، بۇ خىلدىكى ئاياغ پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا مودا بولدى. ئەمما 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللار بۇ خىل ئاياغنى كەيسە، ئازراق قاملاشمىغاندەك كۆرسىتىپ قويىدۇ؛ شۇڭا ئادەتتە قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىپ قېلىشتىن ئىھتىيات قىلماق لازىمدۇر.
   راھەتلىك دەرىجىسىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ھېچقانداق پاسون بۇ خىلدىكى دوۋدوۋ ئايىغىغا تەڭ كىلەلمەيدۇ؛ بۇ خىلدىكى خۇرۇم ماتىريال پاچاققا يېقىشلىق بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئاياغنى كەيگەندە خۇددى ئۆيدە ساپما كەش كىيىۋالغاندەك ئازادىلىككە چىقىپ قالىسىز؛ ئەڭ مۇھىم بولغىنى بۇ خىلدىكى ئاياغ 40ياشتىن ئاشقان ئاياللارغا ئەڭ ماس كىلىدىغان بولۇپ، ئىستىراھەت پاسونىدىكى لاھىيىلىنىش، قانداق ماسلاشتۇرۇشىڭىزدىن قەتئىنەزەر سىزگە ئازادىلىك تۇيغۇسى بىرىدۇ ھەم سىزنى چوڭ سۈپەت كۆرسىتىدۇ.
    راھەتلىك دەرىجىسىنى تىلغا ئالغاندا، يېقىندا ئىنتايىن مودا بولۇپ كەتكەن مومايلارئايىغى، نۇرغۇن مودىكەشلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن بولۇپ، ئوتتۇرا ياشلىقلار چەمبىرىكىدىمۇ ياخشى باھاغا ئىرىشكەن.
3. سىيدام كەلگەن كالتا قونجىلىق ئۆتۈك
    كۈز ۋە قىش كۈنلىرىدە، پەلتۇ بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيىشكە ئەڭ ماس كىلىدىغىنى، كالتا قونجىلىق ئۆتۈكتۇر. بۇ تۈردىكى ئۆتۈكلەرنىڭ ئىچىدە تەبىئىلا ئاساسلىق پاسونلىرى بار بولۇپ، ئاساسلىق پاسونلاردىن گەرچە چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ دىسەكمۇ، ئەمما بۇ خىلدىكى ناھايىتى سىيدام، كۆمۈردەك قارا رەڭدە كەلگەن رەڭ تۇيغۇسى، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى توم پاشنا لاھىيىسى قاتارلىقلار سىزنى قەدىمقى زاماندىكى ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆتىكىنى كىيىۋالغاندەك كۆرستىپ قويىدۇ.
   ئۇچى ئۇچلۇق كەلگەن كالتا قونجىلىق ئۆتۈك ئەزەلدىن ئۆزگىچە تۇيغۇ بىرىدىغان بولۇپ، ئاددى ھەم سىيدام كەلگەن سىرتقى لاھىيىلىنىش ئۇنى ناھايىتى سۈپەتلىك كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭغا ئاسانلىقچە باشقا پاسونغا ئوخشىشىپ قالمايدىغان نۇسخا تىپى قوشۇلۇپ، ئۆزگىچە بولغان ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ. پۈتەنلەي قوي تىرىسى ماتىريالىدىن ئىشلەنگەن ئۆتۈك تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك كۆرنىدىغان بولۇپ، مەيلى يوپكا-كۆينەك ياكى ئىشتان بىلەن ماسلاشتۇرۇلمىسۇن، سىزنى ھەرۋاقىت "كىلىشكەن" كۆرسىتىدۇ.
    قارا رەڭلىك تەتۈر تىكىلگەن كالتا قونجىلىق ئۆتۈك، قامىغا ئوخشاش كۈز ۋە قىش پەسلىدە كىيىشكە ماس كىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى ھازىرقى زامان تۇيغۇسىغا ئىگە سەپلىمىنى كىيىۋالسىڭىز، سىزنى تېىخىمۇ لاتاپەتلىك كۆرسىتىپ، سىزنى ھازىرقى زامان ئاياللىرىغا خاس سالاپەتكە ئىگە قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号