ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ياۋرۇ-ئامىرىكا ئۇسلۇبىدىكى سۇس گىرىم قىلىش ماھارىتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۆز گىرىمىنىڭ قانداق بولۇشى گىرىم ئۇسلۇبىڭىزنىڭ ئەكىس ئەتتۈرلۈشىگە ناھايىتى مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەر خىل كۆز گىرىملىرىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل گىرىم ئۇسلۇبىڭىزنىڭ گەۋدىلەندۈرەلەيسىز؛ بۇ سەۋەبلىك ئوخشاش بولمىغان گىرىم ماھارەتلىرىنى ئىگەللىۋىلىشىڭىز لازىم بولىدۇ، چۈنكى ئوخشاش بولمىغان گىرىم ماھارەتلىرى سىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇپتىكى كۆز گىرىم جەلىپكارلىقىڭىزنى شەكىللەندۈرىدۇ. باش كۈزدىكى گىرىم ئۇسلۇبى ۋە كۆز گىرىمىنىڭ تۈرى كىچىك قىزلار تۇيغۇسى ئالاھىدىلىكىگە تېخىمۇ ماس كىلىدىغان بولۇپ، كۆز گىرىم ماھارەتلىرىدىن ياخشى پايدىلانسىڭىز، گىرىم ئۇسلۇبىڭىزنى پۈتۈنلەي ياۋرۇ-ئامىرىكا ئۇسلۇبى تۇيغۇسىغا ئىگە قىلالايسىز. تۆۋەندە بىز سىزنىڭ ھۇزۇرىڭىزغا ياۋرۇ-ئامىرىكا ئۇسلۇبىدىكى سۇس گىرىم ماھارىتىنى سۇنىمىز، ياقتۇرغايسىز!
    بىرىنچى قەدەم: ھازىر بىز كۈندىلىك ئادەتتىكىچە ياۋرۇ-ئامىرىكا ئۇسلۇبىدىكى گىرىم قىلىدىغان بولغاچقا، قاشنىڭ قۇيرۇق قىسمىنى ئازراقلا كۆتۈرسەك بولىدۇ؛ ئەگەر بەك ئىگىز كۆرۈرۋەتسەك، "كۈل قىز"نىڭ ئۆگەي ئاپىسىغا ئوخشاپ قالىمىز.
    ئىككىنچى قەدەم: توپا رەڭ تۈرىدىكى كۆز ساھيىسى تاللىساق بولىدۇ؛ سۇس قۇڭۇر رەڭلىك كۆز ساھيىسىدا تەگلەپ، قىزىل قوڭۇر رەڭدە رەسىمدىكى يۇمىلاق نوقتا ئورنىدىن كەينىگە قاراپ بويايمىز، كۆز قۇيرۇق قىسمىنى ئازراق ئۈستىگە كۆتۈرىمىز.
    ئۈچىنچى قەدەم: قېنىق قوڭۇر رەڭدە كۆز چاناقلىرىنى بويايمىز، دائىرىسى ئادەتتىكىدىن چوڭراق بولىدۇ؛ ئەڭ سۇس رەڭدە كۆز بۇرجىكىنى پاقىرتىمىز، پاقىرتىش دائىرى كۆزىمىزنىڭ ئىچكى قىسىم بۇجىكىدىن بۇرۇن سۆڭىكىگىچە بولسا بولىدۇ.
   تۆتىنچى قەدەم: كۆز چانىقىنى ئۆزىمىز خالاپ، كۆتۈرسەكمۇ ياكى كۆتۈرمىسەكمۇ بولىدۇ، پەقەت تۆۋەنگە ساڭگىلاپ كەتكەن كۆز چانىقى سىزىپ قويمىساقلا بولىدۇ؛ يالغان كىرپىك چوقۇم بولمىسا بولمايدۇ، چۈنكى ھەقىقى كىرپىكتىن بۇ خىل ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيمىز.
   بەشىنچى قەدەم: كۆز گىرىمى ئاياغلاشقاندىن كىيىن، تىرە رەڭگىمىزدىن بىر نۇمۇر ئالدىنقى رەڭدىكى نۇقسانلارنى ياپىدىغان ئاقارتىش مېيىنى كۆز ئاستىن قاپاققا مۇۋاپىق مىقداردا سۈرۈپ، قولىمىز بىلەن ئاستا ئۇرۇپ سۈمۈرتۈپ بىرىمىز؛ بۇنىڭدا ياش ئېرىقچىسىنى يۆگەش ۋە ئاستىن قاپاقنى پاقىرتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
   ئالتىنچى قەدەم: قاڭشار مېيى سۈرىگەن ۋاقىتتا ئاستىدىن ئۈستىگە بىر سىزىق بويىچە سۈرىۋەتمەي، قاڭشىرىمىزنىڭ ئوتتۇر قىسمى ۋە بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىغىلا سۈرىسەك بولىدۇ.
  يەتتىنچى قەدەم: ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان شاپتۇل چىچىكى رەڭگىدىكى (豆沙粉) لەۋ سۇرۇخىنى تاللاپ، ئۇنى كالپۇكىمىزغا تۇلۇق سۇۋاپ چىقساق، ناھايىتى مۇلايىم بىر تۇيغۇ بىرىدۇ.
ئۆزى ئاددى بولغان ياۋرۇ-ئامىرىكا ئۇسلۇبىدىكى گىرىم قىلىش ئۇسۇلىمۇ بۇ يەرگە كەلگەندە ئاخىرلاشتى.  كۆز گىرىمى قىلىش ماھارىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، گىرىمىمىز ئۈچۈن ئۆزگىچە ئۇسلۇپ يارىتىپ چىقىشقا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号