ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئوغۇللارنىڭ قىزلارغا بولغان مۇھەببىتى سىنىلىدىغان پەيتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
1. بىريېقىنلاپ، بىر يېراقلاپ تۇرىدىغان ئارلىق ساقلىغان ۋاقتىڭىزدا
    سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ھەرۋاقىت سىزنى كۆرۈپ تۇرۇشنى ئويلايدۇ؛ ئەگەر سىز ئۇنىڭغا بىردەم يېقىنلاپ بىردەم يېراقلاپ تۇرسىڭىز ئۇ چوقۇم چىدىيالمايدۇ؛ بۇلۇپمۇ ئۇ سىزنى قوغلىشىۋاتقان، مۇھەببەتلەشكىنىڭلارنى تېخى بىكىتمىگەن ۋاقىتتا، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ چىن دىلىدىن ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىپ يىتەلەيسىز. ئەگەر ئۇ سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرمىسە، سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردىكى ئارلىقنىڭ يېقىن ياكى يېراق بولۇشىغا بەك ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ.
2. ئۇنىڭغا مۇلايىم ھەم يېقىنچىلىق قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان ۋاقتىڭىزدا
    ئادەتتە ئوغۇللار قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى ۋە يېقىنچىلىقىنى رەت قىلمايدۇ؛ ئەمما ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمىسە ۋە سىزگە دەخلى قىلىپ قويۇشنى خالىمىسا، سىز ئۇنىڭغا قانچە يېقىنچىلىق قىلغانسىرى، ئۇ سىزدىن شۇنچە قورقىدۇ؛ بۇ بەلكىم ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن قورققىنى بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشنى خالىمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سىزنىڭ مۇلايىملىقىڭىز ۋە يېقىنچىلىقىڭىزنى قوبۇل قىلىشنى خالىسا، بۇ سىزنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ؛ ئەلۋەتتە قارشى تەرەپ چوقۇم تۈز كۆڭۈل كەلگەن، باشقىلارنىڭ ھىسياتىنى ئالدايدىغان ئادەم بولمىغان بولۇشى كىرەك.
3. سىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتىڭىزدا
    بىر ئادەمنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا رازى بولىدۇ؛ بولۇپمۇ سىز قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ۋاقتىڭىزدا سىزدىن ئايرىلماي، سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، سىزنى ئاسرايدۇ؛ سىز ئۈچۈن مەيدە كېرىپ چىقىپ، سىزگە ئىللىقلىق تۇيغۇسى يەتكۈزىدۇ. ئەگەر سىز چوڭراق ئاۋارىچىلىققا يولۇققان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ ھەمىشە باھانە-سەۋەب كۆرسىتىپ سىزگە ياردەملىشىشكە بارمىسا، ئاۋارىچىلىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك سىزنىڭ قېشىڭىزدا پەيدا بولسا، بۇنداق ئادەمدىن ۋاقتىدا يېراق تۇرىشىڭىز كىرەك.
4. ئۇنىڭغا سۇغۇق مۇئامىلە قىلغان ۋاقتىڭىزدا
    ئەگەر سىز ئۇغۇللارنىڭ سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭغا قارىتا سۇغۇق مۇئامىلە قىلىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بەزىدە قانچىلىك سۇغۇق مۇئامىلە قىلالىسىڭىز شۇنچە سۇغۇق بولسا تېخىمۇ ياخشى. ئەگەر ئۇ سىزنىڭ سۇغۇق مۇئامىلىڭىزگە چىدىسا، بۇ ئۇنىڭ سىزگە كۆڭلى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ سۇغۇق مۇئامىلە قىلىشىڭىز ياكى قىزغىن مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا پەرۋا قىلمايدۇ.  ئەگەر ئۇ سىزنىڭ سۇغۇق مۇئامىلىڭىزگە چىدىيالمىسا، بۇ ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سىزنىڭ سۇغۇق مۇئامىلە قىلىش ياكى قىزغىن مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا ناھايىتى بەك ئىتىبار بىلەن قارايدىغىنىنى چۈشەندۈرىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号