ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللار ئاڭلاشنى ئەڭ ياقتۇرىدىغان 3جۈملە مۇھەببەت سۆزى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
     مۇھەببەت، بەزىدە تاق يۆنىلىشلىك بولۇپ قالىدۇ؛ بەلكىم نۇرغۇن ئەرلەر شۇنچىلىك تىرىشىپ تۇرۇپمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ئاياللارنى كۆڭلىنى ئۇتالمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئويلىرىنىمۇ بىلەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەرلەر ئەگەر ئاياللارنىڭ ئوي-خىياللىرىنى بىلىپ يىتەلمىسە، ئەسلىدىنلا ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان مۇھەببەتنى ئاسانلا قولدىن كەتكۈزۈپ قويىشى مۇمكىن.
     ئەمىلىيەتتە ئاياللار ئاڭلاشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆز "مەن سىزنى سۆيىمەن" ئەمەس؛ چۈنكى بۇ سۆزنىڭ ئازراقمۇ يىڭىلىقى يوق، ھەمدە سىزنىڭ ھەقىقى مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلىيەلىشىمۇ ناتايىن. ئاياللار بەزىبىر يىڭىلىق تۇيغۇسى بىرىدىغان، ئۆزى ئاددىي ئەمما سەمىمىي بولغان، سىزنىڭ چىن مۇھەببىتىڭىزنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرەلەيدىغان سۆزلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
1. "سىزگە نەچچە پۇل لازىم، ئېيتىۋىرىڭ."
    بەزىلەر پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس دىيىشىدۇ، ئەمما پۇل بولمىسا قەتئى بولمايدۇ؛ پۇل بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرۇپلا قالماي، يەنە مۇھەببەتكە نىسبەتەنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا پۇل لازىم بولىدۇ؛ پۇل بولمىسا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى قىزنى تاماققا تەكلىپ قىلىشىڭىزمۇ تەسكە توختايدۇ.
     رىئال تۇرمۇشنى پۇل ئارقىلىق ساقلاش لازىم بولىدۇ، كىنو-فىلىملەردىكى "ھەقىقى مۇھەببەت تەڭداشسىز كىلىدۇ" دىگەن سۆزلەرگە ئىشىنىپ كەتمەڭ، چۈنكى بۇلار رىئال ۋەقەلىكلەر ئەمەس. سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار ھەرقانچە چوڭقۇر بولسىمۇ، پۇل كەم بولۇپ قالسا يەنىلا بولمايدۇ. مەسىلەن قىز دوستىڭىز(ياكى ئايالىڭىز) بىر نەرسە سېتىۋالماقچى بولۇپ، سىزدىن پۇل سورىسا، سىز ئۇنىڭغا " قەدىرلىكىم، بىز مۇھەببەتلىشىۋاتقاندىكىن ھىسياتنىلا ئاساس قىلىپ، پۇلنىڭ گېپىنى قىلىشىپ يۈرمەيلى" دىسىڭىز، سىزنىڭچە قىز دوستىڭىز قانداق ئىنكاس قايتۇرار؟ ئەگەر بۇ خىل ئەھۋالدا سىز " قەدىرلىكىم، قېنى ئېيتىڭ، سىزگە نەچچە پۇل لازىم" دىيەلىسىڭىز، قىز دوستىڭىز چوقۇم ناھايىتى خوشال بولىدۇ؛ بۇنداق ۋاقىتتا بۇ بىر جۈملە سۆز "مەن سىزنى سۆيىمەن" دىگەن سۆزگە قارىغاندا، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكرەك بىلىنىدۇ.
2. "كەچ بولۇپ قاپتۇ، يەنىلا مەن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي"
      ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كەمچىل كىلىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئاياللارنىڭ ئاڭلاشنى خالايدىغىنى "مەن سىزنى سۆيىمەن" ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي كەلگەن ھەم چىن دىلىدىن چىققان سۆزلەردۇر.
     مەسىلەن سىلەر تاماق يىگىلى چىقىپ كەچرەك قالغان ۋاقىتتا، سىز بىر ئېغىز "كەچ بولۇپ قالدى، سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي" دىسىڭىز، ئاياللار بۇ ۋاقىتتا چوقۇم ناھايىتى تەسىرلىنىدۇ. قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنگەن بىر جۈملە سۆز، ئەمما بىر ئايالنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتىدۇ؛ ئۇ سىزنى مۇلايىم، كۈيۈمچان ھىس قىلىدۇ، ھەمدە سىز تەرەپتىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ سۆزلەرنى سەل چاغلىماڭ، بۇلار سىزنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنىڭىزغا  ئاز بولمىغان نۇمۇر قوشىدۇ.
3. "سىزنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندىن باشلاپلا، سىز مىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىم بولۇپ قالغان"
     كونىلاردا "ئەرلەر كۆزدىن سەمىرىدۇ، ئاياللار قولاقتىن" دىگەن گەپ بار. ئاياللار شىرىن-شىكەر سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما "مەن سىزنى سۆيىمەن" دىگەن سۆزنىڭ ئۇلارنى قايتا ھاياجانغا سېلىش ناتايىن؛ چۈنكى بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ مەنىسى ھازىرقى ۋاقىت ھالىتىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە قانداق بۇلۇشى ئىپادىلەنمىگەن بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئاياللار قەلبىدە ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە بىر ۋەدە بىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
     شۇڭا ئەقىللىق ئەرلەر ئادەتتە "مەن سىزنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندىن باشلاپ، سىز مىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمغا ئايلانغان" دەيدۇ؛ بۇ بىر جۈملە سۆز ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەنىسى، ئەرنىڭ ئايال كىشىگە بەرگەن بىر ۋەدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىرقەدەر ئۈمىدلىك ھەم كۆڭۈلدىكىدەك نىشان بار بولىدۇ، ئاياللارغا ئەر كىشنىڭ، ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشى ھەققىدە ئويلانغانلىنى بىلدۈرىدۇ؛ بۇنداق مۇھەببەت سۆزلىرى ئاياللار ئاڭلاشنى ھەممىدىن بەك خالايدىغان مۇھەببەت سۆزلىرىدۇر.
      بىلمىدىم، ئۇقۇرمەنلىرىمىز بىلىدىغان يەنە باشقا خىلدىكى، ئاياللار ئاڭلاشنى خالايدىغان مۇھەببەت سۆزلىرى بارمىكىن؟ ئەگەر بولسا كۆپچىلىكنىڭ سۆز قالدۇرۇش رايونىدا سۆز قالدۇرۇپ مۇزاكىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号