ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
چىراي شەكلىگە كىيىم ياقىسىنى قانداق ماسلاشتۇرۇش كىرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كىيىمنى قانداق ماسلاشتۇرۇپ كەيگەندە تېخىمۇ ئۇرۇق كۆرنىدۇ؟ بۇ خانىم قىزلىرىمىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرسىدۇر. ئەمىلىيەتتە بەدەننىڭ گۆشلۈك يىرىنى ياپىدىغان، ئىگىز كۆرسىتىدىغان كىيىملەردىن باشقا، كىيىملەرنىڭ ھەرخىل پاسوندىكى ياقىلىرى، ئەگەر چىراي شەكلىڭىزگە ماسلاشتۇرۇپ تاللىسىڭىز، سىزنى چىرايى كىچىك ھەم ئۇرۇق كۆرسىتىدۇ.

 
يۇمىلاق  چىراي
ماس كىلىدىغانلىرى:  Vشەكىللىك، يۈرەك شەكىللىك، Uشەكىللىك، چاسا شەكىللىك
ماس كەلمەيدىغىنى:  كىچىك يۇمىلاق ياقا، ئىگىز ياقا
     باشقا چىراي شەكلىگە قارىغاندا، يۇمىلاق ياقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى تېخىمۇ يېقىن كىلىدىغان بولغاچقا، چىرايىڭىزنى سېمز كۆرسىتىپ قويىدۇ؛ نىسبەتەن چوڭقۇر كەلگەن Vشەكىللىك ياقىنىڭ كۆرۈش سىزىمى جەھەتتە سوزۇلۇپ كۆرسىتىش ئۈنۈمى بار بولۇپ، چىرايىڭىزنى ئۇرۇق ھەم ئۇزۇن كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا بوينى قىسقىراق كەلگەنلەرگىمۇ ئوخشاشلا ماس كىلىدۇ.

     Vشەكىللىك، يۈرەك شەكىللىك ئازراق ئۇچلۇق كەلگەن پاسوندىكى ياقا، يۇمىلاقلىق تۇيغۇسىنى بەلگىلىك ئاجىزلىتىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ تېخىمۇ سۈزۈك كۆرسىتىدۇ.

     كەڭرى كەلگەن چاسا شەكىللىك ۋە Uشەكىللىك ياقا سىزنىڭ چىرايىڭىزنى تېخىمۇ كىچىك، زىلۋا كۆرسىتىدۇ.


 

ئۇزۇن چىراي
ماس كىلىدىغانلىرى:  بىر سىزىق شەكىلدىكى ياقا، يۇمىلاق ياقا، ئىگىز ياقا، Uشەكىللىك ياقا
ماس كەلمەيدىغانلىرى:  Vشەكىللىك ياقا
    ئالدىدا Vشەكىللىك ياقىنىڭ ئۇزۇن كۆرسىتىش ئۈنۈمى چىرايىڭىزنى تېخىمۇ ئۇزۇن كۆرسىتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن. ئەگەر ئۇزۇن چىراي خانىم قىزلار بۇ خىلدىكى ياقىلىق كىيىملەرنى كەيگەندە، ئۇلارنى ئاسانلا ئەرلەرگە ئوخشاپ قالىدىغان ياكى مۇتەئەسسىپ چىراي كۆرنىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
     ئەگەر چىرايىڭىزنى ئۇنداق ئۇزۇن كۆرۈنمەيدىغان ئۈنۈمگە ئىرىشەي دىسىڭىز، كىچىك يۇمىلاق ياقا، ئىگىز ياقا چىرايىڭىزنى قىسقىراق كۆرسىتىدۇ.

     ئەگەر ياز كۈنلىرى بەك ئىسسىپ كەتكەندەك ھىس قىلسىڭىز، Uشەكىللىك ياقا، بىر سىزىق شەكىلدىكى ياقا ياكى مۈرىگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ياقا پاسونلىرىنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.


 

چاسا شەكىللىك چىراي
ماس كىلىدىغانلىرى:  يۇمىلاق ياقا، Vشەكىللىك ياقا، Uشەكىللىك ياقا
ماس كەلمەيدىغانلىرى:  چاسا شەكىللىك ياقا
   چىرايى چاسا شەكىلدە كەلگەنلەر، ئالدى بىلەن چاسا شەكىللىك ياقىدىن ھەزەر ئەيلىشى لازىمدۇر. بولمىسا چاسا شەكىلگە چاسا شەكىل قوشۇلۇپ چىرايىڭىزنى تېخىمۇ قاتمال كۆرسىتىپ قويىدۇ. ئەمما يۇمىلاق ياقا، Uشەكىللىك ياقا ۋە Vشەكىلدىكى ياقا چاسا شەكىلنى نىتراللاشتۇرۇپ، سىزنى زىلۋالىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.


 

يۈرەك شەكىللىك چىراي
ماس كىلىدىغانلىرى:  ئاساسى جەھەتتىن ھەممە پاسۇندىكى ياقىلار
ماس كەلمەيدىغانلىرى:  چوڭقۇر Vشەكىللىك ياقا
    ئۈستى كەڭ، ئاستى تەرەپ نىسبەتەن تار كەلگەن يۈرەك شەكىللىك چىراي نىسبەتەن قارشى ئېلىنىدىغان چىراي شەكلى بولۇپ، زىلۋا، كىچىك كۆرنىدۇ، ئادەتتە ياسىنىش جەھەتتە بەك كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

غاز تۇخۇمى شەكىللىك چىراي
ماس كىلىدىغانلىرى:  ئاساسى جەھەتتىن ھەممە پاسۇندىكى ياقىلار
ماس كەلمەيدىغانلىرى:  بەدەن شەكلىدىكى يىتەرسىزلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ قويىدىغان ياقا
    غاز تۇخۇمى شەكىللىك چىراي، دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەللىك قارىشىغا بىر قەدەر ماس كىلىدىغان بولۇپ، يۈز قىسىم شەكىل سىزىقچىلىرى بىر قەدەر يېقىشلىق ھەم ماسلىشىشچان كىلىدۇ، چاچ شەكلى گىرىم قىلىش جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
    ھەر خىل پاسوندىكى كىيىم ياقىلىرىغا قارىتا، غاز تۇخۇمى شەكىللىك چىراي ھەممىگە ماس كىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى سىزنىڭ قانداق ماسلاشتۇرۇشىڭىز ھەم قايسى خىل ئۇسلۇبنى ياخشى كۆرىشىڭىزگە باغلىق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号