ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
تويدىن كىيىنكى بەخىتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پىسخىكىلىق ھالەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-26 كۆرۈلىشى : قېتىم

     تۆۋەندە بىز سۆزلەپ ئۆتمەكچى بولغان پىسخىكىلىق ھالەتلەر تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزغا بۇزغۇنچىلىق خارەكتىرىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ دەرھال ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، سىزدە بولۇپ قالسا ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ، بولمىسا ساقلىنىڭ!

1.jpg

1. "مىنىڭ توغرا" دىگەن قاراشتا چىڭ تۇرۋىلىش

     بىر ئادەم ئەگەر ئۆزىنىڭ بەزىبىر قاراشلىرىنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىسا، باشقا بىر ئادەم بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرەلىشى مۇمكىن بولمايدۇ. " مىنىڭ توغرا" دەپ تۇرۋىلىش، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە ئۇجۇقتۇرۇش خارەكتىرلىك زەربە بىرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئەمەس، ئەمما  زەخمە يەتكۈزۈش ئىشىكىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ. ئەگەر سىز بۇ خىل تۇنۇشقا يەتمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ باشقا مەسىلىلىرىنى كۆرۈپ يىتەلمەيسىز.

     بۇ خىلدىكى "ئەجەللىك جاراھەت "كە قارىتا، سىز ھەر ۋاقىت "ئۈنۈم بىرىش، ئاساسى بار بولۇشتىن مۇھىم" دىگەننى ئىسىڭىزدە ساقلىشىڭىز كىرەك. توغرا-خاتا بولۇشنى ئۈنۈمگە سېلىشتۇرغاندا قايسىسى مۇھىم، سىز بۇنى چۈشىنىپ يىتەلەيسىز.

     " سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ پىكىر-قاراش ۋە ئۇسۇلىڭىز بار، مىنىڭمۇ ئۆزمنىڭ پىكىر-قاراشلىرى ۋە ئۇسۇلۇم بار؛ سىز مىنىڭ قاراشلىرىمغا قوشۇلمايسىز، مەنمۇ سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزنى توغرا دەپ قارىمايمەن؛ ئەمما بىز كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تالىشىپ ئولتۇرماي، ھەر ئىككىمىز ئىتراپ قىلىپ قوللايدىغان ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدەنسەك بولىدۇ." . ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا ئوخشاش بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما يەنىلا بىر-بىرىنى قەدىرلەپ ئىناق ئۆتەلەيدۇ.

2. " ئۆزىنى تاپشۇرۇش " روھى ھالىتى

     ئۆزىنى تاپشۇرۇش پىسخىكىسى، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە ئەجەللىك تەسىر كۆرسىتىدىغان پىسخىكىلىق ئەندىزە. " ئۆزىنى تاپشۇرۇش" بولسا، ئۆزىدىن ھەتتا ئۆزى تۇغۇلغان ئائىلىدىن خەۋەر ئالىدىغان مەسئۇلىيەتنى باشقا بىر ئادەمگە تاپشۇرۇشتۇر. ئۆزىنى تاپشۇرغان بىر تەرەپ كۆپىنچە، بۇ خىل پىسخىكىسى سەۋەپلىك پۈتۈنلەي توختاپ قېلىپ، ئۆزىنى يەنىمۇ يىتىلدۈرۈپ تەرەققى قىلدۇرۇشنى قايتا ئويلاشمايدۇ؛ بىر كۈنلەردە تۇيۇقسىز ئىسىگە كىلىپ، ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى ھىس قىلغان ۋاقتىدا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى پەرق ئاللىقاچان ناھايىتى زور بولۇپ كەتكەن بولىدۇ.

     بەزىدە بىر تەرەپ ئۆز جۈپتىگە زىيادە مەسئۇل بولسا، ھەتتا جۈپتىنىڭ  پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىسا، بۇ خىل ئۇسۇل، بىر بۆلەك يىتىلگەن مۇناسىۋەتكە قارىتا توسقۇنلۇق تەسىرى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتىكى توغرا بولغان روھى ھالەت بولسا : ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرۇمۇشىدىن خەۋەر ئالالايدىغان يىتەرلىك ئىقتىدارى بولۇش؛ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىككى كىشى بىرگە بولغاندا، ئۆز-ئارا ياردەملىشىپ، ئۆز-ئارا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ئورتاق تەرەققى قىلىپ، ئۆزى يالغۇز ئىرىشكىلى بولمايدىغان نەتىجە ۋە مۇۋەپپىقىيەتلەرگە بىرلىكتە ئىرىشىش.

2.jpg

3. ئىچكى ھىسياتلىرىنى قارشى تەرەپكە بىلدۈرۈشنى خالىماسلىق

     ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدە، ھەمىشە بىر ئادەمنىڭ ناچار كەيپىياتى سەۋەبلىك، گەپ تەگىشىپ قالىدىغان ياكى مۇناسىۋەت يېراقلاپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرلىدۇ؛ تېخىمۇ خەتەرلىك بولغىنى بەزى ئەر-خوتۇنلار ناچار كەيپىياتنى ئۆيگە ئېلىپ كەلمەسلىك ھەققىدە " كىلىشىم " تۈزۈۋالىدۇ.

     ئادەتتە بىزنىڭ كەيپىياتىمىز ناچار بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، بۇنى چوقۇم جۈپتىمىزگە ئەينەن بىلدۈرۈشىمىز كىرەك. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ناچار كەيپىياتىنى جۈپتىگە بىلدۈرمەسلىكىنى، قارشى تەرەپنى ئەنسىرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن دەپ قارايدۇ؛ لىكىن ئەمىلىيەتتە، سىز سۆزلەپ بەرمىسىڭىز، قارشى تەرەپنى تېخىمۇ ئەنسىرتىپ قويىسىز ھەمدە قارشى تەرەپكە " مىنىڭ قەلبىم ھازىر سىزنىڭ قەلبىڭىز بىلەن بىرگە ئەمەس " دىگەن خاتا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ قويىشىڭىز مۇمكىن.

    ناچار كەيپىياتىڭىزنى جۈپتىڭىزگە بىلدۈرۈش بىلەن جۈپتىڭىزدىن ئاچچىقىڭىزنى چىقىرش ئىككىسى ئىككى ئىش؛ شۇنىڭ ئۈچۈن كەيپىياتىڭىزنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىپ، ھەر ئىككى تەرەپكە ئازار بەرمەيدىغان ئۇسۇلدا كەيپىياتىڭىزنى ئىپادىلەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

4.  " كۆرنۈشتىكى ئىناقلىق "نى ساقلاش

     نۇرغۇن كىشىلەر خاتا ھالدا، نىمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر يول قويماسلىق ياخشى ئەمەس دەپ قاراپ، ھېچنىمىگە قارىماستىن كۆرنۈشتىكى ئىناقلىقنى ساقلاشقا ئادەتلەنگەن. ئەمما يول قويۇش كەيپىياتنىڭ يېغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن بالا ياكى چوڭلار سەۋەپلىك  بىر خىل " سۇغۇق مۇناسىۋەت" نى ساقلاپ ئۆتسە، ئاخىرىدا بېرىپ يېغىلىپ قالغان سەلبى كەيپىياتنىڭ بىراقلا پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇنىڭدا ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپلا قالماي، ئىككى تەرەپ جىسمانى ھەم روھى جەھەتتىن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.

    ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن مۇناسىۋىتىنى بىكىتىشنىڭ ئالدىدىلا، زىددىيەتنى ھەل قىلىش مىخانىزىمىنى كىلىشىۋىلىشى كىرەك بولۇپ، بۇ خىل مىخانىزىم ئىككەيلەننىڭ ئۆزىنى بېسىۋالغان ھالدا، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزى قوبۇل قىلالمىغان تەرەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانداق ھەل قىلىشنى مەسلىھەتلىشىدىغان بولۇش لازىم.

3.jpg

5. توقۇنۇشنى بىتەرەپ قىلىشنى بىلمەسلىك

     نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار سوقۇشۇپ قالغاندىن كىيىن، سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بارىدۇ، بۇ ناھايىتى خەتەرلىك بىر ئەھۋال؛ چۈنكى سۇغۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىردىنبىر تەرەققىيات نىشانى ئارلىقنى تېخىمۇ يېراقلاشتۇرۇش.

     بەزى ئەر-خوتۇنلار گەپ تەگىشىپ قالغاندىن كىيىن، ئارىسىدىكى بىر تەرەپ كەيپىياتى نورماللاشقاندىن كىيىن، مۇناسىۋەتنى ئوڭشاش مەقسىتىدە ، ھېچنىمە بولمىغاندەك تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارشى تەرەپ بىلەن ئەپلىشىپ قالىدۇ؛ ئەمما توقۇنۇش شەكىللەندۈرگەن كەيپىيات كۆڭلىدە ساقلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، ئەگەر بەك كۆپ يېغىلىپ قالسا مەلۇم بىر كۈنى ھامىنى بىراقلا پارتلاپ چىقىدۇ.

    نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار ئىچىدە، بەزىلەر ئەپۇ قىلىۋەتكەنلىك پوزۇتسىيىسىدە زىددىيەتنى ھەل قىلىدۇ. لىكىن بۇ خىل پوزۇتسىيە  ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ چوڭ زىيان ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن؛ چۈنكى "ئەپۇ قىلىۋىتىش" ئۆزىنى قارشى تەرەپتىن يۇقىرى ئورۇنغا قويغانلىق بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئادىمىيلىكى ۋە غۇرورىغا ھەقىقى تۈردە ھۆرمەت قىلمىغانلىقى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

6. " زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى " روھى ھالىتى

     زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى روھى ھالىتى—بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغا مەسئۇل بولماي، دائىم باشقىلارنى ئەيىبلەپ، ھەممە مەسئۇلىيەتنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە ئىتتىرىپ قويۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

     تويدىن كىيىنكى تۇرۇمۇشىمىزدا، بىزنىڭ ئاغرىنىشىمىز مەيلى ئېغىزىمىزدا بولسۇن ياكى پىسخىكىڭىزدا جىمجىت قارشىلىق بىلدۈرۈڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى روھى ھالىتىنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئەگەر تويدىن كىيىن، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قارشى تەرەپ ئېلىپ كەلگەن، ھەر قېتىمدا ئۇنىڭ ئۇۋالچىلىقىغا ئۇچرىدىم دەپ ھىس قىلسىڭىز، سىزدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى روھى ھالىتى بار بولىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى ئۆزگەرتىپ، " مەن ئۆزۈمنىڭ بەختى ۋە خوشاللىقى ئۈچۈن مەسئۇل بولىمەن" دىگەن ئىدىيىنى، بۇرۇنقى ئىدىيىڭىز چە كەيپىيات ئەندىزىڭىزنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرسىڭىز، ئائىلە تۇرمۇشىڭىز يىڭىچە ئىناقلىق كەيپىياتىغا تولىدۇ.

4.jpg

7.  " سودىلىشىش "روھى كەيپىياتى

      " سىز مىنى ياخشى كۆرگەن، ماڭ ياخشى مۇئامىلە قىلغىنىڭىزدا، مەنمۇ ئاندىن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن." ، بۇنىڭدا مۇھەببەت سودىلىشىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

     نۇرغۇن كىشىلەر يېشى چوڭىيىپ، قۇرامىغان يىتىپ توي قىلىپ بالىلىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى دۇنياسىدا تېخىچە گۆدەكلىكىنى تاشلىمىغان بولىدۇ. بالىلار ئوتتۇرسىدا " بۈگۈنچە ياخشى ئوينىدۇق، ئەتىگىچە خاپا بولۇشۇپ قالساق، سەن بىلەن ئوينىمايمەن" دىگەندەك ئەھۋاللار دائىم بولۇپ تۇرىدۇ؛ ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدە، قارشى تەرەپ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىڭىزگە جاۋاپ تەلەپ قىلمىسىڭىز، سىزمۇ نىمىلەرگە ئىرىشىشىڭىزنى ئويلاشماي پەقەت قارشى تەرەپنىڭ خوشال بولىشىنىلا ئويلىسىڭىز ھەمدە داۋاملىق قارشى تەرەپكە مىننەتسىز مۇھەببىتىڭىزنى يەتكۈزسىڭىز، بۇ ھەقىقى مۇھەببەت بولىدۇ. ئەگەر سىز " مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا سىزمۇ مىنى ياخشى كۈرۈشىڭىز كىرەك" دەپ تەلەپ قىلسىڭىز، بۇ ھەقىقى مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى سودىلىشىشتىن كەلگەن مۇھەببەتتۇر.

      ئەگەر ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى بىر تەرەپ ياكى ھەر ئىككى تەرەپتە سودىلىشىشى روھى كەيپىياتى بار بولسا، بۇ مۇھەببەتنى بۇلغايدۇ ۋە زەھەرلەيدۇ؛ سودىلىشىش روھى ھالىتى سىزنىڭ ھەقىقى ئۆسۈپ يىتىلمىگىنىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ.

8.  " ئىگەللىۋىلىش" روھى كەيپىياتى

     قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ، ھەمىشە بىر بىرىدىن مەڭگۈ ئايرىلماي بىرگە ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ قارشى تەرەپنى يېنىغا "باغلاپ" قويىدىغان بولۇپ، ئاز ۋاقىت ئايرىلغاندا ناھايىتى ئازابلىق ھىس قىلىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قارشى تەرەپنى ئىز قوغلايدۇ.

     بۇ خىل ھالەت ئېغىزدا چىرايلىقلاشتۇرۇلۇپ كۆڭۈل بۆلۈش دەپ ئاتالغان بىلەن، ئەمىلىيەتتە بولسا ئۆزىنىڭ ئىگەللىۋىلىش ئىستىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بولىدۇ؛ بۇ خىل ئىستەك بارغانسىرى كۈچىيىپ قانائەت ھاسىل قىلالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەندە، ئادەم بۇ سەۋەبلىك ناھايىتى ئازابلىق ھىس قىلىدۇ؛ مانا بۇ بىر ئادەمنى قانچە ياخشى كۆرسە، شۇنچىلىك ئازابقا قېلىشنىڭ ھەقىقى سەۋەبىدۇر.

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号