ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى بىر دۆلەتنىڭ سىمىۋولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمىشە كۆپ قىسىم خەلق ئاممىسىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆز-ھەرىكىتى ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرىدۇ. ھازىرقى ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت Ⅱ ، پادىشاھلىق ئورنىدا ئەڭ ئۇزۇن ئولتۇرغان ئەنگىلىيە پادىشاھى بولۇپ، 1953-يىلى پادىشاھلىق تاجىنى كەيگەندىن بويان، ھازىر گەرچە 92 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا پادىشاھلىق ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بىرىش ئويى باردەك قىلمايتتى.

ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ گەرچە بەك چوڭ ئەمىلى ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما دۆلەتنىڭ سىموۋولى بولغانلىقتىن، باشقىلارنىڭ ئىرىشىشى مۇمكىن بولمىغان ئالاھىدە ھوقۇق-ئىمتىيازلارغا ئىگە بولىدۇ. بىز تۆۋەندە بىرلىكتە ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت Ⅱنىڭ قانداق ئالاھىدە ئىمتىيازلىرى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
1. پاسپورت قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەت ئىسپاتلار بولمىسىمۇ چەتئەلگە چىقالايدۇ.
ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى بىر دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر كۈنى نۇرغۇن ئىشلارنى بىتەرەپ قىلىدۇ، ھەمدە ھەمىشە چەت دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت Ⅱ پۈتۈن دۇنيا مىقاياسىدا تونۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنگىلىيە گىراژدانلىرىنىڭ پاسپورت ۋە باشقا چەتئەلگە چىقىش رەسمىيەت ھۆججەتلىرى ئايال پادىشاھ نامىدىن تارقىتىلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال پادىشاھنىڭ ئۆزىگە ئۆزى بۇ رەسمىيەت ھۆججەتلىرىنى ۋە پاسپورت تارقىتىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما بۇ تۈرلۈك ئىمتىياز ئايال پادىشاھ بىر ئادەم بىلەنلا چەكلىنىدىغان بولۇپ، باشقا خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ بۇنداق ئىمتىيازى يوق.

2. باج تاپشۇرمايدۇ.
باج تاپشۇرماسلىقتەك بۇ خىل ئىمتىياز، باشقا ئادەتتىكى كىشىلەر بولسا چوقۇم خوشاللىقىدىن نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالىدۇ؛ نۇرغۇن دۆلەتلەردە، نۇرغۇن پۇلى بار بايلار ھەر ئاماللارنى ئىشلىتىپ باجدىن قېچىشنى ئويلىشىدۇ. ئەمما ئىلزابىت Ⅱ ئالاھىدە بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى ئىمتىيازىنى ئىشلىتىشنى خالىمىغان؛ چۈنكى ئۇ باج تاپشۇرۇشنى ئەسلىدىنلا قىلىشقا تىگىشلىك ياخشى بىر ئىش دەپ قارايدۇ.

3. ئەيىبلىنىشى كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى بار.
ئەيىبلىنىشى كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى— يەنى ئايال پادىشاھ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان تەقدىردىمۇ ئەيىبلىنىپ جازا بىرىلمەيدۇ؛ چۈنكى ئەنگىلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇقى ئەنگىلىيە پادىشاھىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئەگەر ئايال پادىشاھنى ئەيىبلەشكە توغرا كەلسە، پەقەت ئايال پادىشاھ ئۆزى ئەرزنامە سۇنغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن مۇمكىن بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلزابىت Ⅱ خان جەمەتىنىڭ يۈز-ئابرويىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلىپ، خان جەمەتى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن ئەمەس.

4. پىراۋىسىز ماشىنا ھەيدىيەلەيدۇ.
بۇ تۈر مەخسۇس ئىلزابىت Ⅱ ئۈچۈن بىكىتىلگەندەك بىر خىل ئىمتىياز بولۇپ، ئايال پادىشاھنىڭ خارەكتىرىگە بەكمۇ ماس كىلىدۇ. ئىلزابىت Ⅱ " ئايال قەھرىمان " خارەكتىرىدىكى ئايال كىشى بولۇپ، ماشىنا رىمونت قىلىش، ئات مىنىش، ماشىنىنى بەسلىشىپ ھەيدەش قاتارلىقلارغا قىزىقىدۇ، بولۇپمۇ ماشىنىنى بەسلىشىپ ھەيدەش بولسا ئۇنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان قىزىقىشى ھىسابلىندۇ. ئىلزابىت Ⅱ ، ئون ئالتە ياش ۋاقتىدا ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىزىقشىلىرى ھازىرقى 90ياشتىن ئاشقان ۋاقىتتىمۇ ئۆزگەرمىگەن، شۇنداقلا ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەنگەن 70نەچچە يىلدىن بويان ئىزچىل پىراۋىسىز ماشىنا ھەيدەپ كەلگەن.


زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ئەر يولداشلار، سىلەرنىڭ شۇ بىرلا ئايالىڭلار بار، ئۇلارنى سىلەر ئەتىۋارلىماي كىم ئەتىۋارلىسۇن؟ مەنمۇ سىلەرگە مۇشۇنچىلىك ياردەم قىلالايمەن، ياخشى بىر ئەر دادا بول

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ قويۇشىدىكى سەۋەپ، ئۇلار بە

ھەربىر ئاتا-ئانا بالىسىنى تەربىيەلىگەن ۋاقىتتا، بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بولۇپمۇ بالىسى مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن، بالىسىنىڭ ئەل

بىر ئەركىشىنى ئۈزۈل-كىسىل بويسۇندۇرىمەن دىسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىدە نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىشىڭىز كىرەك؛ بۇنىڭدا سىز ئاندىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇ

ھازىر ئاجايىپ بىر ھادىسە كۆپلەپ قالغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، ھازىرقى ياشلاردا، "خىزمەتتىن قورقۇش كىسىلى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كىسەللىك پەيدا بولۇپ قالدى. ئەگەر سى

رىئال تۇرمۇشتا، ھەربىر ئايال كىشى ئۆز بەختىنى قوغلىشىدۇ؛ بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندىن كىيىن، كۆپ قىسىم ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلار كۆڭلىدە بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرۈ

كىشىلەر ھۇرۇنلىقىدىن ھەرخىل قىزىقارلىق ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بەزىلىرىنى ھەتتا بىر خىل ئىجادىيەت ھىسابلاشقا بولىدۇ.

توي تۇرمۇشىدا، بىر ئادەم سىزگە ھەرقانچە ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ساداقەتسىزلىك قىلسا، ئۇنى ئاساسى جەھەتتىن بىر بىلەت ئارقىلىق ئىنك

ئەنگىلىيە "قۇياش گىزىتى"نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىيتناملىق بىر "مۇناپىق دادا"، ئايالى سۈت بېزى راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ 14ياشلىق قىزىغا باسقۇ
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号