ھەممەيلەن بۇيىل مودا بولغان كىيىملەر قانچە كەڭرى ئازادە كىلىدىغان بولسا شۇنچە ياخشى بولدى دىيىشىدۇ ؛ ئۇنداقتا سىز بۇ يىل يازدا قانداق سومكا كۆتۈرسە ئەڭ ماسلىشىدىغانلىغىنى بىلەمسىز ؟ ھەر قايسى مودا مەبۇدەلىرى ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق ، بىزگە بۇيىل يازدا سومكىنىڭ قانچە كىچىك بولسا شۇنچە ياخشى بۇلىدىغىنىنى بىلدۈردى !

نىمە ئۈچۈن كىچىك تىپتىكى سومكا مودا بۇلىدۇ ؟
بەلكىم نۇرغۇن خانىم-قىزلىرىمىز بۇنى ئاڭلاپلا رەددىيە بىرىشى مۇمكىن : كىچىك تىپتىكى سومكىلار شۇنچىلىك كىچىك تۇرسا ، ئازراقمۇ ئەمەلى ئىشلىتىلىشچانلىقى يوق ! ئاپتاپتىن كۆيۈشتىن ساقلىنىش مەلھىمى ، لەۋ سۇرۇخى ، تازىلىق قەغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى سالغىلى بولمىسا سىرتقا قانداق چىقىمىز ؟

1. يۈكنى يىنىكلىتىدۇ ، باھاسى ئاممىباپ كىلىدۇ .
ئىسسىق ياز كۈنلىرىدە ، كىلەڭسىز ۋە ئېغىر بولغان چوڭ سومكىلارنى ئاسقاندىن ، چاققانغىنە بىر كىچىك تىپتىكى سومكىنى قولتۇقلاپلا ئىشىكتىن چىقساق ، ئۆزىمىزگە چۈشىدىغان يۈكنى يىنىكلىتىش بىلەن بىرگە يەنە ئازادىلىك ھىس قىلىمىز . ئۇندىن باشقا كىچىك تىپتىكى سومكىلارنىڭ باھاسى چوڭ سومكىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاممىباپ كىلىدۇ ؛ شۇڭلاشقا سومكا سېتىۋالغان ۋاقتىڭىزدا ، قايسى ماركىنى تاللاشنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ يۈرگىنىڭىزدىن كۆرە ، نەپىس ياسالغان كىچىك تىپتىكى سومكىدىن بىرنى تاللىغىنىڭىز ئەۋزەل .

2. ئۆزى چاققان ، ياسىلىشى نەپىس بۇلۇپ ، گۈزەللەرنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسىدۇر .
كىچىك تىپتىكى سومكىلارنىڭ سىغىمى كىچىك بولغىنى بىلەن ، قولىڭىزدا ئېلىۋالسىڭىز ياكى مۈرىڭىزگە ئېسىۋالسىڭىز ، ئوماق ھەم لاتاپەتلىك كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ ، باشقىلارغا ئالاھىدە بىر خىل سالاپەتلىك تۇيغۇسى يەتكۈزىدىغان ، گۈزەللەرنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى ھىسابلىنىدۇ . ھەتتا ياڭ مىمۇ بۇخىل كىچىك تىپتىكى سومكىلارنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ ، سىزمۇ بىرەنى سېتىۋالدىڭىزمۇ ؟

3. باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ ، ئۇرۇق كۆرسىتىدۇ .
ئاخىرىدا ، كىچىك تىپتىكى سومكىلار تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتتا پۈتۈن بىر گەۋدىنىڭ مۇھىم زىننەت سەپلىمىسى ۋە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش نوقتىسى بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ .ئەگەر ماھىرلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز ، بىر كىچىككىنە سومكا سىز ئۈچۈن ئاز بولمىغان دىققەت تارتىش كۆرسەتكۈچى قوشىدۇ . كىچىك تىپتىكى سومكىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبلىك ، سىزنى تېخىمۇ ئۇرۇق كۆرسىتىپ ، سالاپىتىڭىزنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ .

كىچىك تىپتىكى سومكىنى قانداق ئېسىش كىرەك ؟
1. قولدا ئېلىۋىلىش
سىز كىچىك تىپتىكى سومكىنى قول سومكىسى دەپ بىلسىڭىز ، سىزدە بىر خىل مۇھىم زىياپەتكە قاتنىشىدىغاندەك ھەم كۈرۈش سىزىمى پەيدا بولدىمۇ ؟

رەسمى يۇسۇندىكى سورۇنلاردىلا سومكىنى بۇنداق كۆتۈرۈشكە بۇلىدۇ دەپ كىم دەيدۇ ؟ ئارام ئالغان ۋاقىتلىرىڭىزدا ، قولىڭىزدا كىچىك تىپتىكى سومكىڭىزنى ئېلىپ ماڭسىڭىز ، شوخ ھەم چىرايلىق كۈرنىسىز ، شۇنداقلا باشقىلارغا كىچىك قىزلاردەك تۇيغۇ بىرىسىز .

ئىشقا ماڭغان ۋاقتىڭىزدىمۇ ، قولىڭىزدا كىچىك تىپتىكى سومكا ئېلىۋالسىڭىز ، سىز نىسبەتەن خىزمەتچىلەر يۇسۇنىدا كىيىنىۋالغان بولسىڭىزمۇ ، بىر كىچىك تىپتىكى سومكا سىزنىڭ باشقىلارغا بەرگەن رەسىمى يۇسۇندىكى خىزمەتچى ئاياللار تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ئاياللىق نازاكىتىڭىزنى كۆپرەك قىلىدۇ .

كوچا ئايلىنىشقا ياكى ئۇچرىشىشقا چىققان ۋاقتىڭىزدا سىزنى تېخىمۇ ناز-كەرەملىك كۆرسىتىدۇ .


2. يان تەرەپتىن ئېسىش
كىچىك تىپتىكى سومكا ئۆزى يىنىك ، ھەجىمى كىچىك بولغانلىقتىن ، ياندىن ئاسسىڭىز مۈرىڭىزگە بېسىم چۈشۈشىدىن ئەنسىرش كەتمەيدۇ ، مۇرىمىزگە ئىلىۋالساقلا ئىشىكتىن چىقالايمىز .


ئەگەر كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كىچىك تىپتىكى سومكىدىن بىرنى تاللىساق ، دىققەت يېغىدىغان زىننەت بۇلۇپ ، سىز ئۈچۈن قايرىلىپ قاراش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ .


ئەگەر كىلاسسىك تۈسكە ئىگە بىرىنى تاللىسىڭىز ، تېخىمۇ مەپتۇن قىلارلىق بۇلۇپ كىتىسىز ، ئەمما ئالدىنقى شەرت -– ماسلاشتۇرىشىڭىز جايىدا بۇلۇشى كىرەك .

3. يانتۇ ئېسىۋىلىش
مەيلى كۈندىلىك سىرتقا چىقىش ياكى ئۇچرىشىش كىنو كۈرۈشكە بېرىش بولسۇن ، سومكىنى يانتۇ ئېسىۋىلىش دائىم ئۇچرايدۇ . يانتۇ ئېسىۋىلىش ، سومكىنى تېخىمۇ كۆرنەرلىك گەۋدىلەندۈرۈپ ، سىزنىڭ زامانغا لايىق خۇسۇسىيتىڭىزنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .


مۈرىلىك سومكا بېغىنى زەنجىرسىمان باغقا ئالماشتۇرۇسىڭىز، كۆكرەك قىسمىڭىزدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر مەنزىرە كۆپەيتىدۇ .

ئەگەر كىچىك تىپتىكى سومكىنى سىغىمى يىتىشمەيدۇ دەپ ئەنسىرسىڭىز ، بىر چوڭ بىر كىچىك ماسلاشتۇرۇپ ئېسىۋالسىڭىز ، نەپىس ھەم ئالاھىدە كۈرنىدۇ .

ئەگەر سىرتقى قىياپەتتە ئوخشىمىغان ئۇسلۇب يارىتىمەن دىسىڭىز ، ئۈنئالغۇ شەكلىدىكى بۇ كىچىك تىپتىكى سومكا سىزنىڭ ئىھتىياجىڭىزنى قامدىيالايدۇ .

4. بەل سومكىسى قىلىۋىلىش
ئەگەر ئىككى قولىڭىز ۋە مۈرىڭىزنى ئۈزۈل-كىسىل ئازادلىققا چىقىراي دىسىڭىز ، ئۇنداقتا كىچىك تىپتىكى سومكىنى بىلىڭىزگە ئېسىۋىلىپ سىناپ بېقىڭ !


ئەمما بۇ خىلدىكى ماسلاشتۇرۇشنىڭ خەتىرى بار ، ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۈرۈشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ ؛ سومكىنى بەك لېق توشقۇزۇۋەتمەسلىكنى ، ياكى سومكىنىڭ چوڭ بۇلۇپ كەتمەسلىگىنى ئەستىن چىقارماڭ ، بولمىغاندا توپ تارقىتىش سودىگەرلىرىگە ئوخشاپ قالىسىز .
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك 46ياشلىق ئايال ئىۋىنىس ۋە ئۇنىڭ 23ياشلىق قىزى يىمان، ھەركۈنى ئوخشاش پاسون، ئوخشاش رەڭدىكى كىيىم كىيىۋالىدىغان بولۇپ، قەيەر

تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم ئسىتىمال قىلىشنىڭ پايدىسىنى ۋە كۈندە ئاز دىگەندە بىر تال تۇخۇم يىيىش كىرەكلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، تۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئەر تەرەپنىڭ كۆڭلىدە ياخشى كۆرگەن ئايال كىشىسى، چوقۇم ئاسماندىكى چولپانغا ئوخشاش مۇقەددەس كىلىدىغان بولۇپ، ئەر كىشى ئۇنىڭ يېنىدا خۇدد

ئەقىللىق ئاياللار مەيلى مۇھەببەتكە ياكى تويلىشىشقا قارىتا بولمىسۇن، ئۇلار بۇنىڭ پەقەت تۇرمۇشنىڭ بىر قىسىمىلا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئادەم ئۆزىگە ئۆزى خوجا، ش

روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئېغىرلىقتىكى "غەلىتە مەخلۇق"

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك مۇھەببەت ئاساسى يوق ئەھۋال

ئۇ ئاساسلىقى ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتەپ، سىرتقى دۇنيادىن ئوكىسگىننى سۈمۈرگەندىن كىيىن، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزىدە ھەمدە بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ ن

قارا جەمئىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ھەرگىز ماڭا ئوخشاش تىرە رەڭگى قارا بولۇپ قالسا، ياكى يول بويىدا بەش يۈەن پۇل خەجلەپ قوللىرىغا گۈل چەكتۈرۋالسا قارا جەمئىيەت

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى ھەرۋاقىت ئىشلەپچىقىرىشقا






تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号