بەدەندىكى ھۆللۈك سالامەتلىكىمىزگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاياللارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق، ئاياللار ئەزەلدىنلا سوغۇق مىجەزلىك بولۇپ، بەدىنىنى ھۆللۈك قاپلاپ كەتكەندە ساغلاملىقى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
ھۆللۈكنى بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيمىز، نۇرغۇن ئەدەملەر مېنىڭ بەدىنىمدە ھۆللۈك يوق مەن ئىنتايىن ساغلام دەپ قارايدۇ، لېكىن بۇنداق ئويلاش خاتا، بىز ھۆللۈكنى ھېس قىلالايمىز، بەدىنىمىزنى ھۆللۈك قاپلاپ كېتىشى تۇرمۇشتىكى بەزى يامان تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز سەۋەبلىك بولىدۇ، ئادەتتە ياز كۈنلىرى ئادەم بەدىنىنى ئاسانلا ھۆللۈك قاپلاپ كېتىدۇ.

بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاش كېتىش ئاياللار ساغلاملىقىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەندە كۆپلىگەن ئاياللار كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ بەلكىم تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاپ كېتىشنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە :
1.سەمىرىپ كېتىش
بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەرنىڭ پۈتۈن بەدىنى سەمىرىپ كېتىدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئۇخلىغاندا چۈش جىق بولىدۇ، ھەيز مىقدارى ئاز بولۇش، تۇخۇم ئىشلەپ چىقارماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، بالىياتقۇغا ئىسسىقلىق يېتىشمىگەنلىكتىن بەدەندىكى مايلار بالىياتقۇنى ئىسسىتىش رولىنى ئوينايدۇ، بالىياتقۇ قانچە سوغۇق بولغانسېرى بەدەندە شۇنچە جىق مايلار يىغىلىدۇ، نەتىجىدە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىياتقۇنى سوغۇق قاپلاپ كېتىش، بەدەندىكى ھۆللۈك كۆپ بولۇش كۆپ قىسىم ئاياللاردا بولىدىغان كېسەللىك، بۇ كېسەللىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال بەدەندىكى ھۆللۈكنى يوقۇتۇش لازىم، تۆۋەندىكى بەش خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بەدەندىكى ھۆللۈكنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ.
1.نورمال بەدەن چېنىقتۇرۇش
بەدەننى ئېغىر دەرىجىدە ھۆللۈك قاپلاپ كېتىشى ئاساسلىقى مايلىق يېمەكلىكەرنى كۆپ يېيىش، ھەرىكەت ئاز بولۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ، بەدىنىدە ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ بەدىنى تېلىپ ئاغرىيدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ، بەدىنىنى ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ، بەدەن چېنىقتۇرۇش بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بەدەننىڭ ماددا ئايلىنىشىنى تېزلەشتۈرۈپ، تەر چىقىرىش ئارقىلىق بەدەندىكى ھۆللۈكنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ، ھاۋا نەم كۈنلەردە سۇ ئۈزۈش، تىكتاك توپ ئويناش قاتارلىق ئۆي ئىچىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تاللاش كېرەك، ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە بولسا ئەتتىگەن كەچتىكى سالقىن ۋاقىتلارنى تاللاپ بەدەن چېنىقتۇرۇش لازىم.

2.مايسىز تاماق يېيىشكە ئادەتلىنىش
ھەددىدىن زىيادە مايلىق، تۇزلۇق، تاتلىق يېمەكلىكلەر ئاشقازان ئۈچەينىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋېتىپ، بەدەن ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل مايلىق تاماقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش، مايلىق ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئامال بار ئاز ئىستېمال قىلىش، تەرخەمەك، كۆك ماش قاتارلىق مايسىز يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئادەتلىنىش، ئامال بار ھاراقتىن يىراق تۇرۇش لازىم.

3. ئۇۋۇلاش ئارقىلىق ھۆللۈكنى چىقىرىش
پەللە بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالاھىدە ئورۇن، پەللىنى ئويغىتىش ئارقىلىق بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى نورماللاشتۇرغىلى بولىدۇ، بەدەندىكى قان-تۇمۇرلار پۈتۈنلەي ئېچىلسا بەدەندىكى ھۆللۈكمۇ ئۆزلىكىدىن يوقايدۇ، پەللىنى ئۇۋۇلىغاندا مەخسۇس ئۇۋۇلاش ئۇستىسىغا ئۇۋۇلىتىش لازىم.
4. قېنىپ ئۇخلاش
ھازىر خىزمەت بېسىمى ئېغىر، تۇرمۇش رېتىمى بەكلا تېز، ئىسمېنا ئىشلەش ئاق ياقىلىقلار تۇرمىشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قىسمىغا ئايلاندى، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىمەيدىغانلارمۇ كېچىلىكتە سىرتقى دۇنيانىڭ قىززىقتۇرۇشلىرىغا قارشى تۇرۇلماي دائىم تۈنەيدۇ، كېچىسى دائىم ئۇخلىماسلىق، ھەددىدىن ئارتۇق چارچاش جىگەرگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، نەتىجىدە بەدەندىكى ھۆللۈكنى ئاشۇرۋېتىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرلىشىغا كاپالەتلىك قىلغاندا بەدەندىكى ھۆللۈكنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ.

5. ھۆللۈك مۇھىتتىن يىراق تۇرۇش
ھۆل، قاراڭغۇ يەردە ئۇزاق تۇرغاندا مۇھىتتىكى ھۆللۈك بەدەن تەرىپىدىن سۈمۈرلۈپ بەدەننى ھۆللۈك قاپلاپ كېتىدۇ، ھۆللۈكنىڭ تەسىرىدە بەدەن سىقىراپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا نەم كىيىملەرنى كىيمەسلىك، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا قۇرۇتۇش، ئۇخلىغاندا چاچ ھۆل پېتى ئۇخلىماسلىق، قەرەللىك ھالدا ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم.


زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك 46ياشلىق ئايال ئىۋىنىس ۋە ئۇنىڭ 23ياشلىق قىزى يىمان، ھەركۈنى ئوخشاش پاسون، ئوخشاش رەڭدىكى كىيىم كىيىۋالىدىغان بولۇپ، قەيەر

تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم ئسىتىمال قىلىشنىڭ پايدىسىنى ۋە كۈندە ئاز دىگەندە بىر تال تۇخۇم يىيىش كىرەكلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، تۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئەر تەرەپنىڭ كۆڭلىدە ياخشى كۆرگەن ئايال كىشىسى، چوقۇم ئاسماندىكى چولپانغا ئوخشاش مۇقەددەس كىلىدىغان بولۇپ، ئەر كىشى ئۇنىڭ يېنىدا خۇدد

ئەقىللىق ئاياللار مەيلى مۇھەببەتكە ياكى تويلىشىشقا قارىتا بولمىسۇن، ئۇلار بۇنىڭ پەقەت تۇرمۇشنىڭ بىر قىسىمىلا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئادەم ئۆزىگە ئۆزى خوجا، ش

روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئېغىرلىقتىكى "غەلىتە مەخلۇق"

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك مۇھەببەت ئاساسى يوق ئەھۋال

ئۇ ئاساسلىقى ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتەپ، سىرتقى دۇنيادىن ئوكىسگىننى سۈمۈرگەندىن كىيىن، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزىدە ھەمدە بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ ن

قارا جەمئىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ھەرگىز ماڭا ئوخشاش تىرە رەڭگى قارا بولۇپ قالسا، ياكى يول بويىدا بەش يۈەن پۇل خەجلەپ قوللىرىغا گۈل چەكتۈرۋالسا قارا جەمئىيەت

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى ھەرۋاقىت ئىشلەپچىقىرىشقا






تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号