ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
بۇ يىل ئەڭ مودا بولغان تۆت خىل چاچ پاسونى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-29 كۆرۈلىشى : قېتىم


يېرىم تۈگمە چاچ
(半丸子头)

 
   يېرىم تۈگمە چاچ بىلەن ئۇزۇن بۈدۈر چاچنىڭ بىرىكمىسى، سىزنى ھەق كىچىك قىزلاردەك كۆرسىتىدۇ ھەمدە بەلگىلىك نازاكەتكە ئىگە قىلىدۇ؛ چاچلىرىڭىز تەبىئىي ھەم چاچما كۆرۈنۈپ، قالايمىقانلىقى گۈزەللىك تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
   ئەگەر مۇلايىملىق ياكى ئۇماقلىققا تەسىر يەتمىسۇن دېسىڭىز، چېچىڭىزنى ئازراق يۇقىرى ئورۇندا تۈگسىڭىز ھەمدە چاچ ئۇچىنى ئازراق ئىچى تەرەپكە بۈدۈر قىلىپ ئىگىپ قويسىڭىز، بوينىڭىز ئۇزۇن يۈز قىسىمىڭىز كىچىك كۆرۈنىدۇ.

 
ئۆرۈمە چاچ
(编发)

 
   جاۋ لىيىڭنىڭ ئۇماق كەلگەن چىرايىغا، قۇلىقىنىڭ يېنىدىكى ئۈرۈۋالغان چاچلىرى ۋە كىلاسسىك تۇيغۇسىغا ئىگە بېرىت شىلەپىسى قوشۇلۇپ، ئۇنى دەرىجىدىن تاشقىرى مودا قىلىۋەتكەن.
   ياڭ زىنىڭ گەۋدىلەندۈرگىنى بولسا مۇلايىملىق تۇيغۇسى. ئۇ باش تىرىسىگە چاپلاشتۇرۇپ بىر تۇتام چېچىنى ئۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇنى نەپىسلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان.

مۈرە بىلەن تەڭ ياسالغان چاچ
(锁骨发)

 
  ئۆرۈمە چاچتىن باشقا، مۈرىگە چۈشىدىغان ئۇزۇنلۇقتا ياسالغان چاچمۇ، بۇ يىلقى مودا بولغان چاچ پاسونلىرىنىڭ بىرى. سۇڭ چىيەننىڭكىگە ئوخشاش، ياندىن ئايرىلغان ھەم مۈرىگە چۈشۈرۈپ ياسالغان چاچ پاسونى، ئادەمنى ئاسانلا ياشقا چوڭ كۆرسىتىپ قويىدىغان بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى نىسبەتەن ئەجنەبىي ئۇسلۇبتا كۆرسىتىدىغان رەڭدە بۇيۇۋىلىش كېرەك؛ مەسىلەن، بىنەپشە رەڭ ياكى زېغر رەڭ دېگەنگە ئوخشاش.

كىلاسسىك دولقۇنسىمان بۈدرە چاچ
(复古波浪卷)

 
   كىلاسسىكلىق ئېقىمنىڭ مودا بولۇشىغا ئەگىشىپ، كىلاسسىك تۇيغۇغا ئىگە دولقۇنسىمان بۈدرە چاچ پاسونىمۇ، بۇ يىل تەدرىجىي ھالدا مودا بولۇشقا باشلىدى. چىن دۇلىڭنىڭ بۇ خىل دولقۇنسىمان بۈدرە چېچى، ئۇنىڭ لاتاپىتىگە دەل ماسلاشتۇرۇپ ياسالغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号