لەۋ سۇرۇخى، خانىم قىزلارنىڭ كەم قالسا بولمايدىغان بىر خىل گىرىم بۇيۇمى بولۇپ، ئادەتتە سىرتقا چىققان ۋاقىتتا، باشقا ھېچقانداق گىرىم قىلمىغان تەقدىردىمۇ، لەۋ سۇرۇخىنى چوقۇم ئىشلىتىدۇ. چۈنكى، نۇرغۇن ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، لەۋ سۇرۇخى، ئۇلارنىڭ لاتاپىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورالى؛ يەنە بەزى ئاياللار بولسا، لەۋ سۇرۇخى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنى رەڭگى رويىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئۇنداقتا، تېرە رەڭگى بوغداي ئۆڭ بولغان خانىم قىزلار، قايسى نومۇرلۇق لەۋ سۇرۇخى ئىشلەتسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

بىرىنچى بولۇپ تەۋسىيە قىلىنىدىغىنى، دىئاۋ 999 (迪奥999)؛ بۇنى بەلكىم باشقىلار تەۋسىيە قىلىپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مەن ئۇنى يەنىلا ماختىماي تۇرالمايمەن، ئۇ سىزنى ھەقىقەتەن گۈزەل قىلىۋىتەلەيدۇ. ئالدى بىلەن، بۇ لەۋ سۇرۇخىنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى، پاقىرىمايدىغان ۋە نەملىك يەتكۈزىدىغان ئىككى خىل بولۇپ، مەن ئۆزۈم پاقىرىمايدىغان خىلىنى بەكرەك ياخشى كۆرىمەن؛ پاقىرىمايدىغان خىلى قارىماققا بىر خىل سۈپەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، گەرچە پاقىرىمايدىغان ماتېرىياللىق بولسىمۇ، ئەمما سۇۋىسىڭىز كالپۇكلىرىڭىزنى قۇرغاقلاشتۇرۋەتمەيدۇ، كالپۇك شەكلى تازا ياخشى بولمىغانلارغىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ.

دىئاۋ999، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىرىنچى قېتىم داڭلىق ماركىلىق لەۋ سۇرۇخى سېتىۋالغان ۋاقىتتىكى ئالدىن تاللىشى بولۇشى مۇمكىن؛ چۈنكى بۇ خىل توق قىزىل رەڭ، سىزنى شۇ ھامانلا ئايال پادىشاھقا ئايلاندۇرىدۇ. گەرچە توق قىزىل رەڭلىك بولسىمۇ، ئەمما كالپۇكىڭىزغا سۇۋۇغاندىن كېيىن، ئۇنچە بەك مۇبالىغىلىك كۆرۈنمەيدۇ؛ ئادەتتە گىرىم قىلمىغان ۋاقىتتا، نېپىز بىر قەۋەت سۇۋۇۋالسىڭىز، سىزنى شۇ ھامان لاتاپەتلىك ئايالغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل لەۋ سۇرۇخى، تېرە رەڭگى بوغداي ئۆڭ بولغانلارغىمۇ ماس كېلىدىغان بولۇپ، قارامتۇل كۆرۈنۈپ قالمايدۇ.

شىياڭنەيئېر، لەۋ سۇرۇخى جەھەتتە ئەزەلدىن يامان ئەمەس مەھسۇلاتلارنى چىقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كىلاسسىك نومۇرلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم، شىياڭنەيئېر 58-نومۇرلۇق رەڭ؛ بۇ خىل قىزىل رەڭ، ھاراق قىزىلى ۋە بىنەپشە قىزىل رەڭنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇپ، ئادەمگە بىر خىل يۇقىرى قاتلاملىق تۇيغۇسى بىرىدۇ، ئاق كۆرسىتىش ئۈنۈمى بولسا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك.

بۇ خىل لەۋ سۇرۇخى، ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدىكى پاقىراتمايدىغان ئۈنۈملۈك بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ سىرتقى قېپىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى سۈپەت تۇيغۇسىغا ئىگە. بارلىق ماركىدىكى لەۋ سۇرۇخلىرى ئىچىدە، مەن شىياڭنەيئېرنىڭ سىرتقى قېپىنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن؛ چۈنكى، ئۇنىڭدا بىر خىل ئاددىي ئەمما يۇقىرى قاتلمالىق تۇيغۇسى بار، كىشىگە ئەرزان باھالىق تۇيغۇ بەرمەيدۇ.

3CEنىڭ ئوچۇق قىزىل رەڭلىك لەۋ سۇرۇخى، مەن ياخشى كۆرىدىغان پاقىرىمايدىغان خىلدىكى لەۋ سۇرۇخىدىن بولۇپ، سۇۋۇغان ۋاقىتتا ناھايىتى يۇمشاق بىلىنىدۇ، كالپۇكقا چاپلىشىۋالمايدۇ. بۇ لەۋ سۇرۇخنىڭ يۈز تېرىسىنى ئاق كۆرسىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، ھەرقانداق تېر رەڭگىگە ماس كېلىدۇ.

Colorkey ماركىسىمۇ، يېقىندا دۆلەت ئىچىدە بىر قەدەر مودا بولغان ماركا بولۇپ، ئۇلارنىڭ لەۋ سۇرۇخىمۇ يامان ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ لەۋ سۇرۇخ مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە، 608- نومۇرلۇق رەڭدىكى لەۋ سۇرۇخى، ئەتىياز ۋە ياز كۈنلىرىگە تولىمۇ ماس كېلىدىغان رەڭ بولۇپ، تېرە رەڭگى تاللىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ لەۋ سۇرۇخىمۇ ئوخشاشلا پاقىرىمايدىغان ماتېرىياللىق بولۇپ، سۇۋۇغان ۋاقىتتا كالپۇكنى قۇرغاقلاشتۇرمايدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بۇ خىل لەۋ سۇرۇخىنىڭ بىر خىل شاكلات تەمى بار بولۇپ، ئىختىيارسىز ھالدا چىشلىۋالغۇڭىز كېلىدۇ.

مىياۋ بالىنىڭ 15-نومۇرلۇق رەڭدىكى لەۋ سۇرۇخىمۇ، ئىنتايىن كىلاسسىك بولغان توق قىزىل رەڭلىك لەۋ سۇرۇخى بولۇپ، ئېغىزغا سۇۋۇغاندىن كېيىن، كالپۇكنى نەملەشتۈرۈپ، سىزنى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ لاتاپالەتلىك ھەم ئەڭ كۈچلۈك ئايالغا ئايلاندۇرىدۇ. بىراق، بۇ خىل لەۋ سۇرۇخىنىڭ بىر كەمچىلىكى بار بولۇپ، رەڭ ئاسانلا ئۆچۈپ قالىدۇ ۋە ئاسانلا ئىستاكان قاتارلىق كالپۇكىمىزغا تەككەن باشقا جىسىملارغا يۇقۇۋالىدۇ.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ئەر يولداشلار، سىلەرنىڭ شۇ بىرلا ئايالىڭلار بار، ئۇلارنى سىلەر ئەتىۋارلىماي كىم ئەتىۋارلىسۇن؟ مەنمۇ سىلەرگە مۇشۇنچىلىك ياردەم قىلالايمەن، ياخشى بىر ئەر دادا بول

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ قويۇشىدىكى سەۋەپ، ئۇلار بە

ھەربىر ئاتا-ئانا بالىسىنى تەربىيەلىگەن ۋاقىتتا، بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بولۇپمۇ بالىسى مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن، بالىسىنىڭ ئەل

بىر ئەركىشىنى ئۈزۈل-كىسىل بويسۇندۇرىمەن دىسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىدە نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىشىڭىز كىرەك؛ بۇنىڭدا سىز ئاندىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇ

ھازىر ئاجايىپ بىر ھادىسە كۆپلەپ قالغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، ھازىرقى ياشلاردا، "خىزمەتتىن قورقۇش كىسىلى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كىسەللىك پەيدا بولۇپ قالدى. ئەگەر سى

رىئال تۇرمۇشتا، ھەربىر ئايال كىشى ئۆز بەختىنى قوغلىشىدۇ؛ بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندىن كىيىن، كۆپ قىسىم ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلار كۆڭلىدە بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرۈ

كىشىلەر ھۇرۇنلىقىدىن ھەرخىل قىزىقارلىق ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بەزىلىرىنى ھەتتا بىر خىل ئىجادىيەت ھىسابلاشقا بولىدۇ.

توي تۇرمۇشىدا، بىر ئادەم سىزگە ھەرقانچە ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ساداقەتسىزلىك قىلسا، ئۇنى ئاساسى جەھەتتىن بىر بىلەت ئارقىلىق ئىنك

ئەنگىلىيە "قۇياش گىزىتى"نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىيتناملىق بىر "مۇناپىق دادا"، ئايالى سۈت بېزى راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ 14ياشلىق قىزىغا باسقۇ
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号