ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ياخشى قېيىنئانىنىڭ تۆت تۈرلۈك ئۆلچىمى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-02كۆرۈلىشى : قېتىم
   قەدىمدىن تارتىپ، قېيىنئانا كىلىن مۇناسىۋىتى، بىتەرەپ قىلماق قىيىن بولغان بىر مەسىلە؛ بەزى قېيىنئانىلار بىلەن كىلىنلەر خۇددى تۇغۇلما دۈشمەنلەرگە ئوخشاش، چىقىشىپ ئۆتمىكى ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ. ھازىرقى ئاياللار توي قىلغان ۋاقىتتا، قارشى تەرەپنىڭ ئانىسىنىڭ مىجەزىنى كۆپرەك سۈرۈشتە قىلىدۇ؛ چۈنكى، ئەگەر ياخشىراق بىر قېيىنئانىغا ئىرىشەلىسە، كىيىنلىك توي تۇرمۇشى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولالايدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ياخشى قېيىنئانىنىڭ تۆت تۈرلۈك ئۆلچىمىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىلىنىنى سىرتنىڭ ئادىمى قاتارىدا كۆرمەسلىك
    بىر ئائىلە كىشىلىرى بولمىسا بىر ئۆيگە كىرمەس، كىلىنى ئىرىنىڭ ئۆيىگە ياتلىق بولۇپ كىرگەن ئىكەن، ئۇنداقتا قېيىنئانا كىلىننى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈشى كىرەك. بىراق ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇنلىغان قېيىنئانىلار كىلىنىنى ياتلاپ، پەقەتلا ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىدەك كۆرمەيدۇ؛ بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، كىلىنىدىن يۇشۇرۇن ئوغلى بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، قېيىنئانا بىلەن كىلىننىڭ چىقىشىپ ئۆتىشى تەسكە توختايدىغان بولۇپ، ئەگەر قېيىنئانا كىلىنىنى ئۆز ئادەم كۆرمىسە، ئۇندقاتا كىلىنمۇ قېيىنئانىسىنى ئانا ئورنىدا كۆرمەيدۇ ھەمدە كىيىنلىك تۇرمۇشتا قېيىنئانىسىنىڭ ھالىدىن چىن كۆڭلىدىن خەۋەر ئالمايدۇ.
ئوغلى بىلەن كىلىنى زىددىيەتلىشىپ قالسا، كىلىنىگە يان باسمايدۇ
   ئەگەر قېيىنئانا ئىش ئۇقىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئاسانلىقچە ئوغلى بىلەن كىلىنى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتكە ئارىلىشىۋالمايدۇ ھەمدە قانداق زىددىيەتلەرگە مۇۋاپىق تۈردە قول تىقىش كىرەكلىكىنى ۋە قانداق زىددىيەتلەرنى ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەل قىلىشىغا قويۇپ بىرىش كىرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. بۇندىن باشقا، ئوتتۇرلۇققا چۈشۈپ زىددىيەتنى پەسەيتىشكە توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، قېيىنئانا ئادىل ئىش كۈرۈپ، بار ئىشنى سۆزلەيدۇ ھەمدە ئوغلىغا يان باسىدىغان ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار، بۇنداق قىلمىغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتىنى پەسەيتىش ئەمەس، تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۋىتىدىغانلىقىنى ئوبداق بىلىدۇ.
ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ھۆرمەت قىلىدۇ
   چوڭلار بىلەن ياشلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىدىيە قاراشلىرى جەھەتتە چوڭ پەرق بار؛ شۇڭا، چوڭلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆرنەك قىلىپ، ياشلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇۋالماسلىقى ھەمدە ياشلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ھۆرمەت قىلىشى كىرەك. ھەربىر دەۋرنىڭ ئۆزگىچە ياشاش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇللىرى بولىدۇ، شۇڭا بەزى ئىشلاردا، ئەگەر كۆزىمىزگە پەقەت سىغمىسا، ئۇلارغا تەكلىپ بەرسەك بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنى مەجبۇرلاپ قاتتىق تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر قېيىنئانا بولغۇچى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مەجبۇرى ئۆزگەرتىمەن دىسە، ئۇنداقتا ياش ئەر-خوتۇنلار بۇنىڭغا كۆنەلمەي، كىلىننىڭ قېيىنئانىسىغا قارىتا پىكىرى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئورۇن ئالماشتۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشنى بىلىپ، كىلىنىنىڭ تەڭلىكىنى توغرا چۈشىنىش
    قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولالماسلىقىدا، كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىشالمىغانلىقىدىن بولىدۇ. ياخشى بىر قېيىنئانا، كىلىنىنىڭ تەڭلىكىنى توغرا چۈشىنىپ، كىلىنىنىڭ نوقتىسىدىن مەسىلىلەرنى ئويلىشىدۇ ھەمدە بەزى تەرەپلەردە كىلىنىگە ياردەملىشىدۇ؛ كىلىنى قېيىنئانىسىنىڭ بۇ خىل ياخشى نىيىتىنى ھىس قىلىپ يەتكەندىن كىيىن، تەبىئىيلا قېيىنئانىسىغا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، تېخىمۇ بەكرەك ۋاپادارلىق كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号