ياخشى كۆرۈڭ ياكى كۆرمەڭ، ئەرلەر ئۇنتالمايدىغان ئاياللاردىن بولۇڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
ھەممە ئادەم ئۆمرىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىدۇ؛ بىزنى خۇشال قىلىدىغان، بىئارام قىلىپ ئازاپلايدىغان، ئۆچلۈكىمىزنى كەلتۈرىدىغان، بىز ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر، قاتارلىشىپ بىزنىڭ ھاياتلىق سەپىرىمىزدە كۆرىلىدۇ. بىراق مۇھەببەت دۇنياسىدا، بىز سەبىيلىكتىن پىشىپ يىتىلىشكە ئۆتكەن ۋاقتىمىزدا، چوقۇم بەزىبىر ئىشلارنى، ئادەملەرنى ۋە بىر بۆلەك مۇھەببەت جەريانلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزىمىز.
بۇ سەۋەپلىك، كىشىلەر ھەمىشە ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا، ئۆتكەن ئاشۇ يىللارنى ئەسلەيدۇ؛ خۇددى بەزىلەر گەرچە ئاللىبۇرۇن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ھەمىشە كاللىمىزدا پەيدا بولىۋالغانغا ئوخشاش، بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى مەلۇم بىر بۇرجەكتە ساقلىنىدۇ.
بولۇپمۇ بىر ئەركىشىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بەزى ئاياللار گەرچە ئۇلارنىڭ ھايات مۇساپىسىدە كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما سىيپاپ ئۆتۈپ كەتكەن شامالغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئورۇنلىشىپ كىرەلمەيدۇ؛ ئەمما بەزى ئاياللار بولسا، مەيلى ياخشى كۆرسۇن ياكى كۆرمىسۇن، ئۇلارنى بىر ئۆمۈر ئۇنتىيالماس ھالغا ئەكىلىپ قويىدۇ.
مۇھەببەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، ئاياللار ھىسياتقا بىرىلىدىغان ھەم ئەڭ ئاسان كۆڭۈل ئازارىغا ئۇچرايدىغان كىلىدۇ؛ ئەكسىچە، ئەرلەر ئالا كۆڭۈل، مۇھەببەتكە ساداقەتسىز، ئاياللارغا كۆزى بىلەن قارايدىغان، چىن مۇھەببەت بېغىشلىماي كۆڭۈل خوشى ئىزدەيدىغان كىلىدۇ.
بىراق ئەمىلىيەتتە، بەزى ئاياللارغا نىسبەتەن، ئەرلەر بەلكىم بىر ئۆمۈر ئۇلارنى قايتا ئەسلەپ قالماسلىقى مۇمكىن؛ لىكىن يەنە بىر خىل ئايال كىشنى، ئەرلەر بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ كىتەلمەيدۇ. بۇ ئايال كىشى خۇددى ئۇلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ ئورناپ قالغانغا ئوخشاش، ھەرۋاقىت ئىسىگە ئالغاندا، ئەركىشىنىڭ يۈرىكى ئاغرىپ ئەپسۇسلىنارلىق ھىس قىلىپ كىتىدۇ.

-2-
مەيلى ئايال كىشى بولسۇن ياكى ئەر كىشى بولسۇن، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ پۇشايمىنى، ئۆزى ئۇنتىيالمايدىغان ئاشۇ ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا، بىز پەقەت پۇشايمان قىلىش ۋە ئەپسۇسلىنىش ئارقىلىق ئۇ ئادەمنى ئىسىمىزدە ساقلايمىز.
ئەلۋەتتە، بىز شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنتۇپ كىتەلمەيمىزكى، ئۇ ئادەم چوقۇم بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ قېتىغا ئورناپ كەتكەن بولىدۇ؛ مۇھەببەت بار بولغانلىقى ئۈچۈن يۈرىكىمىز ئاغرىيدۇ ھەمدە قەلبىمىزدە مەھكەم ساقلايمىز. بىراق مۇھەببەتكە نىسبەتەن، نۇرغۇن ئاياللار ھەمىشە ئۇھ تارتىپ كىتىشىدۇ: نىمە ئۈچۈن مىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلايدىغان بىر ئەركىشىنى ئۇچرىتالمايمەن، مەن نىمە ئۈچۈن ئەركىشى ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىغان ئاشۇ ئاياللاردىن بولالمايمەن؟
ئەمىلىيەتتە، ئەرلەر ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىغان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەزىبىر ئورتاقچىلىقى، ياكى ئالاھىدىلىكلىرى بار ئىكەنلىكىنى بايقىۋىلىشىمىز تەس ئەمەس. بۇ ئالاھىدىلىكلەر، ئەرلەرنىڭ ئەس-خاتىرىسىدىكى بىر تىرەككە ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزنالارنى قالدۇرىدۇ.
ئەرلەرنى ئونتىيالمايدىغان قىلىپ قويىدىغان ئاياللار، كۆپىنچە مۇھەببەتنى پايدا-مەنپەئەتكە باغلىۋالمايدۇ؛ مۇھەببەتنى، بايلىق ۋە شۆھرەتپەرەسلىككە ئەگەشتۈرۈپ، ئەسلىدىكى پۇرىقىنى يوقىتىپمۇ قويمايدۇ. ئۇلار كىيىنچە ئەركىشى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ناھايىتى لاتاپەتلىك ھالدا ئۆرۈلۈپ كىتىپ قالىدۇ، مەجبۇرلىمايدۇ، ياسالمىلىق قىلمايدۇ، ھەممىگە ناھايىتى سالماقلىق بىلەن يۈزلىنىدۇ.
ئەرلەرنى ئۇنتىيالمايدىغان قىلىپ قويىدىغان ئاياللار، ماددى مەنپەئەت قوغلىشىش ئەۋج ئالغان بۇ جەمئىيەتتە، ماددى مەنپەئەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، ئەر كىشىنىڭ يانداش مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ؛ ئۇلار ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ ۋە ئۆزىنى ياخشى ئاسراپ، ئەزەلدىن ئەركىلەپ نايناقشىمايدۇ؛ ئۇلار ئەر كىشىگە بىر خىل گۈزەل تۇيغۇ بېغىشلاپ، ئەرلەرنىڭ قەلبىدىكى بىر مەنزىرىگە ئايلىنىدۇ.
ئەرلەرنى ئۇنتىيالماس قىلىپ قويىدىغان ئاياللار، ئۇلارنىڭ بەلكىم گۈزەل رۇخسارى بولماسلىقى مۇمكىن؛ بىراق ئۇلارنىڭ چوقۇم بىر قىزىقارلىق روھىيىتى ۋە ئىچكى گۈزەللىكى بار. ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى ۋە كەڭ قوساقلىقى، مۇلايىملىقى ۋە كۈيۈمچانلىقى، ئۇ خىل ئىچكى گۈزەللىكى سىرتقا تارقاتقان لاتاپىتى، ئەرلەرنىڭ ئەقلىنى لال قىلىشقا يىتەرلىك بولىدۇ.

-3-
مەيلى ۋاقتىلار قانچىلىك ئۆتمىسۇن، ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدە، ئۆزى ئۇنتىيالمايدىغان بىر ئادىمى بار بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ خاتىرىمىزدىن سۇسلىشىپ كىتىدۇ؛ يەنە بەزى كىشىلەر بولسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالىدۇ. سىز ئۇنى ئەسلەشكە ئادەتلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىلاشمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ يەنىلا ياخشى ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلىسىز.
چۈنكى مۇھەببەت دۇنياسىدا، بىز ھەممىمىز مۇكەممەل بولغان بىر مەيدان مۇھەببەتنى ئارزۇ قىلغان؛ ئەمما، ئايرىلىپ كىتىشكە پۈتۈلۈپ كەتكەن بولسا، بىرگە بولالمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك خاتىرىمىزگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ھەممەيلەن، مۇھەببەت ھاياتلىقنىڭ پۈتۈن قىسمى ئەمەس، ئۇ ئادەمنى قۇتقۇزغۇچى ئەڭ ئاخىرقى پاخال ئەمەس، بەلكى پەقەت بىر خىل گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈشتۇر دىيشىدۇ. بىراق مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، مۇھەببەت ھامان گۈزەل كىلىدۇ. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىز راستىنلا ئايرىلىپ كىتىپ قالساقمۇ، ئۇنچە بەك ئازاپلىنىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
چۈنكى، ۋاقىت ھەمىشە ئەڭ توغرا بولغان ئادەمنى بىزنىڭ يېنىمىزغا ئەكىلىپ بىرىدۇ. بىراق، ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەيلى ياخشى كۆرۈڭ ياكى كۆرمەڭ، چوقۇم ئەرلەر ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىغان ئاياللاردىن بولۇڭ.