ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بۇ يىمەكلىكلەرنى سىناپ كۆرۈڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مىنىڭچە، گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان ئادەم بولمىسا كىرەك، ئاياللار تېخىمۇ ھەم شۇنداق. گۈزەللىكنى سۈيۈش خاتا ئەمەس، مۇھىم بولغىنى، ئۆزىمىزنى قانداق قىلپ تېخىمۇ گۈزەل قىلىشتا. مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قوللىنىدىغىنى، يىتەرسىز نۇقسانلارنى يېپىپ يۆگەش بولۇپ، يۈزىگە دانىخورەك چىقىپ قالسا ياكى داغ چۈشۈپ قالسا، تىرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى سېتىۋىلىپ ماي بىلەن يۆگەپ يۇشۇرۇشنى تاللايدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغانلىق ئەمەس. ئەگەر ئايال كىشى قورۇق ۋە داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىمە دىسە، تۆۋەندىكى تۆت خىل يىمەكلىكنى دائىم ئىستىمال قىلىپ سىناپ باقسا بولىدۇ.
قارا پۇرچاق
    قارا پۇرچاق تەركىبىدە بىر خىل ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمۇنى بار بولۇپ، ئاياللار ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل قارا پۇرچاق ئىستىمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، بدەن ساپاسىنى ياخشىلاپ داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىدۇ.
ئاق مور
   كىشىلەر تەرپىدىن "زەمبۇرۇغلار پادىشاھى" دەپ نام بىرىلگەن ئاق مورنىڭ تەركىبىدە ئۆسۈملۈك تىپىدىكى يىلىم ماددىسى بار، بۇنىڭغا ئۇنىڭ مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى قوشۇلۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، تىرىنى يۇمرانلاشتۇرۇپ، تىرىنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتىگە قارىتا قۇۋۋەتلەش رولىنى ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، ئاق مورنىڭ يەنە يۈز قىسىمدىكى داغ-سەپكۈننى يوقىتىش، قېرىپ كىتىشكە قارشى تۇرۇش، قورۇق شەكللىنىشنى ئاستىلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.
گۈلسامساق(百合)
    گۈلسامساق تەركىبىدە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ماددىسى ۋە ۋىيتامىنلار مول بولۇپ، تىرە ھۈجەيرىلىنىڭ مىتابولىزىمىغا پايدىلىق بولىدۇ. گۈلسامساقنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بەلگىلىك ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش رولى بار.  تىرىسىدىن ئاسان ماي تەپچىپ چىقىدىغان كىشىلەر گۈلسامساقنى كۆپرەك يەپ بەرسە ياخشى ئۈنۈم كۆرەلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، گۈلسامساق تىرىنىڭ ماي ۋە سۇ تەركىبىنى تەڭشەپ، تىرىنى تېخىمۇ يۇمران قىلىدۇ ھەم ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
ئۈرۈك مېغىزى
   ئۈرۈك مېغىزى تەركىبىدىكى ۋىيتامىن Eنىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا، تىرىدىكى رەڭ ماددىلىرىنىڭ چۆكۈپ يېغىلىپ قېلىشىنى ياخشىلاپ، تىرە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تىرىنى سىلىق ۋە ئىلاستىكىلىققا ئىگە قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، ئۈرۈك مېغىزىنىڭ يەنە دانىخورەك ۋە دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش، ئاپتاپتا كۈيۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق رولى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号