ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ھەيىز مەزگىلىدە بۇ ئۈچ خىل مىۋىنى كۆپ ئىستىمال قىلماڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەربىر ئايال كىشىنىڭ ئەڭ ئىچى پۇشىدىغان ۋاقتى ھەيىز مەزگىلى، ئەمما بۇ يەنە ھەر ئايدا چوقۇم باشتىن ئۆتكۈزۈشكە تىگىشلىك بىر ئىش. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەيىز مەزگىلى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر ھەيىز مەزگىلىنى ساغلام ئۆتكۈزەلىسە، ئۇلارنىڭ بەدىنى تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەيىز مەزگىلىدە يەنە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغان نۇرغۇن ئىشلار بار؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە يىمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش بىر قەدەر مۇھىم بولۇپ، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مىۋىنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك.
بانان
    بانان، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ياقتۇرۇپ يەيدۇ؛ باناننىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى مول، ئۇ بەدەن ساغلاملىقىنى ئاسراشقا ناھايىتى ياخشى ياردەملىشەلەيدۇ. بىراق، ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە، ئىمكان قەدەر بانان يىمەسلىكى كىرەك. چۈنكى، بانان تەبىئىتى سۇغۇق مىۋە بولۇپ، ھەيىز مەزگىلىدە كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىشنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.
تاۋۇز
    ياز كۈنى كىلىش ئالدىدا تۇرۋاتقان بولۇپ، ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەن كۈنلەردە تاۋۇز يەپ بەرسە، ئىسسىقنى ھەيدەپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش رولى بار. بىراق تاۋۇزمۇ تەبىئىتى سۇغۇق مىۋە بولۇپ، ھەيىز مەزگىلىدە كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ قاننىڭ تىمپىراتۇرسىنى غىدىقلاپ، قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا بولسا قان پارچىلىرى شەكىللىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، كىيىنكى قېتىملىق ھەيىز مەزگىلىدە، ئادەمنى تېخىمۇ قىيناپ بىئارام قىلىپ قويىدۇ.
چوڭ ئاپلىسىن
    كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، چوڭ ئاپىلىسىن ناتۇنۇش ئەمەس. ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىيتامىن Cبار بولۇپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھاراقنىڭ مەستلىكىنى يىشىلدۈرۈش ئۈنۈمى بار. ئەگەر ئۇنى داۋاملىق يەپ بەرگەندە، يەنە چىراي گۈزەل لەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق، ئۇنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولۇپ، ھەيىز مەزگىلىدە كۆپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ؛ بولمىغاندا، داس بوشلۇقىدىكى قان ئايلىنىش سۈرئىتىگە تەسىر يىتىپ، ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىشنى پەيدا قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号