ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ تەبىئى دۈشمىنىنى بىلىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كۆپ قىسىم ئاياللاردا بالدۇر يىتىلىش(ھەيىز كۆرۈش باشلىنىش مەزگىلى ئالدىغا سۈرۈلۈش) ۋە ھەيىز توختاش كەينىگە سۈرۈلۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا، ئاياللىق ھورمۇن مىقدارى ئاسانلا ئېشىپ كىتىپ ھەمدە بالىياتقۇنى غىدىقلاپ، ئاقىۋەتتە بالىياتقۇ ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، ئاياللار كىسىلى ھازىر ئوتتۇر ياشلىق ئاياللارغىلا تەئەللۇق بولمايدىغان بولۇپ قالدى. بىلىشىمىز كىرەككى، بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ كۆرۈلىشى، ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئەگەر ئۇنىڭغا تەرەققى قىلىشىغا قويۇپ بەرسەك، بالىياتقۇدا راك ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بۇ جەھەتتە ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كىرەك. تۆۋەندىكى يىمەكلىكلەر بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ تەبىئى دۈشمىنى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئادەتتە كۆپرەك يەپ بەرسىڭىز، بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياخشىلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيسىز.
ئاغىچە(丝瓜)
   ئاغىچە تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتات بولۇش سۈپىتى بىلەن، باھاسى ئەرزان، ئەمما ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى. ھازىرقى زامان تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، ئاغىچەنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولۇپ، ئىسسىق يەل ھەيدەپ زەھەر قايتۇرۇش، قاننى سۇۋۇتۇپ قان توختىتىش، جىڭلولارنى راۋانلاشتۇرۇپ قان تومۇرلارنى ئېچىش، ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش ۋە راكقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار ئىكەن. بۇندىن باشقا ئاغىچە ئۇرۇقى ياكى ئاغىچە يۇپۇرمىقىنى قورۇپ سوققاندىن كىيىن، تۇز سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىشلەتسەك، ھەيىز كۆپ كىلىشنى ياخشىلاشقا بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بالىياتقۇ ئۆسمىسى بىمارلىرى ئاغىچەنى كۆپرەك يەپ بەرسە، ياردەمچى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
سەۋزە
   سەۋزىنى بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ، ياكى ھەرخىل قورۇما ۋە تائاملارنى تەييارلاپ ئىستىمال قىلساقمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئوخشاشلا يۇقىرى بولىدۇ. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، سەۋزە تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ بەدىنىمىزگە نىسبەتەن پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىنلار ۋە كاروتىن ماددىسى، ئادەمنىڭ ئىممونت كۈچىنى ۋە كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدا ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ تېىىمۇ پاكىزە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بالىياتقۇ ئۆسمىسىنى ياخشىلاش ياكى يىنىكلىتىش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
دولانا(山楂)
   دولانا، ئەلمىساقتىن تارتىپ ئۆت ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ ئىشتىھانى ئاچىدىغان، قاننى جانلاندۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىدىغان ئۈنۈملۈك دورا قارىلىپ كەلگەن. دولانا تەركىبىدە ھەرخىل ئۇزۇقلۇق ئىلمىنتلار مول بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى موكسىلىننىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈپ كۆپىىيىشىنى ۋە تارقىلىشىنى توسىدۇ. بالىياتقۇ ئۆسمىسى بىمارلىرى دولانا يەپ بەرگەندە، قان ئازلىق كىسىلى ئالامەتلىرىنى يىنىكلىتىپ، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يامان سۈپەتلىككە ئۆزگىرىپ كىتىشىنى توسىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号