ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىنىپ قاقشايدۇ ياكى يامان ئادەتلەرگە چۆكۈپ كىتىپ، "كۈن كەچ بولسا بىر كۈن ئۆتكەنگە ھىساب" دىگەن پىسخىكىدا بولىدۇ؛ بۇنداق ئاياللارنىڭ كۈنلىرى، ئەلۋەتتە بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بارغانسىرى يامان كۈنگە قالىدىغان ئاياللارنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئىپادىسى بار بولىدۇ.
ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىنىپ قاقشايدۇ
    بۇنداق ئاياللار ھەمىشە ئۆزىنىڭ بەخىتسىزلىكىنى باشقىلارغا مۇجەسسەملەيدۇ، ئەمما ئەزەلدىن ئۆزىدىن سەۋەپ ئىزدەپ باقمايدۇ. كۈنلىرى ياخشى ئۆتىۋاتقان ئاياللار تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈپ ئولتۇرمايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق قامداش ۋە ياخشى تۇتۇشنى بىلىدۇ؛ ئوڭۇشسىزلىققا ياكى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ساۋاقنى ئەستايىدىللىق بىلەن يەكۈنلەپ، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرمەيدۇ؛ دۇنيادىن، جەمئىيەتتىن، شەخىستىن قاقشاپ ئاغرىنىدىغان ئەھۋال تېخىمۇ بولمايدۇ. ئەكسىچە، تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە ئۆزىنىڭ بەخىتسىزلىكىنى باشقىلارغا دۆڭگەپ، ئەزەلدىن ئۆزىدىن سەۋەپ ئىزدەپ باقمايدۇ.
ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ
    بۇنداق ئاياللارنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا ھېچقانداق بىر ئوي-خىياللىرى ياكى پىلانلىرى يوق كىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلاردا تەۋەككۈلچىلىك روھى كەمچىل بولۇپ، يىڭى شەيئىلەرنى سىناپ بېقىشنى خالىمايدۇ. تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلىدىغان، كۈنلىرى ياخشى ئۆتىۋاتقان ئاياللار بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىغا قارىتا، بىرقەدەر تەپسىلى پىلانلىرى، تۇمۇشقا قارىتا ئىنىق بىكىتىلگەن ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بار بولىدۇ ھەمدە ئەمىلى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزى ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئەكسىچە، تۇمۇش كەچۈرۈشنى بىلمەيدىغان، كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىپ بارغان ئاياللار بولسا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا قارىتا ھېچقانداق بىر ئوي-خىياللىرى يوق، بار بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار دادىللىق بىلەن سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؛ چۈنكى، ئۇلار مەغلۇپ بولۇشتىن قورقىدۇ.
ناچار ئىللەتلەرگە ئادەتلىنىپ قالغان
    بۇ خىلدىكى ئاياللار، ئۆزىنى باشقۇرالمايدىغان، ھاياتقا قارىتا ھېچقانداق پىلانلىرى يوق، سۇنىڭ ئېقىشىغا بېقىپ ئىش كۆرىدىغان كىلىدۇ. تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلىدىغان، كۈنلىرى ياخشى ئۆتىۋاتقان ئاياللار بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن كۈچلۈك بولۇپ ئۆزىنىڭ نىمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار ئۆزىنى تۇتىۋالالايدۇ. ئەكىسچە، كۈنلىرى تەسلىكتە ئۆتىۋاتقان ئاياللار، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىغا قارىتا ھېچقانداق پىلانلىرى بولمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاسانلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ؛ ئۇلار ھەمىشە قىزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بىرەلمەي، يامان ئىللەتلەرگە ئۆگىنىپ قالىدۇ، نەتىجىدە ھاياتلىقىنى بىكار ئۆتكۈزۈپ، ئۆمرىنى خىرەچىلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.
تەييارتاپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كەمچىل كىلىدۇ
    بۇ خىلدىكى ئاياللار باشقىلارغا ھەددىدىن ئارتۇق تايىنىۋالىدىغان بولۇپ، ئۆزى ئورۇنلاشقا تىگىشلىك ئىشلاردا ھەمىشە باشقىلارنى ياردەملىشىپ ئورۇنلاپ بىرىشكە سالىدۇ. تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلىدىغان، كۈنلىرى ياخشى ئۆتۈۋاتقان ئاياللر بولسا، ئۇلار بىرقەدەر ئىشچان، كىلىدىغان بولۇپ، ئالغا ئىنتىلىش روھى بار، تۇرمۇشقا نىسبەتەن قىزغىنلىقى بار كىلىدۇ؛ ئۇلار ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى تىرىشپ ياخشى ئورۇنلايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ تەلىيى بارغانسىرى ئوڭدىن كىلىدۇ. ئەكىسچە، ئەگەر بىر ئايال كىشى تەييارتاپلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كەمچىل ھەمدە باشقىلارغا تايىنىۋىلىشقا ئامراق كەلسە، بۇنداق ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى تەبىئىلا بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ.
    كۈنلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئاياللار ئۆزىنىڭ نىمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. ياخشى كۈن كۆرمەيۋاتقان ئاياللار بولسا، ئۆزىنىڭ نىمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ياكى بىلگەن تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشنى خالىمايدۇ، ھەمىشە ئۈمىدنى باشقىلارغا باغلاپ ئۆتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号