ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بىنورماللىقلار كۆرۈلۈشكە باشلاپ، كەيپىياتقىمۇ تەسىر يىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاياللار ئادەتتە ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىش ئەھۋالىغا ئىتىبار بىلەن قاراپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاياللىق ھورمۇنى تۇلۇقلاشنى ئىسىدىن چىقارماي، ئۇنىڭ نورمال سەۋيىدە ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك، بۇنىڭدا ئاندىن جىسمانى جەھەتتىكى ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، بەدەندە ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كەتسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
    ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كەتسە، ئاياللارنىڭ ھەيىزىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەيىزدە بىنورماللىق كۆرىلىشنىڭ سەۋەبلىرى نۇرغۇن بولۇپ، ئەگەر ئىزچىل تۈردە دەل ۋاقتىدا كىلىپ، تۇيۇقسىزلا كىچىكىپ كىلىدىغان ياكى بالدۇر كىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ئاياللىق ھورمۇنى مەسىلىسىنى ئويلىشىپ بېقىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇندىن باشقا، ھەيىز مىقدارىنىڭ ئاز كۆپ بولۇشى ۋە ھەيىز رەڭگىنىڭ بىنورمال بولىشمۇ، ئاياللىق ھورمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىلىدۇ.
    ئادەتتە، بەدەندىكى ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كەتكەن ئاياللارنىڭ چىرايى قارىماققا سارغىيىپ قالغان كۆرىنىدۇ، ھەتتا سارغۇچ قوڭۇر داغلار كۆرۈلۈشكە باشلايدىغان بولۇپ، ئالامەتلىرى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، كۆزدە بىر قاراشقىلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ؛ بۇلارنى گەرچە تىرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇشۇرۇپ قالغىلى بولسىمۇ، ئەمما بەدەنگە بولغان يامان تەسىرىدىن ساقلىنىپ قالغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئاياللار بۇنداق ئەھۋالدا بۇنى تىرە مەسىلىسى دەپ ئاددى چاغلاپ قالماي، بەدەندىكى ئاياللىق ھورمۇن سەۋيىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى كىرەك.
    بەدەندە ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كەتسە، روھى كەيپىيات ناچارلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بەزىدە ھەتتا خامۇشلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇرمۇشقا ئىشەنچىسىنى يوقىتىدىغان، كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ ئاچچىقلىنىپ كىتىدىغان ئەھۋاللارنى ۋە كەيپىياتى ئاسان ھاياجانلىنىدىغان ھەم تۇراقسىز بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
     يۇقىرقىلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ئاياللىق ھورمۇنى كەمچىل بولۇپ قېلىشنىڭ، ئاياللارغا بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ. ئادەتتە، ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى ئاياللىق ھورمۇنى تۇلۇقلاش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، ئەمما يىمەكلىك ئارقىلىق تۇلۇقلاش، ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەم ئەڭ ساغلام بولغان ئۇسۇل بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. مەسىلەن، بۇنداق ئەھۋالدا، ئاياللار دادۇرنى كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ. دادۇر تەركىبىدىكى ماددىلار ئاياللىق ھورمۇنىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تۇلۇقلاپلا قالماي، ئۇ يەنە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىمۇ قېلىنلاشتۇرالايدىغان بولۇپ، بالىياتقۇنى تېخىمۇ ساغلام قىلىپ، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
     بۇندىن باشقا، كاۋىمۇ ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلاپ ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان بولۇپ، ئۈچەي يوللىرى قىمىرلىشىنى تىزلىتىدۇ.
    يۇقىردا ئېيتىلغان ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئاياللار ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈش كىرەك بولۇپ، ئۆزىدە ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى ياكى ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىنىق ئايرىپ بىكىتىشى لازىم. ئەگەر راستىنلا ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا ۋاقتىدا تۇلۇقلاشقا كىرىشمىكى زۈرۈردۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号