ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرتۈش ھەققىدىكى خاتا قاراشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
دوختۇرخانىغا بېرىپ دائىملىق تەكشۈرۈش قىلدۇرۇش، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى؛ نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرتۈشكە قارىتا خاتا قاراش بار بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل خاتالىقنى پەيدا قىلىدۇ.

ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا تەكشۈرتمىسىمۇ بولىدۇ؟
نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدار بولغىلى ئۇزۇن بولمىغان مەزگىلدە تەكشۈرتمىسىمۇ بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ ھەمدە ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرتىشى قىلدۇرسا، يىڭى شەكىللەنگەن ھامىيلىگە پايدىسىز تەسىر ئەكىلىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق ئەمىلىيەتتە، يىڭىدىن ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، سىز گەرچە ھامىلدارلىقنى سىناش قەغىزى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىڭىزنى بىكىتكەن بولسىڭىزمۇ، ئەمما يەنىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ، رەسمى يۇسۇندىكى تەكشۈرۈش قىلدۇرۇش لازىم بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىش ئەھۋالى بار يوقلۇقىنى بىكىتىش بىلەن بىرگە، ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا بىلىۋالالايسىز. مەسىلەن، قان ئازلىق كىسىلى بارمۇ يوق، يۇقۇملۇق كىسەل بارمۇ يوق دىگەنلەرگە ئوخشاش.
بىرىنچى بالىنى سالامەت تۇغقان بولسا، ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولغاندا تەكشۈرۈش قىلدۇرمىسىمۇ بولىدۇ؟
نۇرغۇن ئانىلار، بىرىنچى بالىنى باشقا تاسادىبىيلىقلار كۆرۈلمىگەن ھالدا ئوڭۇشلۇق تۇغقان بولسا، ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولغاندا ئازراق تەكشۈرۈش قىلدۇرسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئەمما بۇ يەردە سىزگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن شۇنى ئېيتىمىزكى، مەيلى بىرىنچى بالىغا ھامىلدار بولۇش بولسۇن ياكى ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولۇش بولسۇن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زۈرۈر بولغان دائىملىق تەكشۈرۈشلەرنى چوقۇم قىلدۇرۇش كىرەك. چۈنكى، ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئايال كىشىنىڭ بەدىنىدە ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، پەقەت قەرەللىك تۈردە تەكشۈرۈش قىلدۇرۇپ تۇرغان ۋاقىتتىلا، ئاندىن ھامىلدار ئايالنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تۇلۇق ئىگەللەپ، ئانا-بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

تەكشۈرۈش قىلدۇرىدىغان دوختۇرخانىنى خالىغانچە ئالماشتۇرسا بولىۋىرىدۇ؟
تەكشۈرۈش قىلدۇرىدىغان دوختۇرخانىنى ھەرگىز خالىغانچە ئالماشتۇرماڭ!!!
نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشتا، قايسى دوختۇرخانىغا بېرىش قولايلىق بولسا شۇنىڭغا بارىدۇ ھەمدە دوختۇرخانا ۋە مەسئۇل دوختۇرنى خالىغانچە ئالماشتۇرىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇنداق قىلمىش تۈپتىن خاتا. سىز پەقەت مۇقىم بىر دوختۇرخانا ۋە مۇقىم بىر دوختۇرغا تەكشۈرتسىڭىز، دوختۇر ئاندىن سىزنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئەھۋالىڭىزنى تۇلۇق ھەم ئىنىق ئىگەللىيەلەيدۇ ھەمدە ئەگەر بىرەر تاساددىبىي ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ قالسا، ئەڭ تىز سۈرئەتتە توغرا بىتەرەپ قىلالايدۇ ۋە سىزنىڭ تۇغۇتىڭىز ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان لايىھە تۈزۈپ چىقالايدۇ.
دوختۇرخانىنى قانداق تاللاش مەسلىسىگە كەلسەك، ئۆيىڭىزگە ئەڭ يېقىن بولغان رەسمى يۇسۇندىكى دوختۇرخانىغا بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ بۇنىڭدا، تۇغىدىىغان ۋاقتىڭىزدا دوختۇرخانىغا بېرىشمۇ قولايلىق بولىدۇ.
تەكشۈرتۈشكە قايسى ۋاقىتنى خالىسا شۇ ۋاقىتتا بېرىش؟
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دائىملىق تەكشۈرۈشنىڭ ۋاقتى ۋە قېتىم سانىنىڭ، بەلگىلىك ئىلمى ئاساسى بار بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىلدار بولغان ھەپتە سانىغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار كەيپىياتى ياخشى بولماسلىق، ھاۋا كىلىمات ناچار، رۇخسەت ئالالماسلىق دىگەندەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، تەكشۈرۈش ۋاقتىنى خالىغانچە ئۆتكۈزىۋەتمەسلىكى كىرەك.
پەقەت ۋاقتى بويىچە تەكشۈرۈش قىلدۇرغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالى ۋە ھامىلدار ئايالنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئاندىن ۋاقتىدا بايقاپ چىقىشقا ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا بىتەرەپ قىلىشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ.

Bتىپلىق ئولتىرا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈشى ھامىيلىگە زىيانلىق، ئاز تەكشۈرتۈش كىرەك؟
ھازىر ۋاقىتمۇ 2019-يىلغا كىلىپ قالدى، شۇڭلاشقا بۇنداق يالغان ياۋىداق گەپلەرگە قەتئى ئىشەنمەڭ. Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈشى، ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەرگىز تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، تەكشۈرۈشكە تىگىشلىك بولغاندا چوقۇم تەكشۈرتۈش كىرەك.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈشنى ۋاقتىدا قىلىپ ماڭغاندا، بالا چوقۇم ساغلام بولىدۇ؟
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈشنى ۋاقتىدا قىلىپ ماڭغاندا، تۇغۇلغان بالا چوقۇم سالامەت تۇغىلىدۇ دەپ كىسىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، ئاڭلاش سىزىمى، كۆرۈش قۇۋۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈشتە تەكشۈرۈپ بايقىغىلى بولمايدۇ؛ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللاردىن يەنە، تاڭشى ئونۋىرسال كىسەللىكىنى تەكشۈرۈشتىمۇ، پەقەت ھامىلدار ئايالنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھامىيلىنىڭ تاڭشى ئونۋىرسال كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپلىك دەرىجىسىنىلا بىكىتىشكە بولىدۇ، ھامىيلىنىڭ تاڭشى ئونۋىرسال كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ياكى بولمىغانلىقىغا كىسىپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ھەربىر تەكشۈرۈش تۈرىگە ئىدراكلىق تۈردە مۇئامىلە قىلماق لازىم.