ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئەرلەرنىڭ بۇ ئاجىزلىقلىرىنى تۇتىۋالسىڭىز سىزىقىڭىزدىن چىقمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆرۈپ يەتكىلى بولىدىغان ۋە كۆرۈپ يەتكىلى بولمايدىغان كەمچىلىكلىرى بار بولىدۇ. يات جىنىسلىقلار ئالاقىسىدە، بىر ئادەمگە كۆپرەك دىققەت قىلىسڭىز، بۇ ئادەمگە نىسبەتەن بەلگىلىك دەرىجىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلالايسىز. ئادەتتە، ئەرلەردە تۆۋەندىكىدەك بەش خىل مۇھەببەت جەھەتتىكى ئاجىزلىق بار بولۇپ، سىز ئەگەر بۇ ئاجىزلىقلارنى تۇتىۋالسىڭىز، ئەرلەر سىزنىڭ سىزغان سىزىقىڭىزدىن چىقمايدىغان بولۇپ كىتىدۇ.
ئەرلەر ھەمرا بولۇشقا مۇھتاج
   بىر ئادەمنىڭ ئۆزى يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈشى غېرىپلىققا تولغان، ئەھمىيەتسىز كىلىدۇ. مەيلى قانچىلىك ياش مەزگىلىدىكى ئادەم بولمىسۇن، ئۆيىگە قايتاندىن كىيىن، قەلبنى ئىللىتىدىغان بىر خىل تۇيغۇ باربولىشىنى ھەمدە كۆڭلىنى ئازادە قويۇۋىتىپ، ھېچنىمىنى ئويلىماي خاتىرجەم ئولتۇرۇشنى ئويلايدۇ.
   ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ ھەمرا بولۇشىغا مۇھتاج بولۇپ، ئەر كىشىنىڭ ئىزچىل تۈردە يېنىدا ھەمرا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئەلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىغا مۇھتاج بولىدۇ، كەينىگە شۇنداق قايرىلىپ قارىشىغا ئايال كىشىنىڭ سىماسىنى كۆرەلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەرلەر ماختاشقا مۇھتاج
   تەنقىدلەپ ئەيىبلەش، ئادەمنى كەينىگە چىكىندۈرىدۇ؛ ماختاش بولسا ئادەمنى ئالغا باستۇرىدۇ. ھەر بىر ئادەم ئالغا بېسىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئادەمگە ئايلىنىپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشنى ۋە باشقىلارنىڭ ھەۋەسلىنىش ئوبىكتىغا ئايلىنىشنى ئويلايدۇ.
    مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەرلەرنىڭ كەينىدا، ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلماي كىلىۋاتقان بىر ئايال كىشى بار. ئايال كىشىنىڭ بىر ئېغىز رىغبەتلەندۈرۈشى، بىر ئېغىز ماختاش سۆزلىرى، ئەركىشىنى تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەر كىشى تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىدۇ. مەيلى مۇۋەپپىقىيەت قازانسۇن ياكى مەغلۇپ بولسۇن، ئۇنىڭ قەلبى ھامان سىز تەرەپتە بولىدۇ، سىزنى ئىزچىل تۈردە ياخشى كۆرۈپ ئۆتىدۇ.
ئەرلەر كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج
   مۇھەببەت بېغىشلاشقان ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدا، ئۆز-تايىنىشقا ھەمدە بىر-بىرىنى ئاسراشقا بولىدۇ. ئايال كىشى ئاۋارىچىلىققا يولۇققاندا، ئەر كىشىنىڭ يارىمىگە مۇھتاج بولىدۇ؛ ئايال كىشى ئۇۋالچىلىق تارتىپ قالغاندا، ئەر كىشىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇھتاج بولىدۇ.
   ئايال كىشى ئەر كىشىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ ئەلۋەتتە، ئەر كىشىمۇ ئايال كىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئەگرى-توقايلىقلارغا تولغان يوللىرىدا، ئىككەيلەن بىر-بىرىنى يۆلىشىپ، ھېچكىم ھېچكىمدىن بىزارلىق ھىس قىلمايدۇ، ھېچكىم ھېچكىمنى تاشلاپ قويمايدۇ. ئىككەيلەن مۇناسىۋىتىنى بۇ دەرىجىگە يەتكۈزگەندە، چوقۇم مۇكەممەل بولغان بىر نەتىجىگە ئىرىشىدۇ.
   كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا، ئەر كىشىگە مۇۋاپىق تۈردە كۆڭۈل بۆلۈپ قويسىڭىز، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئاسانلا سىڭىشىپ كىرەلەيسىز. ئىككى ئادەم ئىزچىل تۈردە ياخشى كۆرۈشۈپ ئۆتمەكچى بولسا، بەلگىلىك مۇھەببەت ئاساسى بار بولۇشى، بىر-بىرىگە تايىنىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆتىشى كىرەك.
ئەرلەر يۈزىنى ئاۋايلاشقا مۇھتاج
    ئىككى ئادەم دەسلەپ مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان ۋاقىتتا، ئاۋال قىلىشقا تىگىشلىك ئىش، ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قارشى تەرەپنى چۈشىنىشتۇر. ئەگەر قارشى تەرەپنى يىتەرلىك دەرىجىدە چۈشىنىپ يەتمىسىڭىز، ئۇلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالمىقىڭىز تەسكە توختايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭىشىپ كىرەلمىسڭىز، ئۇ سىزنى قانداقمۇ ياخشى كۆرۈپ قالسۇن؟
   ئەرلەر ئىزچىل تۈردە، ئەگەر ئايال كىشى مىنى يىتەرلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرسە، مىنىڭ تۇيغۇمغا ئىتىبار بىلەن قاراپ، ھەرۋاقىت يۈزۈمنى ئايايدۇ دەپ قارايدۇ. مۇھەببەت جەريانىدا، ئادىللىق ۋە تەڭسىزلىك دىگەنلەرگە بەك ئىتىبار بىلەن قاراپ كەتمەڭ؛ كەڭ قورساقراق بولسىڭىز، ئاندىن ھەقىقى مۇھەببەتكە ئىرىشەلەيسىز.
ئەرلەر ئىشىنىشكە مۇھتاج
    دوستلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئىشىنىش كىرەك، خىزمەتداشلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئىشىنىش كىرەك، ئاشىق-مەشۇقلار ئارىسىدا بىر-بىرىگە تېخىمۇ ئىشىنىش كىرەك. ئەگەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ئىشىنەلمەي، ئىزچىل گۇمانخورلىق قىلىپ ئۆتسە، ھامان بىر كۈنى ئايرىلىپ كىتىدۇ.
    ئەرلەر سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلمايدۇ، پەقەت سىزنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىڭىزنى ھەمدە ئىزچىل ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۇنى قوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشكەن ئىككى ئادەم، سىرتقى جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى قەلبلىرى بىر يەرگە كىلىپ، ئۆز-ئارا بىرىكىپ بىر قەلبكە ئايلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号