ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللار قىرىقتىن ئاشقاندىن كىيىن بۇ ئىشلارنى ئاز قىلىشى كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىلىماكتىرىيە دەۋرى ئالاھىدە بىر مەزگىل بولۇپ، ئاياللاردا بۇ مەزگىلدە نۇرغۇنلىغان نورمالسىزلىقلار كۆرىلىدۇ. كىلىماكتىرىيە دەۋرى، ئادەتتە 40ياش بىلەن 50ياشنىڭ ئارىلىقىدا يىتىپ كىلىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى تەدرىجى ھالدا چىكىنىپ، ئاياللىق ھورمۇنى سەۋيىسىمۇ تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە ھەيىز ئۈزۈلىدىغان مەزگىلگە يېقىنلاشقانسىرى، ھەيىزدە بىنورماللىق كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاياللاردا بىر قاتار كىلىنكىلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ مەسىلەن، تۇرۇپ-تۇرۇپ تەرلەپ كىتىش، يۈرىكى ئېغىپ ئۇيقۇسى قېچىش، كۆڭلى بىئارام بولۇپ، ئاسان تىرىكىدىغان بولۇپ قېلىش ياكى ئاچچىقى يامان بولۇپ قېلىش قاتارلىقلار. ئاياللار ئەگەر 40ياشتىن كىيىن ئۆزىگە بولغان ئاسراشنى ياخشى قىلسا، كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە كۆرىلىدىغان بىنورماللىقلارنى پەسەيتىشكە بولىدۇ، يەنە تېخى كىلىماكتىرىيە دەۋرىنىڭ يىتىپ كىلىشىنى كەينىگە سۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بۇ ھەقتىكى—يەنى، ئاياللار 40ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ئاز قىلىشقا تىگىشلىك بەزىبىر ئىشلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىچىلىرى ئۇخلىمايدىغان ياكى بەك كىيىن ئۇخلايدىغان ئەھۋال ئاز بولۇش
    كىچىسى ئۇخلىماسلىق، ئىنسانلار ساغلاملىقىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولۇپ، ھەمىشە كىچىسى ئۇخلىمىغاندا، ئادەمنىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرىدا قالايمىقانچىلىق كۆرىلىدۇ؛ بولۇپمۇ 40ياشتىن ئاشقان ئاياللارغا نسىبەتەن، ئۇلارنىڭ كىلىماكتىرىيە دەۋرىنىڭ يىتىپ كىلىشنى تىزلەشتۈرۋىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئادەتتە ئاياللارنىڭ كىچىلىرى يىتەرلىك ئۇيقۇسى بار بولۇشى، ئۇخلاش ۋە ئورنىدىن تۇرۇش قاتارلىق تۇرمۇش ئادەتلىرى تەرتىپلىك بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئاچچىقلىنىش ئاز بولۇش
    ئاياللار كىلىماكتىرىيە دەۋرىگە كىرگەندە، ئۇلارنىڭ مىجەزى تىرىككەك ھەم ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھەمىشە ھېچ ئشىتىن ھېچ ئىش يوق ئاچچىقلىنىپ كىتىدۇ. جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، ئاچچىقلىنىش جىگەرگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلەلمەي، بالىياتقۇغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئاسانلا ھەيىز قالايمىقانلىشىش، كىلىماكتىرىيە دەۋرى ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدىكەن.
ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۋىلىش ئاز بولۇش
    خىزمەتچى ئاياللار، ئادەتتە بىر كۈندىكى 8سائەت ئىش ۋاقتىدا ئاساسەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ؛ ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن بولسا، كۈندۈزى چارچاپ كەتكەنلىكتىن، يەنىلا ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمايدۇ. بۇنىڭدا، ئاسانلا داس سۆڭىكىدىكى قانلارنىڭ ئايلىنىشىنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاياللار كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ، كىلىماكتىرىيە دەۋرىگە قەدەم قويغان ئاياللاردا، جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر كۆرىلىدىغان بولغاچقا، ئولتۇرۇشقا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاسان سەمىرىپ قېلىپلا قالماي، يەنە تېخى ئاسانلا قان نۆكچىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ئادەتتە، كىلىماكتىرىيە دەۋرىگە قەدەم قويغان ئاياللارنىڭ، بىر ھەپتە ئىچىدە 4-3قېتىم قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت چېنىقىشى ئېلىپ بېرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
مۇزلىتىلغان ياكى سۇغۇق ساقلانغان يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش
   بەزى ئاياللار ھەمىشە يىمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلمايدۇ؛ بولۇپمۇ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ۋاقىتتا، ئازراق سۇغۇق ساقلانغان ياكى مۇزلىتىلغان يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق روھى كەيپىياتىنى ياخشىلىماقچى بولىدۇ. بىراق، سۇغۇق ساقلانغان ياكى مۇزلىتىلغان يىمەك-ئىچمەكلەر بولسا، بالىياتقۇنى غىدىقلاپ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى تارايتىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىشنى پەيدا قىلىدۇ ياكى دەرىجىسىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.
قەھۋەنى ئاز ئىچىش
    ئالاقىدار ماتىرياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەيىز ئالدى ئونۋىرسال كىسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىر-يىنىكلىك دەرىجىسى قەھۋە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. قەھۋەنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولغان كوفىئىن، تەشۋىشلىنىش، جىددىلىشىش، خامۇشلىشىش ۋە ئاسان غەزەپلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە، ئاياللار قەھۋە ئىچمەسلىكى، ياكى ئىمكان قەدەر ئاز ئىچىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号