ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ھامىلدارلار تۇغۇتى يېقىنلاشقاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۇغۇتى يېقىنلاشقانسىرى، ھەر بىر ھامىلدار ئايل خۇشاللىق ۋە ئەندىشە ئارىلىشپ كەلگەن كەيپىياتقا قالىدۇ. ئەمما نىمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، تۇغۇتى يېقىنلاشقان ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، تۆۋەندىكى ئۈچ ئىش ئەڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشتۇر.
يولنى كۆپرەك مېڭىپ، ھامىيلىنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى غىدىقلاش
   تۇغۇت يېقىنلاشقاندا، ھامىيلە، باش قىسمى ئانىنىڭ داس سۆڭىكىگە تىگىشكەن ھالەتتە كىلىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايال يول مېڭىپ بەرسە، ھامىيلىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى غىدىقلاشقا بولىدۇ. ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلى، ھامىيلىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىش مەزگىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ  مەزگىلدە ھامىيلىنىڭ سىزىمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك كىلىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، كۈندە يول مېڭىپ سەيلە قىلىپ بىرىش، ھەربىر ھامىلدار ئايال قىلىشقا تىگىشلىك ئىشتۇر. بۇنىڭدا، ھامىيلىنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى غىدىقلاپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ داس سۆڭىكىگە بېسىم چۈشۈرۈپ، تۇغۇتىنىڭ ئاسان بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتالايدۇ.
بەدىنىدىكى ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش
    ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى تىزلەشكەندىن كىيىن، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىدىمۇ ئېشىش كۆرىلىدۇ. ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللار قالايمىقان ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلايدىغان بولۇپ، ئەمىلىيەتتە بۇ مەزگىلدە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش بىھاجەت، ھامىلدار ئاياللار پەقەت ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلسىلا بولىدۇ.
   ھامىيلە قوساقتىكى ۋاقىتتا، ئۇالرغا نىسبەتەن بەدىنىنىڭ ھەممە قىسىملىرى يىتىلىشنى ساقلاۋاتقان ياكى باشتىن كەچۈرۋاتقان ھالەتتە بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولۇشقا مۇھتاج؛ چۈنكى شۇنداق بولغاندا، ھامىيلىننىڭ يىتىلىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەگەر ئۇزۇقلۇقنى قالايمىقان تۇلۇقلاۋەرسەك، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن كىسەلچان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ھامىيلىنىڭ سۈمۈرۈش قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
    ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى تىزلىشىدىغان بولغاچقا، ئۇزۇقلۇقنى سۈمۈرۈپ قوبۇل قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىملىشىپ كىتىدۇ. ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، بەزى ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈپ قوبۇل قىلىشى ئاستىلاپ كىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال، ھامىلدار ئايالنىڭ مىتابولىزىم ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بەك تويۇنۇپ تاماق يىيىش، ئىسسىقى ئېشىپ كىتىش، تۇرمۇشى تەرتىپلىك بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھامىيلىنىڭ ئۇزۇقلۇقنى سۈمۈرۈپ قوبۇل قىلىشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، تاماقنى كۆپ قېتىمغا بۆلۈپ ئاز-ئازدىن يىيىشم سۇنى كۆپرەك ئىچىش، ۋە كۆپ ھەرىكەتلىنىپ بىرىش كىرەك؛ بۇنىڭدا ھامىيلىنىڭ ئۇزۇقلۇقنى سۈمۈرۈپ قوبۇل قىلىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号