ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قانچىلىك قېلىنلىقتا بولسا نورمال بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئاياللارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئورگانىزىمىنىڭ بىرى بولۇپ، سۈت ئەمگۈزگۈچى جانلىقلار بالىياتقۇسىنىڭ ئىچكى قەۋىتىنى كۆرسىتىدۇ؛ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى، ئاياللىق ھورمۇنى ۋە ھامىلدارلىق ھورمۇنىنىڭ ھەممىسىگە قارىتا ئىنكاس شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك جىنسىيەت مەزگىللىرىگە (كۈيلەش مەزگىلى ۋە ھەيىز مەزگىلى) ئەگىشىپ كۈرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش قىلىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ قېلىنلىقىدا مەسلە كۆرۈلسە، ئاياللارنىڭ تۇغماس بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ شۇڭلاشقا ئادەتتە، بۇ جەھەتلەردىكى ساۋاتلار ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەك لازىم. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىنلىقى بىنورماللىشىپ، قېلىنشىپ قالغان ياكى نىپىزلاپ كەتكەن ئەھۋاللارغا قارىتا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، نىمە سەۋەپلەردىن كىلىپ چىققانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش لازىم.
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ نورمال قېلىنىلىقى قانچىلىك بولىدۇ؟
    نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ قېلىنلىقى 10-5مىللىمىتىر ئارىسىدا بولىدىغان بولۇپ، ئوخشىمىغان مەزگىللەردىكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىنلىقىدا پەرق مەۋجۇت بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆسۈۋاتقان مەزگىلدە تۇرۋاتقان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ قېلىنلىقى 10-9مىللىمىتىر بولىدۇ؛ ئىچكى ئاجرىلىش مەزگىلىدىكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ قېلىنلىقى بولسا، تەخمىنەن 6-5 مىللىمىتىر بولىدۇ؛ ھەيىز مەزگىلىدە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ قېلىنلىقى 10-8مىللىمىتىرغا يىتىدۇ. بۇلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ قېلىنلىقىدا، تۇخۇمدان ئىقتىدارىدا دەۋر خارەكتىرىلىك ئۆزگىرىش كۆرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىش بولىدۇ. بىراق، ھەرقانچە ئۆزگىرىش بولسىمۇ، پەقەت نورمال ئۆلچەم دائىرسىدە بولسىلا، بەك ئەنسىرەش كەتمەيدۇ.
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ نىپىزلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر
ئىچكى ئاجرالمىلاردا ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلىشىش كۆرۈلۈش
    ئاياللاردىكى ئىچكى ئاجرالمىلاردا ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلىشىش كۆرۈلگەندە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ قېلىنلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. چۈنكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە دەۋر خارەكتىرلىك فىزىلوگىيىلىك ئۆزگىرىش كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، ئەگەر ئىچكى ئاجرىلىش ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلىشىپ كەتكەندە، ھورمۇنلار مىقدارىدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، بۇ سەۋەپلىك بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ يەنى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى نىپىزلاپ كىتىشى مۇمكىن.
كۆپ قېتىم بالا چۈشۈرۈش
   سۈنئى ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۋىتىش بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىنلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولۇپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى زەخمىگە ئۇچرىتىپ، ھەيىزدە بىنورماللىق كۆرۈلۈشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ سەۋەپتىن كىلىپ چىققان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى نىپىزلاپ كىتىش ئەھۋالى بولسا، ئادەتتە ئەسلىگە كىلىشكە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدىغان بولۇپ، بەزى بىمارلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى بىۋاستە تەسىرگە ئۇچراپ تۆۋەنلەپ كىتىدۇ؛ شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىش كىرەك.
بالىياتقۇ غەلىتە شەكىلدە يىتىلىپ قېلىش
    بالىياتقۇنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىدا مەسىلە كۆرۈلسىمۇ، ئاسانلا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ نىپىزلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىلىنكىدا، بىر قىسىم ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىدا غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئەسلىدىكىگە ئوخشاش تەتۈر قويۇلغان نەشپۈت شەكىللىك بولماي، ئىنچىكە ئۇزۇنچاق ھالەتتە بولىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. تۇغۇلما بولغان بالىياتقۇ غەلىتە شەكىلدە يىتىلىپ قېلىش سەۋەپلىك كىلىپ چىققان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى نىپىز بولىدىغان ئەھۋالغا قارىتا، داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.
    ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىنىلىقى نورمال دائىردە بولسا، ئادەتتە ئەنسىرەش كەتمەيدۇ؛ چۈنكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ قېلىنىلىق دەرىجىسى، تۇخۇمدان ئىقتىدارى ۋە ھورمۇن سەۋيىسىنىڭ ئۆزگىرىشگە ئەگشىپ ئۆزگىرىش قىلىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى نىپىزلاپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ۋە مۇناسىپ ھالدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号