ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
نىمە ئۈچۈن بەزى ئاياللار ئاسانلا ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    نىمە ئۈچۈن بەزى ئاياللار ئاسانلا ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ؟ بىلىشىڭىز كىرەككى، ئايال كىشى بولسىلا ھامىلدار بولۇپ بالا تۇغالايدۇ دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ ئادەتتە ياخشى تۇرمۇش ئادىتى بولمىسا، ئاسانلا ھامىلدار بولالمايدۇ. ئەمما بىز ئالدىدا ئوتتۇرغا قويغان سۇئالدىكى، ئاسانلا ھامىلدار بولۇپ قالىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار.
بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ
    ئۇرۇقلانغان تۇخۇم، ئىللىق مۇھىتقا بىر قەدەر ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئەگەر ئادەتتە بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرمىسەك، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ؛ ئاخىرىدا، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولغان ھالەتتىمۇ، بالىياتقۇ ئىچكى مۇھىتى زىيادە سۇغۇق بولغانلىق سەۋەبىدىن، ھامىيلە چۈشۈپ كىتىشى مۇمكىن.
قارىغۇلارچە ئۇرۇقلاش ئېلىپ بارمايدۇ
    ھەر بىر قىز بالا، نازۇك بەدەن شەكلى بار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئاياللارغا نىسبەتەن، تاماقتا ئۆزىنى كونتىرول قىلىش، ئەڭ بىۋاستە بولغان ئۇرۇقلاش ئۇسۇلى ھىسابلىنىدۇ. بىراق، بۇ ئۇسۇل سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ، ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە يىنىك بولۇپ كەتسە، ھامىلدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نورمال بولغان بەدەن شەكلىنى ساقلاپ، ھەددىدىن ئارتۇق ئۇرۇق بولۇشنى قوغلاشماسلىق كىرەك.
سۇغۇق نەرسىلەرنى يىيىشنى ياقتۇرمايدۇ
    ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مۇزلىتىلغان ياكى سۇغۇق ساقلانغان يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، سۇغۇق ياكى مۇزلىتىلغان يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش، ئاياللارغا نىسبەتەن پايدىسىز بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇغا چۈشۈپ ئورۇنلىشىش ۋە كىيىنكى مەزگىلدىكى يىتىلىشىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار مۇزلىتىلغان ياكى سۇغۇق ساقلانغان نەرسىلەردىن يېراق تۇرىشى كىرەك.
ۋاقتىدا ئۇخلايدۇ
   ھازىر نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ كىچىسى ئۇخلىمايدىغان ياكى ۋاقتىدا ئۇخلىمايدىغان ئادىتى بار بولۇپ، ئۇخلىغان تەقدىردىمۇ يېرىم كىچىدىن ئاشقاندا ئاندىن ئۇخلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە گەرچە بىرەر كۆرۈنەرلىك يامان تەسىرىنى بايقىغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقاندا، كىچىسى ئۇخلىماسلىقنىڭ يامان تەسىرى تەدرىجى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئىپادىلىنىپ چىقىشقا باشلايدۇ. ئاياللار ھەمىشە كىچىسى ئۇخلىمىغاندا ياكى ۋاقتىدا ئۇخلىمىغاندا، ئۇلارنىڭ تۇخۇمدان ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشتا توسالغا بولۇش، ھەتتا تۇخۇم ئىشلەپچىقىرالماسلىق ئەھۋاللىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
خۇشال ھەم ئۈمىدۋار كەيپىياتنى ساقلايدۇ
    مىنىڭ بىر دوستۇم بار بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەن ساغلاملىقى ھەر جەھەتلەردىن ياخشى ئىدى. ئەمما ئۇ نەچچە يىل تەييارلىق كۆرۈپمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولالمىغان؛ ئارىدا ئۇ ئاجرىشىپ كىتىش ئويىغىمۇ كەلگەن بولۇپ، ھەر كۈنى ئېغىر بېسىم ئىچىدە ئۆتكەن. بىراق، ئادەم كۆڭلىدە بىر ئىشنى قانچىكى ئۈمىد قىلغانسىرى، كۆپىنچە بۇ ئىش ئاسانلىقچە ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇ دوستۇممۇ بۇنىڭغا ئوخشاشلا، كۆڭلىنى ئازادە قويۇۋەتكەندىن كىيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھامىلدار بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان مەزگىللەردە، ئازادىلىككە تولغان روھى ھالەتنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号