مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
ناپولىن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: بىر بالىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ ياخشى يامانلىقى، ئۇنىڭ ئانىسىغا باغلىق. مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بىر ئەركىشى، قانداق بىر ئايال كىشى بىلەن توي قىلىش كىرەك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ بىرلا ۋاقىتتا، بۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ئۈچۈن ئانا تاللىغانلىقىدۇر.
ئاسانلىقچە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدىغان ئادەم بولمايدۇ؛ مۇۋەپپىقىيەت، ھەمىشە بىر ئادەمنىڭ ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىغا، ئىزچىل تۈردە داۋاملىشىدىغان ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە ئۆزگەرمەس نىشانى بار بولۇشىغا ئىھتىياجلىق. قانچىكى مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەرلەر، بايلىق يارىتىش ۋە بايلىق ساقلاشنى، شۇنداقلا بايلىقنى كىيىنكىلەرگە قانداق يەتكۈزۈشنى شۇنچە ئىنىق تۇنۇپ يەتكەن بولىدۇ.
ئۇنداقتا، تويلىشىپ ئائىلە قۇرۇشقا ئىتىبار بىلەن قارايدىغان مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەرلەر زوقلىنىدىغان ياكى ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشى، زادى قانداق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە كىلىدۇ؟

ئاكتىپ كەيپىياتقا ئىگە كىلىدۇ
بىر ئايال كىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا بىر خىل ئادىمىيلىك جەلىپكارلىقىنى يىتىلدۈرۈش بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ باشقىلار ئۈچۈن ياخشى نىيەتلىك سىگنال بىرىشتۇر؛ بۇ نوقتا ئىنتايىن مۇھىم.
كىچىكىدىنلا مۇھەببەت كەمچىل بولغان ئادەمنىڭ تەڭ بەھىرلىنىش ۋە تەقدىم ئىتىش ئادىتى يىتىلدۈرۈشى تەسكە توختايدۇ. بەزى ئاياللار بولسا، ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا، مۇھەببەت جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ بولغان تەربىيە قوبۇل قىلالمىغان بولغاچقا، ئۇلار ئىجتىمائى ئالاقە قاتلىمى جەھەتتە، ھەمىشە پاسسىپ ئىنىرگىيە تارقىتىدۇ.
باشقىلارنىڭ كەينىدە يامان گېپىنى قىلىدىغان، ئېغىزىنى باشقۇرالمايدىغان، مىجەزى ئوسال، كەيپىياتى ئاسان بۇزۇلىدىغان ئاياللارنىڭ، مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاكتىپ مىجەز-خۇلۇقتىكى ئەرلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشمىكى تەس بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا ئەڭ ئۆگىنىشكە تىگىشلىك بولغىنى، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشنى بىلىشتۇر. ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ، لاتاپەتلىك ئاياللار، ئادەتتە كۆپىنچە تۇراقلىق ھەم ئاكتىپ بولغان كەيپىياتقا ئىگە ھەمدە ياخشى ئادەت يىتىلدۈرگەن كىلىدۇ؛ مۇشۇ بىر نوقتىنىڭ ئۆزىلا، ئالغا ئىنتىلىش روھى بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەرنى مەغلۇپ قىلىدۇ.

تېخىمۇ يۇقىرى بولغان تۇنۇش سەۋيىسىگە ئىگە كىلىدۇ
بىر ئادەم ئەگەر دەۋر بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرلەشنى بىلىمىسە، ئۇنداقتا ئۇ ئادەم تەدرىجى ھالدا سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ. بىر ئايال كىشىنىڭ چىرايىنىڭ ئەر كىشىگە بولغان جەلىپ قىلىش كۈچى چەكلىك كىلىدىغان بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئەر كىشىنىڭ زوقلىنىدىغىنى، بۇ ئايال كىشىنىڭ ئىچكى قىممىتىدۇر. بىر ئايال كىشى، توختىماي ئالغا ئىلگىرلەپ، ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئۆزلۈكسىز تۈردە موللاشتۇرۇپ تۇرىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا ئاندىن، ئىككەيلەن ئۆز-ئازئارا زوقلىنىدىغان، بىر-بىرىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مىخانىزىم قۇرۇپ چىقالايدۇ.
ئەگەر بىر ئايال كىشى ئالغا ئىلگىرلەشتىن توختاپ قالسا، ئەمما ئەر كىشى بولسا ھەركۈنى دىگۈدەك ئوخشاش بولمىغان نەتىجىلەرگە ئىرىشىپ تۇرسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرقانچە چىرايلىق بولغان بىلەنمۇ پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە، گۈزەللىك "تېپىلماس" خارەكتىرگە ئىگە ئەمەس، چىرايلىق ئاياللار ناھايىتى كۆپ. ئەمما، سىز ئۇنى چۈشەنمەيسىز، ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالمايسىز؛ چۈنكى، سىزنىڭ تۇنۇش سەۋيىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن بىر قاتلامدا ئەمەس.

مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىشتا ھىسى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى كىلىدۇ
بىر ئايال كىشىنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ تار ھەم بىتەرەپلىمە بولۇپ قېلىشى، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئىش. مۇنەۋۋەر كەلگەن ئەرلەر، ئائىلىسىدە زىددىيەت بەك كۆپ بولۇپ كىتىشنى ياقتۇرمايدۇ؛ چۈنكى، مۇنەۋۋەر كىشىلەر، كىچىككىنە بىر پايدا-مەنپەئەت مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن ئۆز ئىچىدە زىددىيەتلىشىشنى ئەمەس، بەلكى باشقىلار بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرلەشنى ياخشى كۆرىدۇ.
جەلىپكارلىقى يۇقىرى ئاياللار، چوقۇم ھىسياتنى كونتىرول قىلىش كۆرسەتكۈچى يۇقىرى كىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەرلەر سىزنى ئۆزلىرىنىڭ چەمبىرىكىگە ئېلىپ كىرىشنى خالايدىغان بولىدۇ ھەمدە سىزنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا قاتناشتۇرىدۇ ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ قەلبىنىمۇ سىزگە تاپشۇرىدۇ.
بۇلاردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، ھىسياتنى كونتىرول قىلىش كۆرسەتكۈچى، بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھىسياتنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەسلىكىڭىز كىرەك؛ مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا بولمىسۇن، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە چەمبىرىكىڭىز، ئىگىلىكىڭىز ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز بولمىسا بولمايدۇ، بونىڭدا سىز ئاسانلا ئەرلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا سىڭىپ كىرەلەيسىز.
شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، قانچىكى مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەرلەر، ئايالىغا شۇنچە كۆيۈنىدىغان كىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار، ياخشى بىر ئايال كىشى بىلەن توي قىلالىشنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىدۇ.