ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللار نىمە ئۈچۈن توي قىلغاندىن كىيىن ئاسانلا سەمىرىپ كىتىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بەدەن شەكلى، ئىزچىل تۈردە ئاياللار ئەڭ دىققەت قىلىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ كەلگەن؛ نۇرغۇن ئاياللار گۈزەل بەدەن شەكلىگە ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىمكان قەدەر ئۇرۇق ھالەتتە تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بارغانسىرى كۆپ ئاياللار ئۇرۇقلاش يولىغا ماڭىدۇ. بىز ئەگەر ياخشىراق دىققەت قىلساق، كۆپ ققىسىم ئاياللارنىڭ ئەسلىدە سېمىز ئەمەس ئىكەنلىكىنى، گەرچە ياش ۋاقتىدا ئىنتايىن ئۇرۇق ھەم فىگورلۇق كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما توي قىلغاندىن كىيىن، بەدەن شەكلى تەدرىجى ئۆزگىرىپ، ئاسانلا سەمىرىپ كىتىدىغانلىقىنى بايقايمىز؛ بولۇپمۇ بالا تۇغقاندىن كىيىن، ئاياللارنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئاياللار نىمە ئۈچۈن توي قىلغاندىن كىيىن ئاسانلا سەمىرىپ كىتىدۇ؟
     ئاياللارنىڭ توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاسانلا سەمىرىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ئەمىلىيەتتە ئىنتايىن ئىنىق. ئاياللار توي قىلغاندىن كىيىن، تۇرمۇشنىڭ بېسىمى تەدرىجى ئېشىشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل دىققىتى ئائىلىسىگە يېغىلىدۇ؛ بۇ ئەھۋالدا، ھەرخىل ئەندىشە تۇيغۇلىرى شەكىللىنىشكە باشلىنىدىغان بولۇپ، كەيپىياتىدىكى داۋالغۇشمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ مىتابولىزىمى ئاستىلايدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا بەزىبىر تۇرمۇش ئادەتلىرى قوشۇلۇپ، ئاسانلا سەمىرىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما ئاياللار ئۇرۇقلايمەن دىسە، بۇمۇ ئىنتايىن ئاسان بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتىنى ئىسىدە چىڭ تۇتسىلا، ئۇرۇقلىماي دىسىمۇ تەسكە توختايدۇ.
چىرايىڭىزدىن كۈلكە ئۈزۈلمىسە، ياخشى بەدەن شەكلى ئۆزلىگىدىن كىلىدۇ
    ئاياللار توي قىلغاندىن كىيىن، بەلكىم ئىرى بىلەن بولغان مۇھەببەت مەسىلىسى ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئېشىپ كىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلى، كەيپىياتىدا بىر قەدەر چوڭ دەرىجىدە داۋالغۇش پەيدا بولۇشى مۇمكىن؛ بۇ سەۋەپلىك، ئۇلار ھەمىشە ئىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ، گەپ تالىشىپ جىدەللىشىپ قېلىشى مۇمكى؛ بۇ خىل ئەھۋال ئاياللارنىڭ جىسمانىيىتىگە قارىتا پايدىسىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئاسانلا كورتىسول پەيدا بولۇپ، ماي تەركىبىنىڭ ئۇلارنىڭ قورساق قىسمىغا يېغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئاياللار توي قىلغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ياخشى بولغان روھى ھالىتىنى ساقلاپ، داۋاملىق كۈلۈپ بىرىشى كىرەك. ياخشى روھى ھالەتكە ئىگە كىشىلەرنىڭ بەدىنىنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرى نىسبەتەن كۈچلۈك كىلىدىغان بولۇپ، مىتابولىزىم ئىقتىدارىمۇ تېخىمۇ ياخشىراق بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى مايلارنىڭ يېغىلىپ قېلىش مەسىلىسىنى ئاسانلا ھەل قىلىپ، تەبىئىلا گۈزەل بەدەن شەكلىگە ئىگە بولالايدۇ.
تاماق ئىستىمال مىقدارىنى ئازلاتمىسىمۇ، تاماقنى "تاللاپ" يىيىشنى ئۆگەنگەندە، بەدەندىكى مايلارنى يوقىتىش تېخىمۇ تىز بولىدۇ
    يىمەك-ئىچمەك، ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ ئاياللار مەيلى بەدەن شەكلىنى كونتىرول قىلماقچى بولسۇن ياكى قېرىشقا قارشى تۇرماقچى بولسۇن، يىمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش، ئىنتايىن ياخشى بىر خىل ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ. بىراق، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ قارىشى خاتا بولۇپ، ئۇلار يىمەكلىك مىقدارىنى ئازلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نىشانىغا يەتمەكچى بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر يىمەكلىك مىقدارىنى ئازلىتىش چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى بەزى ئەزالارغا زىيان يەتكۈزىدىغان بولۇپ، ئۇرۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلمەيلا قالماي، يەنى تېخى ئاسانلا قايتىدىن ئەسلىگە يېنىپ كىتىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئاياللارنىڭ توغرا بولغان ئۇرۇقلاش ئۇسۇلى، يىمەكلىكنى "تاللاپ" يىيىشتۇر. يەنى، ئۇرۇقلاشقا ياردىمى بار يىمەكلىكلەر، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىيىش؛ مايلىق يىمەكلىك، ھورمۇن تەركىبى كۆپ بولغانلىقتىن ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدىغان يىمەكلىكلەر قاتارلىقلارنى بولسا ئاز يىيىش كىرەك.
ئۇيقۇڭىز ياخشى بولسا، بەدىنىڭىز ساغلام بولىدۇ
    نۇرغۇن ئاياللار تويدىن كىيىن، سىرتلاردا خىزمەت بىلەن، ئۆيدە بولسا ئائىلىسىدىكى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولىدۇ؛بالا بار بولغاندىن كىيىن بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، تۇرمۇش بېسىمى بارغانسىرى ئېشىپ بارىدۇ؛ شۇڭا ئۇلاردا ھەمىشە ئۇيقۇسى قاچىدىغان ئەھۋاللار ياكى ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولمايدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ. ئۇيقۇسى يىتەرلىك بولماسلىقنىڭ ئاياللارنىڭ جىسمانىيىتىگە ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئاياللار ئۆزىنىڭ ئۇيقۇسىنى چوقۇم ياخشى تەڭشىشى كىرەك. پەقەت ئۇيقۇ ياخشى بولغاندىلا، بەدەن سۈپىتى ياخشى ھالەتنى ساقلاپ، مىتابولىزىم نورماللىشىدۇ، بۇنىڭدا ئاندىن ئاسانلا ئۇرۇقلاپ كەتكىلى بولىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئۇيقۇسى يىتەرلىك بولماسلىق، ئادەمنىڭ مىتابولىزىم ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدۇ.
    شۇڭلاشقا، ئاياللار توي قىلغاندىن كىيىن، ئۆزىنى سۆيۈشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلغان ۋاقتىڭىزدىلا، ئىرىڭىز ئاندىن سىزگە تېخىمۇ كۆيۈنىدىغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号