باشقىلارغا ئاشنا بولغان ئاياللارنىڭ كىيىنلىكى قانداق بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
مۇھەببەت دۇنياسىدا، "ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ، ئاياللارنىڭ ئۈچىنچى شەخىسنى تارتىپ چىقىرىشى"، ئاياللارنىڭ ھەممىدىن بەك نەپرىتىنى قوزغايدىغان بىر ئىش. بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ؛ چۈنكى، ئەرلەر نىكاھقا ئاسىيلىق قىلىپ تالاغا قاراپ قالسىلا، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ياكى نىكاھ تۇرمۇشى قانچىكى دەبدەبىلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، نىكاھ مۇناسىۋىتى ئاخىرقى نوقتىغا يىتىپ قېلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ ھەم ئاياللارغا نسىبەتەن ئەجەللىك كۆڭۈل زىدىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ئەمما، جەمئىيەتنىڭ ئېچىۋىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھازىر ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراش نىسبىتى تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە بارغانسىرى يۇقۇرلاپ كىتىپ بارغاندىن باشقا، ئاياللارنىڭ ئۆزى خالاپ ئۈچىنچى شەخىس بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئومۇملىشىپ بارماقتا؛ بۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا بىر سۇئال پەيدا بولماقتا: ئۈچىنچى شەخىس بولغان ئاشۇ ئاياللار بىر مەزگىللىك كۆرەڭلىك كەچمىشىنى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ھازىر قانداق ئەھۋاللارغا قالغاندۇ؟ ئۇلار قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلامدىغاندۇ؟ بۇ ھەقتە باشقىلار 100دىن ئارتۇق ئۈچىنچى شەخىس بولۇپ باققان ئاياللارنى زىيارەت قىلغان؛ نەتىجىدە، ئىلگىرى ئۈچىنچى شەخىس بولۇپ باققان كۆپ قسىم ئاياللار، ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا قاتتىق ئۆكۈنىدىكەن، بىراق شۇنىڭدىمۇ يەنە ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەشتىن قۇتۇلالمايدىكەن. ۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئىلگىرى ئۈچىنچى شەخىس بولغان بۇ 100نەچچە ئايالنىڭ ئىچىدىكى ئىككەيلەننىڭ ھەقىقى كۆڭۈل سۆزلىرىنى سۇندۇق.

ما خانىم، 37ياش، ئۈچىنچى شەخىس بولۇشى پەقەت پۇل سودىسى بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان
مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئۈچىنچى شەخىس بولغان، ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس، ھازىر مەن خاتالىقىنى تۇنۇپ ئۆزىنى ئۆزگەرتكۈچى بولۇپ ھىسابلىنىمەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۈچىنچى شەخىس بولۇشۇم، ئاساسلىقى قولۇمدا پۇل يوق بولغانلىق سەۋەبىدىن بولۇپ، ئاتا-ئانام ئەۋەتكەن پۇلنى يەتمەيتتى؛ كىيىن بىر دوستۇم ماڭا پۇلدا بىر ئەركىشىنى تۇنۇشتۇردى، باشلىنىشتا مەن تازا قوبۇل قىلىپ كىتەلمىدىم، ئەمما پۇلنىڭ قىزىقتۇرۇشلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي، ئۇنىڭ ئاشنىسىغا ئايلاندىم.
ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، مەن ئۈچىنچى شەخىس بولۇپ ئۆتۈشنىڭ ئەمدى ماڭا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. چۈنكى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ماڭا ئوخشاشلاردىن يەنە نۇرغۇنى ئەگىپ يۈرەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەقىقى مۇھەببەت دىگەن نەرسە بولمايدۇ، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ياشقا چوڭۇپ ھۆسنىمدىن ئازراقلا كىتىپ قالسام، چوقۇم ئۇنىڭ رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋىتىشىگە دۇچار بولىمەن. بۇلارنى ئويلاپ، مەن ئۈچىنچى شەخىس دىگەن بۇ ئاتاقتىن قۇتۇلۇش ھەمدە ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كەسكىنلىك بىلەن ئۈزدۈم ھەمدە بۇندىن كىيىن بىر-بىرىمىزگە دەخلى قىلىشمايدىغان بولدۇق. مەن ھازىر توي قىلىپ يىڭى تۇرمۇش قۇردۇم؛ مىنىڭ قارىشىمچە، باشقىلارغا ئاشنا بولۇشنىڭ ھەممىسى پۇل سودىسى بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ماڭا نىمە بولغانلىقنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، بىراق مەن مۇشۇنداق ئەخمەقلىق ۋە دۆتلۈك قىلىپ سالغان.

ۋاڭ خانىم، 43ياش، ھازىر ئويلىساممۇ بەدىنىمگە تىتىرەك ئولىشىپ كىتىدۇ، ئۈچىنچى شەخىس بولغان ئاياللاردىن قورقىمەن
ئۈچىنچى شەخىس بولغان ۋاقتىمنى ئويلىسام ھازىرمۇ قورقۇپ كىتىمەن. ئۇ يىلى مەن دۇڭگۇەنگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بېرىپ، خىزمەت جەريانىدا بىر ئەر بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ماڭا ھەقىقەتەن ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا ھەر ئىككىمىزنىڭ توي قىلىپ بولغان، ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسى بار بولغاچقا، مەن ئۇنىڭغا بەك يېقىنلىشىپ كەتمىدىم. بىراق كىيىنچە، مەن ئۇنىڭ سەمىمى مۇئامىلىسىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭ يېنىدا قېلىپ ئاشنا بولدۇم. راستىنى ئېيتسام، دەسلەپكى مەزگىلدە مەن ھەقىقەتەن خۇشاللىق ھىس قىلغان. كىيىن، مەن بۇ بىر بۆلەك مۇھەببەت ئىچىگە پېتىپ قالغان ۋاقتىمدا، ئۇنىڭ ئايالى زاۋۇتتىكى خىزمەتداشلارنىڭ ئېغىزىدىن ئىككىمىز ئوتتۇرسىدىكى بۇزۇقچىلىقنى ئاڭلاپ قاپتۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك قاتتىق غەزەپلىنىپ، يۇرتىدىن بىر نەچچە ئەر كىشىنى باشلاپ بىزنى ئىزدەپ ياتاققا كەلدى. مەن ئۇ ۋاقىتتا ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن ئىدىم، مەن ئايالى ئۇنى نەچچە كاچات ئۇرسىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغىنىنى كۆرۈپ، ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى بىلدىم ھەمدە دەرھال ئۇ يەردىن قېچىپ چىقتىم.
شۇندىن كىيىن مەن قەتئى ئۈچىنچى شەخىس بولمىدىم. ئىرىم بىلەن ئىككىمىز توي قىلغىلى يىگىرمە يىل بولاي دەپ قالدى، مەن ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيمەن، شۇڭا قالغان ئۆمرۈمدە ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ ۋە ياخشى ئايال بولۇشقا تىرىشىپ، ئۈچىنچى شەخىس بولغان خاتالىقىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىراق مەن شۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسەتسەممۇ، ھازىرغىچە كۆڭلۈمدىكى ئەندىشىدىن قۇتۇلالمايۋاتىمەن، مەن ئۈچىنچى شەخىس بولىدىغان ئاياللاردىن قورقىمەن، ئۇلارنىڭ ئىرىمنى يېنىمدىن تارتىپ ئېلىپ كىتىپ، مىنى ھېچنىمىسى يوق ئەھۋالغا ئەكىلىپ قويىشىدىن قورقىمەن.

ئىلگىرى ئۈچىنچى شەخىس بولغان ئاياللارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدۇ، يۇقىرىدىكى ئىككى خانىمنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرى بىزنىڭ ئويلىنىشمىزغا ئەرزىيىدۇ. مىنىڭ قارىشىمچە، ئۈچىنچى شەخىس بولغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى بەخىتلىك بولالمايدۇ؛ چۈنكى ئوغۇرلاپ كەلگەن نەرسىنى، ھامان بىر كۈنى قايتۇرماي بولمايدۇ. شۇڭا ئاياللار بۇنداق بارسا كەلمەس يولغا مېڭىپ، پۇشايمانغا قالىدىغان ھەم ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەپ قالىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشى لازىمدۇر.