ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
قىش پەسلىدىمۇ باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتىشنى ئويلامسىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۈنۈگۈن سۆز قالدۇرۇش رايونىدا بىر قىزچاق سۆز قالدۇرۇپتۇ: ھەر كۈنى ئەتىگەندە بېشىمنى ئەڭ قاتۇرىدىغان مەسىلە، "بۈگۈن نىمە كېيسەم بولار؟"؛ كىيىم ئىشكابىمدا شۇنچە كۆپ كىيىملەر بار بولسىمۇ، قانداق ماسلاشتۇرۇپ كىيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ كىتىمەن.
    ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇن كىيىملەر، ھەممىگە ماسلاشتۇرۇپ كىيىشكە ماس كىلىدىغان يەككە سەپلىمىلەر ھىسابلانمىسىمۇ، ئەمما ماسلاشتۇرۇپ كىيىش لايىقىدا بولسا، يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
    بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بۇ يىل مودا بولغان كىيىم ماسلاشتۇرۇش شەكلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى؛ سىزگە ئاز-تولا پايدىسى تىگىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
پەلتۇ بىلەن تار ئىشتان ماسلاشتۇرۇپ كىيىش
   بۇ يىل گەرچە پەلتو بىلەن لابا ئىشتان ماسلاشتۇرۇپ كىيىش مودا بولغان بولسىمۇ، ئەمما شۇنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، بەدەن شەكلىنى تۇلۇق نامايەن قىلىش، ئۇرۇق كۆرسىتىش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تار ئىشتان چوقۇم تاللاشقا تىگىشلىك يەككە سەپلىمىدۇر.


ئايىغى ئېگىز ئىشتان بىلەن كالتە قونجىلىق ئۆتۈك ماسلاشتۇرۇش
    ئايىغى ئېگىز كەلگەن ئىشتاننىڭ ئومۇملاشقان لايىھەلىنىشى بولسا، بەل قىسمى ئېگىز، ئايىغى تار؛ بۇ خىل پاسون ئادەمنىڭ بەل سىزىقچىسىنى يۇقىرىغا يۆتكەپ، كىشىگە پۇتى ئۇزۇن، بەدەننىڭ ئۈستى نىسبەتەن قىسقا كەلگەن تۇيغۇ بىرىدۇ!


كالتە چاپان بىلەن بىلى ئېگىز ئىشتان ماسلاشتۇرۇپ كىيىش
    ئۇزۇن پەلتۇغا سېلىشتۇرغاندا، كالتە چاپان خانىم-قىزلارنىڭ فىگورىنى گەۋدىلەندۈرگەندىن سىرت، كالتا چاپان كېيگەندە ماسلاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئىشتان تۈرلىرىمۇ كۆپ؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ماس كىلىدىغىنى ھەم فىگور تاللىمايدىغىنى بىلى ئېگىز ئىشتاندۇر.


زىننەت بۇيۇملىرى ئارقىلىق يۇرۇق نوقتىلارنى ئاشۇرۇش
    يۇقىردا سۆزلەنگەن ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى، خانىم قىزلا ئەينەن قوللانسا بولىدۇ؛ ئەگەر بۇ ئاساستا ئۆزگىچە ئۇسلۇبىڭىزنى نامايەن قىلىمەن دىسىڭىز، ئۇنداقتا زىننەت بۇيۇملىرىدىن مۇۋاپىق تۈردە پايدىلانسىڭزى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号