بۇ خىلدىكى بالىلار ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىمۇ ئەلاچى ئوقۇيدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئىلگىرى دائىم مۇنداق بىر خىل قاراشنى ئاڭلايتتىم: " باشلانغۇچ مەكتەپتە ئەلاچى ئوقۇغان بالىلار ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا كەينىگە چىكىنىپ قالاق ئوقۇغۇچى بولۇپ قالىدۇ.". ئەمما لىكىن، يەنىلا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئەلاچى ئوقۇغان نۇرغۇن بالىلار ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىمۇ ئەلاچى بولۇپ ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرى بار!
1. خېتى چىرايلىق ھەم رەتلىك چىقىدۇ.
باشلانغۇچ مەكتەپكە كرگەندىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلار خەت يېزىشنى مەشىق قىلىشقا باشلايدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خەت شەكلى ئۇسلۇبىنى يىتىلدۈرۈشكە باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدىكى ھەر بىر سىنىپتىكى نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بالىلارنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى بولسا، ئۇلار خەتنى رەتلىك يازىدۇ.
ئەمما بەزى ئوقۇغۇچىلار بۇ نوقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، نىمىشقا بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۇنداق قىلالمايدۇ؟ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇزۇتسىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك، ياكى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتقان پوزۇتسىيىسى بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك. خەتنى چىرايلىق يازىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە تۇتقان پوزۇتسىيىسىدە ئادەتتە "يامان ئەمەس بولسىلا بولىدۇ" دىگەن قاراش بولمايدىغان بولۇپ، بۇ خىل قاراش ئەمىلىيەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا قەتئى ئىرادىلىك ھالدا تۇتقان پوزۇتسىيە ئۇلارنىڭ ئاساسنى ياخشى سېلىشىغا ياردەملىشىدۇ ھەمدە يۇقىرى يىللىقتىكى ئۆگىنىشى ئۈچۈن يول ھازىرلايدۇ.

2. دەرسنى پۈتۈن زىھنى بىلەن ئاڭلايدۇ.
بۇ يەرگە كەلگەندە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بۇنىمۇ دىيىش كىتەمدۇ، بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز دىيىشى مۇمكىن؛ ئەمما ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ نوقتىنى بىلىشى ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ بۇ نوقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بۇ يەردە ئەڭ تەس بولغىنى، ھەرقانداق دەرسىنى زىھىن قويۇپ ئاڭلايدىغان بىر خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈش بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دەرستە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار دەرسلىك كىتاپتىكى بىلىملەرنى تۇلۇق ئۈگىنىپ، تەلەپ بويىچە قوللىنالايدىغان بولۇپ بولغان بولسىمۇ،دەرس ۋاقتىدا يەنىلا زىھىن قويۇپ ئاڭلايدۇ.
بۇ ئىش قىلىشتا زىھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئادىتى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بىر خىل پوزۇتسىيە، بىر خىل ئىقتىدار بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇنداق ئولتۇرغاندا جىم ئولتۇرالايدىغان، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىيالايدىغان، كۆپ مۇلاھىزە قىلىدىغان ئىقتىدار ئۆگىنىشكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ تىنچ ھالەتنى ساقلىيالايدىغان ئىقتىدارىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

3. تاپشۇرۇق ئىشلەش سۈرئىتى تىز.
بىز ئادەتتە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش سۈرئىتىنىڭ تىز ئاستىلىقىدىن ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ قانداقلىقىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىپ كىتەلەيمىز؛ بۇ يەردە تەكىتلىنىدىغىنى بولسا ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىقتىدارىدۇر. تاپشۇرۇقنى تىز ئىشلىسە، تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە پۈتكۈل زىھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلىيەلىسە، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىشلەنگەن تاپشۇرۇق سۈپەت كاپالىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يىللىقلىرىدا بۇ خىل تىز سۈرئەتتە تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرەلىسە، ئۇنداقتا ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندىن كىيىنكى ياكى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇغان ۋاقىتتىكى ئۆگىنىش جەھەتتىمۇ، تېخىمۇ كۆپ ھەم قىيىن بولغان تاپشۇرۇقلارغا نىسبەتەن ئاسانلا تاقابىل تۇرۇپ كىتەلەيدۇ.

4. كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇل ئادىتى ياخشى.
بىز بىر تەجىربە ئىشلەپ باقساق بولىدۇ: پۈتكۈل سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش بىر كىتاپنى ئوقۇپ چىقىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلار كىتاپنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلارغا بىرپارچە ئوقۇشتىن كىيىنكى تەسىرات يېزىپ چىقىش ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئۇنداقتا بۇ كىتاپ ئوقۇش تەسىراتى چوقۇم ئوخشىمىغان، ھەر خىل شەكىللەردە چىقىدۇ؛ بۇنىڭدا ئادەتتە نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان تەسىراتى بىر قەدەر چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، مۇھىم نوقتىلارنى تۇتقا قىلغان ئاساستا، بەزىدە مۇئەللىممۇ ئويلاپ يەتمىگەن يۇرۇق نوقتىلارمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن كىلىدۇ. ئەمما بەزى ئوقۇغۇچىلار بولسا، ئاساسلىق مەزمۇننىمۇ گەۋدىلەندۈرەلمەيدىغان بولۇپ، بۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلى ۋە ئادەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

5. مۇستەقىل كىلىدۇ.
ئادەتتە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىن باشلاپ ئەلاچى ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئادەتتە دىجۈرنىلىك قىلىشنى ئېلىپ ئېيتساق، نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە دىجۈرنىلىك قىلغاندىمۇ قوللىرى كۆنگەن كىلىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولمايدۇ. ئەمما بەزى ئوقۇغۇچىلار بولسا مۇئەللىم ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمى بولمىسا ئۆزىگە تەۋە بولغان دىجۈرنىلىك ئىشلىرىنى مۇستەقىل ئورۇنلىيالمايدۇ؛ بەزى ئوقۇغۇچىلار ھەتتا نىمە قىلىشنىمۇ بىلەلمەيدۇ.
مۇستەقىللىق ئىدىيىسى بىر خىل ئاڭ بولۇپ، بەلكىم سىزمۇ بايقىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بالىلار بىرەر مەسىلىنى ئىشلىيەلمەي قالسا، بۇ ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئىشلەشنى بىلمەيدىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى باشتىلا بۇ مەسىلىنى قىيىن ئىكەن دەپ قورقۇپ، ئۇنى تەپسىلى مۇلاھىزە قىلىپ چىقىشتىن باش تارتقانلىقىدا بولىدۇ. مۇستەقىللىق ئىدىيىسى كۈچلۈك بالىلار تۇرمۇش جەھەتتە مۇنەۋۋەر بولۇپلا قالماي، ئۇلار ئۈگىنىش جەريانىدىمۇ مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ھالدا مۇلاھىزە قىلالايدۇ! بۇنداق بالىلار ئۆگىنىشتە قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ قېلىشتىن قورقمايدىغان بولۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ تەبىئىلا ياخشى بولىدۇ.

يۇقارقىلاردىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، ياخشى ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ئادەتلىنىش بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ كىلىدۇ. مەيلى ئالدىن تەكرار قىلىش بولسۇن ياكى ئالدىن ئۆگىنىپ مېڭىش بولسۇن، ئەگەر ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى ۋە تەپەككۇر ئادىتى بولمىسا، بىلىم ئېلىش يولىدا يېراق مۇساپىلەرگە يىتىشى تەسكە توختايدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، يۇقارقىدەك ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۈرگەن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەممىسى تۆۋەندىكى ئېلاننى چىكىپ باققان ئىكەن، بولمىسا سىزمۇ ئاستىدىكى ئېلاننى دەسسەپ سىناپ كۆرۈپ بېقىڭ!