ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان كېسەللىكى بىمارلىرى ھامىلدار بولالامدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئونۋىرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئايال كىشى ھامىلدار بولالامدۇ؟ ئالدى بىلەن شۇنى جەزىملەشتۈرۈپ ئېيتالايمىزكى، مۇتلەق كۆپ قىسىمدىكى كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئونۋىرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلدار بولالايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم كىشىلەر تەبىئىي ھامىلدار بولالايدۇ. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟
ئۇرۇقلاش
   كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئونۋېرسال كېسەللىكى، يېرىمغا يېقىن بىمارلارنىڭ سېمىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ۋە ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش، ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ھامىلدار بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھورمۇنلار سەۋيىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ بەزى بىمارلار، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش ئارقىلىق، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئونۋېرسال كېسەللىكى ئالامەتلىرىنى كونترول قىلالايدۇ ھەمدە تەبىئىي ھامىلدار بولالايدۇ.
دورىلىق داۋالاش
   دورىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىشتا، دوختۇرنىڭ تەكلىپى ۋە كۆرسەتمىسى بويىچە، شەخسىينىڭ ئۆزىنىڭ كونكرېتنى ئەھۋالىغا قاراپ دورا ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن تۆۋەندىكىلەر بار.
    1. قىسقا مۇددەت ئۈنۈم كۆرسىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى: ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئۆزىمۇ ھورمۇندىن ياسالغان دورا بولۇپ، بەدىنىمىزدىكى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىچكى ئاجرىلىش ئەھۋاللىرىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە ھورمۇن سەۋيىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، ھەيىز قالايمىقان بولۇش ئەھۋاللىرىنى ياخشىلايدۇ.
    2. ئەرلىك ھورمۇن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى: ئەرلىك ھورمۇن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى، تۈك كۆپ بولۇش، دانىخورەك قاتارلىق ئەرلىك ھورمۇنى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن كۆرىلىدىغان ئالامەتلەرنى ياخشىلايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق تىرىڭىزنى يۇمران ۋە سىيلىق قىلىدۇ.
   3. ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ياخشىلايدىغان دورىلار: ئىنسۇلىن سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار، يۇقىرى ئىنسۇلىنلىق ئەھۋالىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە، يۇقىرى ئەرلىك ھورمۇنى ئەھۋالىنىمۇ ياخشىلايدۇ؛ بۇندىن باشقا، تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ.
   4. تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى دورىلار: يۇقارقى شارائىتلار ئاساسىدا، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دورىلىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشى نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرسەك بولىدۇ؛ لېكىن ئىشلىتىش جەريانىدا، نازارەت قىلىشنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، تۇخۇمداننىڭ زىيادە غىدىقلاشقا ئۇچراپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ كۆرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئوپراتسىيە ئارقىلىق داۋالاش
   ئەگەر يۇقارقى ئۇسۇللارنى قوللانغاندىن كىيىنمۇ يەنىلا ھامىلدار بولالمىغاندا، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ داۋالاشنى سىناپ باقساق بولىدۇ. نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئوپراتسىيە ئۇسۇلى، ئەرلىك ھورمۇنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تۇخۇمدان ئارىلىق ماددىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ئارقىلىق، ئىچكى ئاجرالما سەۋيىسىنى ۋاستىلىك ھالدا تەڭشەيدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号