ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بۇ يەرلىرىنى تۇتقاندا دىققەت قىلىش كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى بېقىش جەريانىدا، يىڭىدىن ئاتا-ئانا بولغۇچىلار تەجىربىسى كەمچىل بولغانلىق سەۋەبىدىن، بەزىبىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ سېلىشى مۇمكىن. بەزىبىر خاتالىقلارنىڭ چوڭ مەسىلىسى يوق، ناھايىتى بولسا بالىلارنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ؛ بىراق، بەزىبىر خاتالىقلارنىڭ بالىلارغا زەخمە يەتكۈزۈپ قويۇش مۇمكىنچىلىكى بار بولۇپ، ئاتا-ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىشى كىرەك.
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بۇ جايلىرى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، سەللا ئىھتىيات قىلمىغاندا زەخمىگە ئۇچراپ كىتىشى مۇمكىن.
بويۇن قىسمى
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆتۈرۈپ باققانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدىنى شۇنداق يۇمشاق بولۇپ، ئادەم قانداق تۇتۇشنى بىلەلمەي قالىدۇ؛ بولۇپمۇ بويۇن قىسمى، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بوينىنى تېخى تولۇق تىكلەپ بولالمىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇلارنى كۆتۈرگەندە بوينىنى تۇتىۋالمىساق، بوينى كاللىسىنى كۆتۈرەلمەي ساڭگىلاپ قالىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، توغرا بولمىغان كۆتۈرۈش ئۇسۇلى، بوۋاقنىڭ بوينىنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، چوقۇم بىر قولىمىزدا ئۇلارنىڭ بوينىنى تۇتىۋىلىپ، بويۇن قىسمىنىڭ چوڭ كۈچ بېسىمىغا ئۇچراپ كىتىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
باش قىسمى
   ئىلگىرى مۇنداق بىر خەۋەر كۆرگەن: چەتئەلدىكى بىر دادا، مىجەزى تىرىككەك بولغانلىق سەۋەبىدىن، يىڭى تۇغۇلغان بالىسىنى بەزلەش جەريانىدا بالىسىنى توختىماي سىلكىپ، ئاقىۋەتتە بالىسىنىڭ باش ئىچىنىڭ قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ كىيىن گەرچە بوۋاقنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئەقلى ئىقتىدارى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ باش قىسمى ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ.
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭى مىڭىسى تېخى تولۇق يىتىلىپ بولالمىغان بولۇپ، چوڭ مىڭىسى بىلەن باش سۆڭىكى ئاستىدا بەلگىلىك بوشلۇق بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە يىڭى  تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بوينى قاتمىغانلىقتىن، كاللىسىنى مۇقىم تۇتۇپ تۇرالماي، باش قىسىمنىڭ چايقىلىش جەريانىدا ئۇچرايدىغان بېسىمىنى يەڭگىللىتىشكە كۈچ يىتىشمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ باش قىسىمىنى كۆپ چايقاپ تەۋرەتسە، ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ توختىماستىن باش سۆڭىكىگە ئۇرۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىڭە نىرىپ تالالىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئەقلى ئىقتىدارىغا تەسىر يىتىدۇ.
   بۇ ۋاقىتتا بەلكىم سورىشىڭىز مۇمكىن. بۇۋاقلار شۇنداق ئوماق تۇرسا، كىمنىڭمۇ ئۇلارنىڭ باشلىرىنى چايقاپ تەۋرىتىشكە كۆزى قىيسۇن؟ ئەمىلىيەتتە، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا، سەۋەبىنى بىلگىلى بولمايدىغان يىغلاپ خاپا قىلىشىلار كۆپرەك كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۇلارنى بەزلەپ پەسەيتەلمىگەندىن كىيىن، بەزىلەر سەۋرچانلىقىنى يوقىتىپ، بالىنى سىلكىپ چايقايدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلىپ سالىدۇ.
   شۇڭا، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قاراشتا، ئەگەر ئائىلىدىكىلەرنىڭ مىجەزى قوپال ياكى تىرىككەك بولسا، ئەڭ ياخشىسى بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا باشقا ئادەم قويۇش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号