ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاجرىشىش ۋە تالاغا قاراش نىسبىتى نىمىشقا يۇقىرىلاپ كەتتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىرقى كىشىلەرنىڭ توي مۇناسىۋىتىگە بولغان ھۆرمىتى قالمىغان بولۇپ، ئاجرىشىش ۋە تالاغا قاراشتىن نۇمۇس قىلمايدىغان بولۇپ قالدى؛ شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يۈزى بەك قېلىن بولۇپ كەتتى.
   مەن كىچىكىمدىن قوبۇل قىلغان ئائىلە تەربىيىسى، نىسبەتەن ئەنئەنىۋى تەربىيە بولۇپ، ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە مۇنداق ئىپادىلىنىدۇ:
   "ئەگەر ئۇ ئادەمنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى جەزىملەشتۈرەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەن ئالدىراپ تويلاشماڭ"؛
   "تويلىشىشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزنىڭ قانداق تۇرمۇشقا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغىنىڭىزنى ياخشى ئويلىنىڭ، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ تاللىشى ئۈچۈن مەسئۇل بولۇشى كىرەك"؛
   "تويلىشىشنى تاللىغان ئىكەنمىز، توي تۇرمۇشىنى تىرىشىپ ياىشى ئۆتكۈزۈشىمىز، زىددىيەتكە يولۇققان ۋاقىتتا، قانداق قىلىپ ئاجرىشىشنى ئويلاشماي، ئامال قىلىپ مەسىلىنى بىتەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنىشىمىز لازىم".
   شۇنىڭ ئۈچۈن، توي قىلىش ئىشىدا مەن ئىنتايىن ئىھتىياتچان پوزۇتسىيە تۇتۇپ، ئۇنىڭ مەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشنى خالايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلغاندىن كىيىن، ئاندىن ئۇنى ئاتا-ئانام بىلەن كۆرۈشۈشكە ئۆيگە باشلاپ ئەكەلدىم.
    بىزنىڭ ياشتىكى كىشىلەردە، توي تۇرمۇشىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە سەۋرچانلىق ۋە ئۇسۇل كەمچىل؛ شۇڭا ئۇلار ھەدىسىلا ئاجرىشىشنى تىلغا ئېلىپ قوپىدۇ.
   يېقىندا، نەۋرە ئاچام ئىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىپ، ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىتىپتۇ ھەمدە ئاجرىشىمەن دەپ تۇرۋاپتۇ؛ ئاخىرىدا ھاممام ئۇنى ئۆيدىن چىقىرۋىتىپ، ئىرىنىڭ ئۆيىگە كىتىشكە بۇيرىغان. ئەمىلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چوڭ بىر زىددىيەتمۇ يوق، تۇرمۇشتىكى ناھايىتى بىر كىچىك ئىشلاردا، نەۋرە ئاچام ئۆزىنى ئۇۋالچىلىق تارتقاندەك ھىس قىلغان.
    توي تۇرمۇشىدا، ئۇۋالچىلىق تارتىپ قالىدىغان ۋاقىت ھامان بولىدۇ. نەۋرە ئاچامنىڭ ئىشى يۈز بەرگەندىن كىيىن، مەن قېيىنئانامنىڭ ئۆيىدە خاپا بولۇپ قالسام، خالىغانچە ئانامنىڭ ئۆيىگە كىتىۋالمايدىغان بولدۇم.
    گەرچە بىر ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇۋىتىشى ناھايىتى ھارغىنلىق بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما مەن بۇنىڭدىن، ئۆزۈمنىڭ قىلمىشىلىرى ۋە توي تۇرمۇشى توغرىسىدا ئويلىنىشنى ئۆگىنىۋالدىم.
   توي تۇرمۇشىدا زىددىيەت كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، پەقەت ئىككى تەرەپ ئۆزىنى بېسىۋىلىپ ياخشى ئويلانسا، ئەمىلىيەتتە ھېچقانچىلىك بىر چوڭ مەسىلە يوق. مەسىلىنىڭ قەيەردە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇنى ھەل قىلىش، ئەمىلىيەتتە ئۇنچە تەس ئەمەس.
    لىكىن نۇرغۇن كىشىلەر، مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، باشقا بىر خىل ئۇسۇلنى، يەنى ئۆزىنى قاچۇرۇشنى تاللايدۇ.
    ئۆزىنى قاچۇرغاندا، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولمايلا قالماستىن، يەنە زىددىيەتلەرنىڭ يېغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا پەقەت ئاجرىشىش بىلەنلا ئاخىرلىشىدۇ.
    تالاغا قاراش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ راستىنلا بىزنىڭ يۈزىمىزنىڭ نىپىز قېلىنلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قەدىمقى زاماندا، ئاياللار ئەگەر تالاغا قارىسا، ئۇلارغا ئىنتايىن دەھشەتلىك جازا بىرىلەتتى؛ ھازىرقى كۈندىمۇ، تالاغا قاراش يەنىلا ئەخلاقنىڭ ئەيىبلىشىگە  ئۇچرايدۇ. ئەمما كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىمۇ ۋە كىتىشىمۇ ناھايىتى تىز بولىدۇ.
    بۇندىن باشقا، ھازىر تېخى بەزى ئەرلەر، ئاشنا تۇتىۋىلىشنى كۆز-كۆز قىلىدىغان بىر ئىش قاتارىدا كۆرىۋالىدۇ؛ ئاياللار بولسا تالاغا قاراشنى، ئۇچۇق-ئاشكارە ھالدا بەخىتلىك تۇرمۇشقا يۈزلىنىشتىكى سەكرەش پەللىسى قىلىۋالىدۇ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ ئار-نۇمۇسنى بىلمىگەنلىكىدىن بولىدۇ.
    نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق ئىشتىن خىجالەت بولماي، بۇنى چوڭ بىر ئىش قىلغاندەك بىلىپ كۆڭلىنى خوش قىلىپ يۈرسە، تالاغا قاراش نىسبىتى قانداقمۇ يۇقىرى بولمىسۇن؟
   قانداقلا ۋاقىتتا بولمىسۇن، تويلىشىش ناھايىتى مۇقەددەس بىر ئىش. ئەگەر تەييارلىقىڭىز پۈتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا توي تۇرمۇشىغا ۋاقتىنچە قەدەم باسماڭ؛ تىز قىلغان توينىڭ نەتىجىسى، كۆپىنچە يەنە تىز سۈرئەتتە ئاجرىشىپ كىتىش بولىدۇ. تالاغا قاراش بولسا، تويلىشىشقا قىلىنغان ھاقارەت بولۇپ، ئەگەر ياخشى كۆرمىسىڭىز، يالغاندىن ئىجىل-ئىناق ئۆتكەن قىياپەتكە كىرىۋالماڭ؛ ئاخىرىقى نەتىجە، ھەرگىز سىزگە ماسلىشىپ ئويۇن قويۇشۇپ بەرمەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号