ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ ئالتە خىل ئەھۋالدا بالىنى يۇيۇندۇرۇشقا بولمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ياز كۈنلىرى بوۋاقنى يۇيۇپ قويساق، راھەتلىنىپ خوش بولۇپ كىتىدۇ. بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئەھۋالدا بوۋاقلارنى يۇيۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
ۋاكسىنا ئەملەپ بولغاندىن كىيىن ۋاقتىنچە يۇيۇشقا بولمايدۇ
   بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ تىرىسىدە، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان يىڭنە تۆشۈكى ۋاقىتلىق قېلىپ قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا بالىلارنى يۇساق، يىڭنە تۆشۈكچىسى ئەتراپى ئاسانلا ياللۇغلىنىپ قېلىش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ.
قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ۋاقىتتا يۇيۇشقا بولمايدۇ
   بالىلارنى يۇغان ۋاقىتتا، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ئۆرۈپ-چۆرۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال، ئۇلارنىڭ قۇسۇشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ ھەمدە ئىھتىيات قىلمىغاندا قۇسۇق ماددىلارنى قايتا يۇتۇپ بىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
قىزىپ قالغاندا ۋە قىزىتمىسى يانغاندىن كىيىنكى 48سائەت ئىچىدە يۇيۇشقا بولمايدۇ
   كىسەللىك ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىققان قىزىشنىڭ 48سائەت ئالدى كەينىدە، بوۋاقلارنى يۇماسلىق كىرەك.  چۈنكى، يۇيۇش جەريانىدا، بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىپ، قارىماققا فېزىكىلىق ئۇسۇلدا بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تۆۋەنلەتكەندەك قىلغان بىلەن، ئەمىلىيەتتە بالىلارنىڭ يېشى كىچىك ھەم كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسى تۆۋەنلەش بىلەن بىرگە، سۇغۇق ھاۋا تۈك تۆشۈكچىلىرىنى بويلاپ بەدەنگە ئۆتۈپ، كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بالىلارنىڭ تىرىسى زەخمىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى يۇيۇشقا بولمايدۇ
   بالىلارنىڭ تىرىسى، سىرتقى زەخمە، كۈيۈك، يىرىڭلىق چاقا، تەمرەتكە قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى زەخمىلىنىشكە ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئۇلارنى يۇيۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بالىلارنى يۇيۇش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ تىرىسىدىكى جاراھەت يۈزى چوڭىيىپ كىتىدۇ ياكى ياللۇغلىنىپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار بولىدۇ.
ئىمىتىپ بولۇپلا كەينىدىن يۇيۇشقا بولمايدۇ
   بالىلارنى ئىمىتىپ بولۇپلا يۇساق، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى كۆپ قىسىم قان سۇيۇقلۇقلىرى، ئىسسىق سۇنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغان تىرە يۈز قەۋىتىگە يېغىلىپ، قوساق قىسىمغا قان تەمىنلەش نىسبەتەن ئازلاپ كىتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بالىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇندىن باشقا، بالا ئىمىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئاشقازىنى كېرىلگەن ھالەتتە تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى دەرھال يۇيۇندۇرىمىز دىسەك، بوۋاقنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز. شۇڭا ئادەتتە، بالىنى ئىمىتىپ بولۇپ، 2-1سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن يۇيۇندۇرساق مۇۋاپىق بولىدۇ.
بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بالىلارنى يۇيۇندۇرۇشتا ئىھتىيات قىلماق لازىم
   تۆۋەن بەدەن ئېغىرلىقتىكى بوۋاقلار دىگىنىمىز، ئادەتتە تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى بەدەن ئېغىرلىقى 2500گىرامدىن تۆۋەن بولغان بالىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى بالىلار كۆپىنچە بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلاردۇر. بۇ خىلدىكى بوۋاقلارنىڭ يىتىلىشى تولۇق بولمىغاچقا، تۇرمۇش ئىقتىدارى تۆۋەن، تىرە ئاستى ياغ قەۋىتى نىپىز كىلىدۇ،؛ بۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، ئەتراپتىكى مۇھىت تىمپىراتۇرسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسىدا ئاسانلا ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، بۇ خىلدىكى بوۋاقلارنى يۇيۇندۇرۇشتا قاتتىق ئىھتىيات قىلماي بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号