بالىلارغا يىمەكلىك ئارقىلىق ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش كۆرسەتمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بالىلار ئىھتىياجلىق بولغان ھەرقايسى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى يىمەكلىك ئارقىلىق تۇلۇقلاش كۆرسەتمە جەدۋىلى ئېلىپ كەلدۇق. ئەگەر بالىڭىزغا نىمە يىگۈزۈشنى بىلەلمەي قالغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بېقىڭ.
كالتسىي
ئون ئانىنىڭ ئىچىدە توققۇزى، بالىسىدا كالتسىي كەملىك كۆرۈلۈشتىن ئەنسىرەيدۇ؛ ئەمما بۇ توققۇز ئانىنىڭ ئىچىدە بەشى، بالىسىغا قارىغۇلارچە كالتسىي تۇلۇقلايدۇ. مەسىلەن، بىر قازان سۆڭەك شورپىسى قاينىتىپ بالىسىغا ئىچكۈزگەندىن كىيىن، كالتسىينى ناھايىتى بەك تۇلۇقلىۋەتتىم دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر سىزمۇ شۇنداق قىلغان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى تۆۋەندىكى بۇ سېلىشتۇرما رەسىمنى كۆرۈپ بېقىڭ.

رەسىمگە ئاساسلانغاندا، كالتسىي تەركىبى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى پىشلاق بولۇپ، ھەر 100گىرام پىشلاق تەركىبىدە 800-500مىللىگىرام كالتسىي ماددىسى بار؛ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى كالا سۈتى(قېتىق) بولۇپ، ھەر 100گىرام كالا سۈتى(قېتىق) تەركىبىدە 120-80مىللىگىرام كالتسىي ماددىسى بار؛ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى پۇرچاق سۈتى بولۇپ، ھەر 100گىرام پۇرچاق سۈتى تەركىبىدە20-10مىللىگىرام كالتسىي ماددىسى بار؛ سۆڭەك شورپىسى بولسا، بۇ تىزىملىكتىكى ئەڭ ئاخىرىقى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، 100گىرام سۆڭەك شورپىسى تەركىبىدىكى كالتسى مىقدارى، ئاران 5مىللىگىرام.
ئادەتتە، بىر ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان بالىلار، ھەركۈنى 600مىللىگىرام كالتسىي تۇلۇقلاشقا ئىھتىياجلىق بولۇپ، يۇقارقى جەدۋەلگە ئاساسلانغاندا، ئۇلار ھەركۈنى 500-300مىللىلىتىر كالا سۈتى ئىچسە ياكى 50گىرام پىشلاق يىسە، بۇ ئىھتىياجنى قامداپ كىتەلەيدۇ.
بۇندىن باشقا، دۇفۇ، دۇفۇ قېقى، راك، بەسەي، چىچەكسەي، يۇبەسەي، كۈنجۈت قاتارلىقلارنىڭمۇ كالتسىي تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى؛ ئەمما بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى كالا سۈتىنىڭكىدەك يۇقىرى ئەمەس.
تۆمۈر
بالىلارغا يىڭىدىن قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈشنى باشلىغاندا، ئەڭ تۇلۇقلاشقا تىگىشلىك بولغىنى تۆمۈر ماددىسىدۇر. تۆمۈر تولۇقلاشتا، يۇقىرى تۆمۈر تەركىبلىك مىفىندىن قالسا، گۆش يىيىش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.
ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە بىز ئىستىمال قىلىدىغان گۆش تۈرلىرىدىن كالا گۆشى بىلەن قوي گۆشىنىڭ تۆمۈر تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100گىرام كالا گۆشى تەركىبىدە 3.3مىللىگىرام، قوي گۆشى تەركىبىدە بولسا 2.3مىللىگىرام تۆمۈر ماددىسى بار ئىكەن.

بۇندىن باشقا، پالەك، چىلان، تۇخۇم سېرىقى، قىزىل شىكەر قاتارلىقلارنىڭ تۆمۈر تۇلۇقلاش رولى بار دىگەن قاراش توغرا ئەمەس بولۇپ، بۇ يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ مىقدارى تۆۋەن، ياكى بولمىسا بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا گۆش يەپ بىرىشتۇر.
سىنىك
ئەمىلىيەتتە، تۆمۈر تۇلۇقلاشتا تەۋسىيە قىلىنىغان گۆش تۈرلىرى، ئوخشاشلا سىنىك تۇلۇقلاشتىكىمۇ ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.
ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر 100گىرام كالا گۆشى تەركىبىدىكى سىنىك مىقدارى 4.73مىللىگىرامغا، قوي گۆشىنىڭ بولسا 3.22مىللىگىرامغا يىتىدىكەن.

بۇلاردىن باشقا، بېلىق، راك، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر، قاتتىق پوستلۇق يىمەكلىكلەر قاتارلىقلارنىڭمۇ سىنىك تەركىبى بىرقەدەر مول. بىراق، ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ئوت كىسلاتاسى قاتارلىق نەچچە تۈرلۈك كىسلاتالىق ماددىلار، سىنىكنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بالىلارغا سىنىك تۇلۇقلاشتا يەنىلا گۆش ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يىگۈزۈش ياخشىراق بولىدۇ.
DHA
بوۋاقلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە DHA تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.
ئادەتتە DHAنى يىمەكلىك ئارقىلىق تۇلۇقلاشتا، بېلىق گۆشى ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ، چوڭقۇر دېڭىز رايونلىرىدا ياشايدىغان بېلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى DHA مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى.

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن، ھەركۈنى 100مىللىگىرام ئەتراپىدا DHAغا ئىھتىياجلىق بولۇپ، بىر ھەپتىدە ئىككى ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 75-50گىرام ئەتراپىدا بېلىق گۆشى (چوڭقۇر دېڭىز رايونىدا ياشايدىغان بېلىقلار) يەپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ئىھتىياجىنى قامداشقا يىتەرلىك بولىدۇ.
ۋىيتامىن A
ۋىيتامىنA، دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولغان بىر خىل ئۇزۇقلۇق ماددا بولۇپ، بەدەندە ئۇ كەمچىل بولۇپ قالسا، ئادەمنىڭ ئىممونت كۈچى ئاسانلا تۆۋەنلەپ كىتىدۇ ھەمدە كىچىسى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بىراق، ۋىيتامىنAنى تۇلۇقلاش ئۇنچە تەس ئەمەس. دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى تىزىملىكتە بولسۇن!

بۇ جەدۋەلدىن قارىغاندا، چىچەكسەي، سەۋزە، پالەك، بەسەي، پىشلاق، ماڭگو، كاۋا قاتارلىقلارنىڭ ۋىيتامىنA تەركىبى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان چىچەكسەينى ئېلىپ ئېيتساق، ھەر 100گىرام چىچەكسەي تەركىبىدىكى ۋىيتامىنA نىڭ مىقدارى 1202مىكروگىرامغا يىتىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، قوغۇن، ئۈرۈك، يۇبەسەي، كەرەپشە، تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىقلارنىڭمۇ ۋىيتامىنA تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى.
ۋىيتامىنC
ۋىيتامىنCنىڭ بالىلارنىڭ تىرىسى ۋە ئىممونت سېستىمىسىنىڭ يىتىلىشىگە ناھايىتى مۇھىم رولى بار، شۇڭا كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كىرەك.
ئادەتتە تاماق تەييارلاش جەريانىدا، يىمەكلىك تەركىبىدىكى ۋىيتامىنلار بەلگىلىك مىقداردا خوراپ ئېقىپ كىتىدۇ؛ ئەمما ۋىيتامىنC تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىشلەتسەك، تەييارلاش جەريانىدا ئازراق خوراپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، نورمال ئىھتىياجنى قامداشقا يەنىلا يىتەرلىك بولىدۇ.

يۇقارقى جەدۋەلدىن قارىغاندا، قىشلىق چىلاننىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىنCنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر 100گىرام قىشلىق چىلان تەركىبىدىكى ۋىيتامىنCنىڭ مىقدارى 243مىللىگىرامغا يىتىدۇ. بۇندىن باشقا، رەت تەرتىۋى بويىچە، سەي لازىسى، مايمۇن شاپتۇلى، چىچەكسەي، بامبۇك نوتىسى، كاللەكبەسەي قاتارلىقلارنىڭمۇ ۋىيتامىنC تەركىبى ئىنتايىن مول.
بۇلاردىن باشقا يەنە، جۈزە، ئۈزۈم، ماڭگو، قوغۇن، پالەك، يۇبەسەي، شوخلا قاتارلىقلارنىڭمۇ ۋىيتامىنCتەركىبى بىرقەدەر يۇقىرى.