ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
ئەقىللىق بالىلارنىڭ بۇ بەش خىل "ناچار" ئادىتى بار بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-02كۆرۈلىشى : قېتىم
   بىر بالىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولالىشى ياكى بولالماسلىقىنى، ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئىپادىلىرىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ؛ بولۇپمۇ مەلۇم بىر جەھەتتە، ئەگەر بالىنىڭ ئىپادىسى باشقا بالىلارغا قارىغاندا ئالاھىدە بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋال، بالىنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم ئەقىللىق ئادەم بولۇپ  يىتىشىپ چىقىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. ئادەتتە، ئەقىللىق بالىلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك "ناچار ئادەتلىرى" بار بولىدۇ.
ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان
   نۇرغۇن بالىلار كىچىك ۋاقتىدا، ھەمىشە ئاتا-ئانىسىغا گەپ ياندۇرۇشقا ئامراق ھەمدە ئاسانلا ئاچچىقلىنىپ خاپا قىلىدىغان كىلىدۇ؛ نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىدىن بېشى قېتىپ، بالىسىنى ئەسكى بولۇپ قالدى، قارشىلىق كۆرسىتىپ ئەكسىچە ئىش كۆرۈش پىسخىكىسى يىتىلدۈرۋالدى دەپ قارايدۇ. بىراق، بۇ ئەمىلىيەتتە بالىلارنىڭ ئۆز ھىسياتىنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، بالىلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ كۆز-قاراشلىرى بار بولۇشقا باشلىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئاچچىقلىنىشىغا يول قويۇشى، ئۇلار بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى توغرا چۈشىنىشى كىرەك. بۇنىڭدا، بالىلار بارغانسىرى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولۇپ كىتىدۇ.
قورقۇنچاق
   كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدە، بالىسىنىڭ قورقۇنچاق بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس. قورقۇنچاقلىق، ھەرقانداق بىر بالا باشتىن ئۆتكۈزىدىغان بىر خىل پىسخىكىلىق كەچمىش بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ ئېغىر يىنىكلىك دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلاردا قورقۇنچاقلىق ئىپادىسىنىڭ كۆرۈلۈشى، ئۇلارنىڭ دۇنيانى تۇنۇشقا باشلىغانلىقى ۋە ناتۇنۇش كىشىلەرنى تۇنۇپ ئايرىشقا باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ناتۇنۇش كىشىلەردىن قورقۇپ يېقىن كەلمەيدىغان قىلمىشىدىن بەك ئەندىشە قىلپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، بۇ پەقەت ۋاقىتلىق بىر ئەھۋال.
ھەمبەھەرلىنىشنى خالىماسلىق
   كۆپ قىسىم بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدا، شەخسيەتچىلىك خارەكتىرى بار بولۇپ، ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىگە قارىتا ئىگەللىۋىلىش ئىستىكى بار بولىدۇ؛ بالىلارنىڭ بۇ خىل مىجەزىنى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ياقتۇرماي، بۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئەيىبلىمەي ھەمدە ئۇلارنى ھەمبەھىرلىنىشكە مەجبۇرلىماي، ئۇلارنى مۇۋاپىق تۈردە يىتەكلەپ، ئۇلارغا ھەمبەھىرلىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش كىرەك.
يالغان ئېيتىش
   كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار، يالغان ئېيتقان بالىلارغا قارىتا قاتتىق تەنبىھ ۋە جازا بىرىدۇ؛ بىراق، بەزىبىر تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشچە، قانچىكى بۇرۇن يالغان سۆزلەشنى باشلىغان ھەمدە يالغاننى قانچىكى ئوخشىتىپ سۆزلىگەن بالىلارنىڭ ھىسي كۆرسەتكۈچى شۇنچە يۇقىرى، ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇ بالىلارنى يالغان سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كىرەك دىگەنلىك ئەمەس؛ ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا قارىتا زىيادە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرماستىن، بەلكى بالىلارنى توغرا يولغا يىتەكلەپ، بالىلارنىڭ خاتالىق قىلمىشىنى توغرا ئۇسۇلدا تۈزىتىش كىرەك.
گەپنى كۆپ قىلىش
   نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ كۆپ گەپ قىلىشىغا قارىتا، زىرىكىپ كەتكەنلىك تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، بالىلارنىڭ گەپنى كۆپ قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش مەزگىلىدىكى ئىپادىسى بلۇپ، بۇنداق بالىلار ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە كىلىدۇ ھەمدە ھىسي كۆرسەتكۈچىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号