ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ كۆكتات يۇپۇرمىقىنى تاشلىۋەتمەڭ، بالىڭىزغا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئادەتتە سىز ئۆيدە كەرەپشە ئىشلەتسىڭىز، ئۇنىڭ يۇپۇرماقلىرىنى تاشلىۋىتەمسىز؟
   ئەمىلىيەتتە، كەرەپشە يۇپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى، غولىغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدىكى ۋىيتامىن A بىلەن كاروتىن مىقدارى، غولىدىكىنىڭ 8 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ؛ ۋىيتامىن C، كالتسى، تالا ماددىلىرى قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىمۇ غولىنىڭكىدىن يۇقىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىغا كەرەپشە يىگۈزگەندە، ئۇنىڭ يۇپۇرماقلىرىنى يۇلۇپ تاشلىۋەتمەسلىك كىرەك.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، كەرەپشە يۇپۇرمىقىنىڭ تەمى ئازراق ئالاھىدە بولۇپ، ئازراق تۇزلۇق كىلىدۇ. چۈنكى، ئادەتتىكى باشقا كۆكتاتلارغا قارىغاندا، كەرەپشە يۇپۇرمىقىنىڭ ناترى تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى. ئەلۋەتتە، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئادەتتە ئىستىمال قىلىدىغان گۆش، ئانا سۈتى، تۇخۇم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ناترى تەركىبى بار بولۇپ، بۇلار، بەزىبىر ئۇششاق يىمەكلىكلەرگە قوشۇلغان ناترىي تەركىبىدىن كۆپ ئاز بولىدۇ.
   ئۇنداقتا، سىزنىڭ بوۋىقىڭىز ئادەتتە كەرەپشىنى قانداق يەيدۇ؟ ئەگەر كەرەپشە يۇپۇرمىقىنى بىۋاستە يىيىشكە ئادەتلەنمىگەن بولسا، كىيىنكى قېتىم بالىڭىزغا كەرەپشە يۇپۇرمىقىدا يۇمشاق قاتلىما سېلىپ بىرىڭ.
   بۇ خىل قاتلىما يۇمشاق چىقىدىغان بولۇپ، 10ئايلىق بالىلارمۇ يىيەلەيدۇ. ئەگەر ئۈستىگە چۈچۈمەل تەملىك بولغان پەمىدۇر قىيامىدىن ئازراق قوشۇۋەتسەك، بالىڭىز چوقۇم ياقتۇرۇپ يەيدۇ.
   قالغان كەرەپشە غولىدا، سىز قورۇما قورىسىڭىز بولىدۇ.

كەرەپشە يۇپۇرمىقى قاتلىمىسى تەييارلاش ئۇسۇلى
    ماس كىلىدىغان بالىلار: 10ئايلىقتىن ئاشقان بوۋاقلار ياكى چوڭراق بالىلار
    كىتەرلىك ماتىريال: مۇۋاپىق مىقداردا كەرەپشە يۇپۇرمىقى، 50گىرام ئۇن، ئىككى تۇخۇم
بىرىنچى قەدەم
   ماتىرياللارنى تەييارلىۋالىمىز
ئىككىنچى قەدەم
    كەرەپشە يۇپۇرمىقىنى ئۈزۈپ ئالغاندىن كىيىن، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ، 10سىكونت قاينىۋالىمىز؛ بۇنىڭدا، كەرەپشىنىڭ ئاچچىق تەمىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى قەدەم
   قاينىتىۋالغان كەرەپشە يۇپۇرمىقىنى ئۇششاق توغرايمىز؛
تۆتىنچى قەدەم
    ئۇننى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە ئىككى تۇخۇم چېقىپ قوچۇپ ئارىلاشتۇرىمىز؛
بەشىنچى قەدەم
   توغراپ تەييار قىلغان كەرەپشە يۇپۇرمىقىنى، قوچۇپ تەييارلىغان ئۇماچقا سېلىپ، تېمىپ كەتمەيدىغان ھالەتكە كەلگۈچە ئارىلاشتۇرىمىز؛(ئەگەر بەك سۇيۇق بولۇپ كەتسە ئازراق ئۇن قوشساق بولىدۇ، بەك قويۇق بولۇپ كەتسە، ئازراق سۇ قوشۇۋەتسەك بولىدۇ)
ئالتىنچى قەدەم

   چاپلاشماس قازاننى ئېسىپ قىزىتقاندىن كىيىن، ئوتنى كىچىك ئوتقا يۆتكەپ، بىر چۆمۈچ ئۇماچنى قازانغا قۇيۇپ، پوشكال پىشۇرغانغا ئوخشاش كىچىك ئوتتا 4مىنۇت ئەتراپىدا قاقلاپ پىشىرۇمىز.
يەتتىنچى قەدەم
    پىشقاندىن كىيىن قاچىغا تىزساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号