ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى.
   بالىلارغا تۇنجى قېتىم يىگۈزمەكچى بولغان قوشۇمچە يىمەكلىكتە، ئادەتتە تۆمۈر تەركىبى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى، بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەكلىك ئارقىلىق تۆمۈر ماددىسى تۇلۇقلاش كىرەك بولىدۇ.
   بۇنىڭدىن باشقا، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتا، تۆۋەندىكىدەك ئالتە چوڭ پىرىنسىپنى بىلىۋىلىش لازىم بولىدۇ.
   1. قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى قوشۇپ يىگۈزۈش تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كىرەك: ئاۋال ئازدىن باشلاپ تەدرىجى كۆپەيتىش ھەمدە ئاۋال سۇيۇقتىن تەدرىجى قويۇق تائاملارغا ئۆتۈش؛ بوۋاقلار ئازراق ماسلىشىۋالغاندىن كىيىن، ئاندىن مىقدارىنى ۋە قويۇق-سۇيۇقلۇقىنى ئۆزگەرتىش.
   2. ھەر قېتىمدا پەقەت بىر خىللا يىڭى يىمەكلىك قوشۇش: ھەربىر قېتىم يىڭى بىر خىل يىمەكلىكنى يىگەندىن كىيىن، بوۋاقنىڭ ئەھۋالىنى 5-3كۈن ئەتراپىدا كۆزىتىپ، باشقا بىنورماللىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەندىن كىيىن، ئاندىن نورمال يىگۈزۈش.
   3. تۆمۈر تەركىبى مول بولغان قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى ئالدىنئالا ئويلىشىش.
   4. يىمەكلىكلەرنى تۈرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش: مەسىلەن، سۈت تۈرى، دانلىق زىرائەتلەر، مىۋە-كۆكتاتلار، گۆش-تۇخۇم دىگەنلەرگە ئوخشاش بولۇپ، ئىمكان قەدەر كۆپ خىللاشتۇرۇش؛ بۇندىن باشقا يەنە، مۇۋاپىق تۈردە ئۆسۈملۈك مېيى قوشۇلسا بولىدۇ.
   5. سۈت ئىچىش ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش: 12-7ئايلىق بوۋاقلار ھەركۈنى ئىھتىياجلىق بولىدىغان سۈت مىقدارى 1000-600مىللىلىتىر؛ بىر ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، ھەركۈنلۈك ئىھتىياجلىق بولىدىغان سۈت مىقدارى 500-300مىللىمىتىر.
   6. خۇرۇچ ماتىرياللىرى قوشماسلىق: بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك تەييارلىغاندا، يىمەكلىكنىڭ تەبىئى تەمىنى ساقلاش، تۇز ۋە باشقا ھەرقانداق غىدىقلاش خارەكتىرىدىكى خۇرۇچ ماتىرياللىرىنى قوشماسلىق كىرەك.
     يۇقارقىلارنى ئىسىڭىزدە تۇتۇۋالسىڭىز، سىز بىر لاياقەتلىك ئانا بولالايسىز. ئەگەر يەنە باشقا بىلەلمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا، ئۆزىڭىز قالايمىقان ئىش كۆرمەي، ئەڭ ياخشىسى تەجىربىسى بار كىشىلەردىن مەسلىھەت سورىسىڭىز ياكى كىتاپ-ماتىريال كۆرۈپ پايدىلانسىڭىزمۇ، ھەتتا دوختۇرخانىدىكى ئۇزۇقلۇقشۇناس مۇتەخەسسىسلىرىدىن مەسلىھەت ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ جۈملىدىن ئۆزىڭىز بىلىپ قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ. بولمىغاندا، بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە، ھەتتا كىيىنكى پۈتكۈل ئۆمرىگە تەسىر يىتىپ قېلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号